پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • سامساق بىلەن كېسەل داۋالاش
  • چاي شامىسى سېلىنغان ياستۇق كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ ، مېڭى ...
  • ھەيز نورمالسىزلىق
  • قەنت كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • ھەرخىل باش ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار
  • چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • بالىياتقۇ بوينى زېدىسى
  • كۆز ئاغرىقى ۋەكۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ي ...
  • چىش ئاغرىقىنى داۋالاش
  • ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • جېگەر كېسىلىنى داۋالاش
  • بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
  • قان بېسىمىنى ئۈستۈنلۈك كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋ ...
  • يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش
  • بۆرەك ياللۇغى
  • قۇلاق قىچىشىش
  • تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى
  • گالغا سۆڭەك ياكى باشقا نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىشنى يەرلىك ئ ...
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق ئاغرىقى ۋە گاسلىقنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قىزىلئۆڭگەچنى پەيدا قىلدىغان ئامىللار
  • ئاشقازان راكى
  • يۈرەك سانجىقى
  • بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى داۋالاش
  • سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
  • سېرىقئېشەك ۋە يىلان چېقىۋالغانلارنى يەرلىك ئۇسۇلدا دا ...
  • ھۆل تەمرەتكە
  •  
    كۆز قارىچۇقى كېسەللىكلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-03-30 ئاۋاتلىقى:13
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

          تىبابىتىمىزدە كۆزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قىرۇسىمان سۇيۇقلۇق قېپى ( غىلافى رۇتۇبەتى جەلىدىيىيە ) يەنى كۆز گۆھىرى ، كىرپىكسىمان چاندىر ( زەۋائىدى ھۇدبىييە )لار ، شىشىسىمان سۇيۇقلۇق ( رۇتۇبەتى زۇجاجىييە ) ، بالا ھەمراھسىمان پەردە ( تەبەقەئى مەشىيمىييە ) يەنى قان تومۇرلۇق پەردە ۋە ئۇنىڭ ئالدى قىسمى بىلەن ئۈزۈمسىمان پەردە ( تەبەقەئى ئىنەبىييە ) ، تورسىمان پەردە ( تەبەئەئى شەبەكىييە ) ۋە ئۇنىڭ كۆز توقىچىقى ( قۇرسۇلبەسەرى ) ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سېرىق نۇقتا ( نۇقتەئى زەردە ) ۋە كۆرۈش نېرۋىسى ( ئەسەبىي مۇجەۋۋەفە ) قاتارلىقلاردىكى غەيرىي نورمال ئۆزگىرىشلەردىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرىنى كۆز قارىچۇقى كېسەللىكلىرى قاتارىغا كىرگۈزىدۇ .
    كۆزنىڭ بۇ ئەزالىرى كۆرۈش خىزمىتىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينىغاچقا ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەر ، خىلىتلىق - خىلىتسىز مىزاج ئۆزگىرىشلىرى ۋە روھ - قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمالسىزلىنىشىدىن ئۇلاردا سادىر بولغان مىزاج ، شەكىل ۋە ھالەت جەھەتتىكى نورمالسىزلىقلار ۋە كۆز كېسەللىكلىرى كۆزنىڭ كۆرۈشىگە بىۋاستە ھالدا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، كۆز ئاجىزلىقى ( زەئفۇلبەسەرى ) ، كۆز كۆرمەسلىك ( بوتلانى بەسەر ) ، ئالغايلىق ( ھەۋەل ) ، نامازشام قارىغۇسى ( شەبكورى ) ، كۈندۈزى كۆرمەسلىك ( رۇزكۇرى ) ، كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقلاردىن قېچىشى ( بوغزۇلئەينى ) ، كۆزنىڭ نۇر يىغالماسلىقى (ئىنتىشارۇلبەسەرى ) ، ، كۆز قارىسىنىڭ پولتىيىپ چىقىشى ( مۇرسەرەج ) ، كۆز قارىچۇقىنىڭ كېڭىيىشى ( ئىتتىسائى مۇجەۋۋەفە ) ، كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىشى ( زەيقى سۇقبەئى ئىنەبىييە ) ، كۆزگە سۇ چۈشۈش ( نۇزۇلۇلمائ ) ، كۆزگە كومۇتا ، پاشىغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۇچقاندەك كۆرۈنۈش ( خىيالات ) قاتارلىقلاردا كۆزنىڭ نەرسىلەرنى نورمال ، روشەن ياكى تۇلۇق كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ئۇلاردىكى نورمالسىزلىق ۋە كېسەللىكلەرنى داۋالاش باشقا كۆز كېسەللىكلىرىگە قارىغاندا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

    كۆز قارىچۇقىغا تەئەللۇق كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جىددى ۋە ئىنچىكلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى داۋالاشتا مەسئۇلىيەتچان ، ئەستايىدىل ۋە ئىلىمىي پوزىتسىيە تۇتۇش لازىم . بەزىلىرىدە ئىچكى جەھەتتىكى داۋالاشنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي ، بەلكى سىرتقى جەھەتتىكى داۋالاشنى بولۇپمۇ دەستىكارلىق ئۇسۇلى بىلەن داۋالاشنى زىچ ماسلاشتۇرۇش لازىم . ئىچكى جەھەتتە داۋالاشتا كېسەل ماددىسىنى پەرق ئېتىش ۋە مىزاجنى ئوڭلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ، كۆزنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى مۇۋاپىق تۈردە ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش لازىم . مەسىلەن ، كۆز ئاجىزلىقى ، كۆز كۆرمەسلىك ،ناماز شام قارىغۇسى ۋە كۈندۈزى كۆرمەسلىك ، ئالغايلىق ، خىيالات قاتارلىقلار سىرتقى جەھەتتە داۋالاشتا يەرلىك ئورۇنغا دورا ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپلا قالماي ، بەلكى دەستىكارلىق ئۇسۇلنى شەرت - شارائىتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش لازىم . مەسىلەن ، كۆزگە سۇ چۈشۈش ، ( نۇزۇلۇلمائ) ، كۆزگە ئاق چۈشۈش ( بەيازۇلئەينى ) ، كۆز قارىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىقلار . دەستىكارلىق ئەمەلىيىتىنى ئېلىپ بېرىشتا مەزكۇر كېسەللىكلەردە دەستىكارلىق زۆرۆرىيىتى ھازىر بولغان بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئاغرىقتا بولۇشقا تېگىشلىك بەزى شەرتلەر ھازىر بولغان بولۇشى لازىم . چۈنكى كۆز قارىچۇقىدىكى دەستىكارلىققا تەئەللۇق كېسەللىكلەر مۇرەككەپ بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئاغرىقتا بولۇشقا تېگىشلىك بەزى شەرتلەر ھازىر بولغان بولۇشى ، شارائىت تولۇق بولۇشى ، ( شارائىت بولمىسا غەربچە داۋالاش ئورۇنلىرىغا يوللىشى ) ھەمدە تىۋىپ دەستىكارلىق مەشغۇلىيەتلىرىگە پىشقان بولۇشى لازىم . چۈنكى كۆز قارىچۇقىدىكى دەستىكارلىققا تەئەللۇق كېسەللىكلىرىگە مۇرەككەپ بولۇپلا قالماي ، بەلكى دەستىكارلىق باسقۇچىلىرىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ  . دەستىكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن بەدەننى تەنقىيە قىلىش ، ئوپىراتسىيىدىن كېيىن مەلۇم مەزگىل  كۆز پەرۋىشىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇش ، بولۇپمۇ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ، قاتتىق ۋارقىراش ، يۆتىلىش ، چۈشكۈرۈش ، ۋە باشنى تۆۋەنگە ئېڭىشتۈرۈشتىن ساقلىنىش ، ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك . يېمەك - ئىچمەكنى رەتكە سېلىش ، ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئەمما ئاسان سىڭىدىغان غىزالارنى ئىستېمال قىلىش لازىم .
     
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ