قاپاققا تۈگۈنچەك پەيدا بولۇش ( ئوقدەتۇلجەفەنى ) ئۈستۈنكى قاواق تېرە ئاستىغا قاتتىق تۈگۈنچەك پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان . سەۋەبى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئۈستۈنكى قاپاققا تۆكۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ . داۋاسى دەسلەپتىلا يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش . سەۋدا ماددىسىنى قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچكى ، تاشقى جەھەتتىن ئىشلىتىش لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن قاپاقنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ، قايناقسۇغا چىلانغان لۆڭگە ياكى گرېلكا بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك . مۇمنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاپاققا چېپىش ، شۇمشا ۋە زىغىرنىڭ شىرىسى ( لوئابى ) نى چىقىرىپ سۈرۈش لازىم ، تۈگۈنچەك يۇمشىغاندىن كېيىن ئۇنى `تارقىتىش ئۈچۈن مەلھىمى داخلىيۇن قاتارلىق يۇمشىتىپ تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم . ئەگەر تۈگۈنچەك ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئوخشاش تۇتسا ئاسان مىدىلاپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىمىغان بولسا مەلھىمى داخلىيۇندىن باشقا يەنە يۇمشىتىش ۋە تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە لوئابلارنى ئىشلىتىش كېرەك . ئەگەر ، تۈگۈنچەك بارغانسېرى چوڭىيىپ رەڭگى كۆكۈش بولۇپ قالسا ھەمدە ئۇنىڭدىن تومۇردەك نەرسىلەر ئەتراپقا تارقىسا ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭدا دورىلار بىلەن داۋالايمەن دەپ ھەپىلەشمەي دەستىكارلىق ئۇسۇللاردا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
|