ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى جىگەر قېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ۋاقتىدا چارە قىلماسلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر ھۈجەيرىلىرى ياكى جىگەردىكى ئۆت نەيچە ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ ،كلىنىكىدا جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ، ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك جىگەر چوڭىيىش ، ماددىسى قاتتىقلىشىش ، جىگەرنى تۇتقاندا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تۈگۈنچىلەر ياكى چوڭ مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇنۇش ، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، 50 ~ 30 ياشلىقلاردا ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپلەر ئۇچرايدۇ . ئەرلەر بىلەن ئاياللاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى 4 - 8:1 بولىدۇ .
سەۋەبى
1. جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش كېسىلىسە توقۇلمىلار كۆپلەپ زەخىملەنگەچكە ، يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلارنىڭ نورمال ئۆسۈش قانۇنىيىتى قالايمىقانلىشىپ ، تەدرىجىي راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2. پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
بۇنىڭدا جۇڭخۇا ئاچىماق ئۇرۇقدانلىق قۇرتى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، بۇ قۇرت تەدرىجىي يېتىلىپ ، جىگەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆت نەيچىسى ئىچىدە پارازىتلىق بىلەن ياشاپ ، ئۆت نەيچىسى ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسىنى غىدىقلاپ ، بەز ئۆسمىسىگە ئوخشاش قايتا ئۆسۈشنى پەيدا قىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۆت نەيچە ھۈجەيرە راكى كېلىپ چىقىدۇ .
3. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
بىر قىسىم جىگەر راكى كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ئائىلە جەمەتىدە ئىرسىيەتلىك تارىخى بولىدۇ .
4. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى ، ئافلا توكسىننىڭ يېمەك - ئىچمەكلەرنى بۇلغىشى ، تەركىبىدا نىتروزامىن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش ، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىغا تەكرار يولۇقۇش ، راك پەيدا قىلغۇچى ئېلېمېنتلار بولغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلار خىزمىتى قالايمىقانلىشىش ، بەزى بىئوخىمىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئالامىتى
1. جىگەر رايونى ئاغرىيدۇ ، راك مونەكچىلىرى ئۆسۈپ ، جىگەر سىرتقى پەردىسىنى باسقانلىقتىن ، جىگەر ساھەسى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئاغرىق كۆپىنچە داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئېسىلىپ ئاغرىش ياكى تېلىپ ئاغرىش خاراكتېرىدە بولىدۇ ، ئەگەر دىئافراگمىغا تەرەققىي قىلسا ، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ مۈرىگە تارقىلىدۇ ، جىگەر قاپ پەردىسى ئاستى قانىغاندا ئاغرىق ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ ، ھەتتا شۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . جىگەر ۋېناسىدا راك ئىمبولى بولسا ئاغرىق قاتتىق بولىدۇ ، قوشۇمچە قورساققا سۇ چۈشۈشنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ ، سېرىقلىق چۈشىدۇ .
2. ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى : ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . مونەك ئورنى سول تەرەپتە بولسا ، يۇقىرى قورساقنىڭ ئېسىلىشى ئېنىق بولىدۇ . ئوڭ بۆلەكتە بولسا ئانچە ئېنىق بولمايدۇ ، ئاخىرقى دەۋرىدە كۆپىنچە ئېغىر دەرىجىدە كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش ، تەكرار ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ .
3. پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر : ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئورۇقلايدۇ ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ ، قىزىيدۇ ، بەدەن قاناشقا مايىللىشىپ چىش تۈۋى قانايدۇ ، بۇرۇن قانايدۇ .
4. باشقا ئورۇنلارغا كۆچكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ ، ئەگەر ئۆپكىگە كۆچكەن بولسا ، نەپەس سېستىمىسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . سۆڭەككە كۆچكەن بولسا ، راك ھۈجەيرىلىرى كۆچكەن ئورۇننىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مېڭىگە كۆچكەن بولسا ، نېرۋا سېستىمىسى قالايمىقانلىشىدۇ ، ئومۇرتقىغا كۆچكەن بولسا كەسمە پالەچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
5. جىگەر قېتىشنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ . مەسىلەن : تال چوڭىيىدۇ ، جىگەرلىك ئالىقان ، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ شەكىللىنىدۇ ، قورساق دىۋارىدىكى ۋېنالار كۆپىدۇ ، قىزىلئۆڭگەچ ۋېنالىرى ئەگرى - بۈگرى كۆپىدۇ ، قورساققا سۇ چۈشىدۇ . ئۆسمە چوڭايغاندا يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىش بىلەن بىرگە كۆپىنچە قورساق سۈيى قانلىق بولىدۇ ، قورساق دىۋارى جىددىي بولىدۇ .
داۋالاش
1. تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان مۇرەككەپ سەرتان مەجۈنى بېرىلىدۇ .
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : ئۇچقۇن پاقا 210 گرام ، ئاق يەر يىلىنى 190 گرام ، ئوق يىلان 180 گرام، ئۈچ خىل ھېلىلە ئىتى ، ئانارگۈلى ، ئاقمۇچ ، ئاقاقىيا ، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە ، كەتىرا ، ئادراسىمان ئۇرۇقى 10 گرامدىن ، ئاقىرقەرھا ، كەت ھىندى ، مەرۋايىت ، كۆيدۈرۈلگەن ئەينۇلا پوستى ، خەشخاش پوستى ، ھاڭگا تىرەك ئۇرۇقى ، نۆشۈدۈر 13 گرامدىن ، بۇغا مۇڭگۈزى كۈلى ، كۆيدۈرۈلگەن بىخ مارجان ، ساپ چاچ كۈلى ، قىرقىلغان پىلە تالقىنى 20 گرامدىن ، لوك ، زىراۋەندە ، دارچىن ، رەۋەن ، جۆئدە ، ئىزخىر ، غولقاڭ ، سەبرى 13 گرامدىن ، ئادەمگىياھ ، شاقاقۇل ، سۆئلەپ 18 گرامدىن ، ئىپار 11 گرام ، سىماب كۇشتىسى 17 گرام . دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 6 ~ 3 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
2. دورىلىق يەم بىلەن بېقىلغان توخۇ 4 ~ 3 كۈندە بىردىن يەپ بېرىلىدۇ .
3. تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان ھەببى شەبيار بېرىلىدۇ .
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : سەبرى 20 گرام ، ئەفتىمۇن ، غارىقۇت ، مەھمۇدى ، ھېلىلە كابىلە پوستى ، تۇربۇت ، ئانارگۈلى تۆت گرامدىن ، ئۈستقۇددۇس 20 گرام ، زەمچە 12 گرام . دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، تالقانلاپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ ھەب تەييارلىنىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە بىر قېتىم چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن 5 ~ 3 دانىدىن بېرىلىدۇ .
4. كۈندە ئۈچ قېتىم ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل جەۋھىرى بېرىلىدۇ .
5. مۇرەككەپ سەرتان مەلھىمى تەييارلاپ ، جىگەر ئۇدۇلىغا چېپىلىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، ئاچچىق - چۈچۈك ، بۇلغانغان ، چىرىگەن ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەك - ئىچمەكلەرنى ۋە تەركىبىدە راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولغان يېمەك - ئىچمەكلىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ .
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ، سىڭىشلىك يېمەك - ئىچمەكلەر مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلىنىدۇ .
3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ، تاماكا چېكىشتىن ، كېسەللىككە سەل قاراپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .
4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش ، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە - ساياھەت قىلىش ، كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا ، دوختۇرغا ، دورىغا ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ، داۋالىغۇچى دوختۇرلار بىمارنىڭ تېمپىراتورىسىنىڭ نورمال بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا ، دورىلىق توخۇنى يېگۈزۈشكە سەل قارىماسلىق قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .