رېتسېپ : ئالقاتتىن 9 گرام ، سېرىق يۆگەيدىن 15 گرام ، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن 15 گرام ، ئەجدىھا سۆڭىكىدىن 15 گرامنى قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : بەل - پۇت سىرقىراپ ئاغرىش ، جىنسىي ئاجىزلىق ، كۆپ ئېتىلام بولۇش ۋە نېرۋا ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : قارا پۇرچاقتىن 60 گرام ، يۇكۇمىيىدىن 12 گرام ، ئارپىبەدىياندىن 3 گرام ، ھۆل زەنجىۋىلدىن 9 گرام ، قوي يۈرىكىدىن 2 دانە ئېلىپ ، ئالدى بىلەن بۆرەكنىڭ سىرتقى پەردىسىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ يۇيۇلىدۇ . ئاندىن 4 خىل دورىنى قاينىتىپ ، دورىنىڭ تەمى چىققاندىن كېيىن ، توغرالغان بۆرەكنى دورا سۈيىگە سېلىپ قاينىتىپ ، بۆرەك پىشقاندا بۆرەك بىلەن پۇرچاقنى يەپ ، دورا سۈيى ئىچىپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : ئاساسلىق بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان بەل - پۇت ئاغرىقى ، جىگەر ، بۆرەك ئاجىزلىقىغا داۋا بولىدۇ . بەدەننىڭ مەنپىيلىكى ئاجىزلىغان بىمارلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ . رېتسېپ : دىپساق ، لىپەكگۈل ، يۇكۇمىيىنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامنى كۈندە قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، بەل - پۇت ئاغرىقى يېنىك بىمارلار 7 كۈندە شىپا تاپىدۇ . كېسىلى ئېغىر بىمارلارغا 15 كۈندە ئۈنۈم بېرىدۇ . رېتسېپ : پىششىق ئەگرىسۇنايدىن 13 گرام ، كىرەشدىن 10 گرام ، ئاق چوغلۇقتىن 12 گرام ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن 3 گرامنىكۈندە قاينىتىپ ، ئەتىگەن ۋە كەچتە 2 قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . رېتسېپ : كەتىرا ئۇرۇقىدىن 15 گرام ، يۇكۇمىيەدىن 12 گرام ، ۋادۋۇردىيەدىن 9 گرامنى قاينىتىپ ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە ، بۆرەك ، جىگەر ئاجىزلىقىدىن بولغان بەل - پۇت تىلىپ ئاغرىشقا شىپا بولىدۇ .
|