پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • سامساق بىلەن كېسەل داۋالاش
  • چاي شامىسى سېلىنغان ياستۇق كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ ، مېڭى ...
  • ھەيز نورمالسىزلىق
  • قەنت كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • ھەرخىل باش ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار
  • چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • بالىياتقۇ بوينى زېدىسى
  • كۆز ئاغرىقى ۋەكۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ي ...
  • چىش ئاغرىقىنى داۋالاش
  • ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • جېگەر كېسىلىنى داۋالاش
  • بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
  • قان بېسىمىنى ئۈستۈنلۈك كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋ ...
  • يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش
  • بۆرەك ياللۇغى
  • قۇلاق قىچىشىش
  • تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • گالغا سۆڭەك ياكى باشقا نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىشنى يەرلىك ئ ...
  • قۇلاق ئاغرىقى ۋە گاسلىقنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قىزىلئۆڭگەچنى پەيدا قىلدىغان ئامىللار
  • ئاشقازان راكى
  • يۈرەك سانجىقى
  • بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى داۋالاش
  • سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
  • سېرىقئېشەك ۋە يىلان چېقىۋالغانلارنى يەرلىك ئۇسۇلدا دا ...
  • ھۆل تەمرەتكە
  •  
    مەقئەت تەمرەتكىسىنىڭ سەۋەبلىرى ھەم ئالدىنى ئېلىش
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-27 ئاۋاتلىقى:31
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


        تەمرەتكە كۆپ ئۇچرايدىغان ، كۆپ قوزغىلىدىغان ، داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بولغان كېسەللىكتۇر . بۇ خىل كېسەللىك كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە .نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ، بولۇپمۇ ياۋروپا ،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر زور مىقداردا مالىيە ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ تەتقىقاتقا كىرگەن بولسىمۇ ، لېكىن كېسەل پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە مېخانىزمى تېخى ئېنىق بولمىغان تېرە كېسەللىكىنى ئۈزۈل - كېسىل داۋالاش يەنىلا قىيىن بولۇۋاتىدۇ . مەقئەت تەمرەتكىسى تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ياكى تۈز ئۈچەي بىلەن مەقئەت مۇسكۇلىنىڭ تۇتاشقان ئورنىدا بولىدىغان بىر خىل تەمرەتكە بولۇپ ، قاتتىق قىچىشىشى بىلەن كىشىنى ئازابلايدىغان سوزۇلما كېسەللىكتۇر .

        كېسەللىك سەۋەبى
        ياخشى تازىلىق ئادىتىنىڭ بولماسلىقى ، تەرەتتىن كېيىن توپ ، چالما قاتارلىق پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت لازا ، ئاچچىقسۇ ، ھاراققا ئوخشاش ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ .

        كېسەللىك ئالامىتى 

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

        مەقئەت شورىغۇچى مۇسكۇللىرى قاتتىق قىچىشىش بىلەن قىچىشقان ئورۇننى تاتىلىغاندىن كېيىن ، بۈرمەك ئەتراپى تېرىلىرى بۇزۇلۇپ ، چاقىغا ئايلىنىپ يۇقۇملىنىدۇ . بولۇپمۇ كەچتە قىچىشىپ ئۇخلاتمايدۇ . مەقئەتنى تەكشۈرگەندە مەقئەت شورىغۇچى مۇسكۇلىنىڭ شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىزىرىپ ، قىزىل توچكىلارنىڭ كۆپۈپ چىققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
        چوڭ تەرەتنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە تۈتۈ قۇرۇتلىرى كۆرۈنمەيدۇ . بۇنى تۈتۈ قۇرتى پەيدا قىلغان قىچىشىشتىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك .
     
        ئالدىنى ئېلىش
        ئالدى بىلەن ھەر بىر كىشى ئۆزىدە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . بولۇپمۇ چوڭ تەرەتتىن كېيىن پاكىز تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىش بىلەن ئىسسىق سۇدا مەقئەتنى پاكىز يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ؛ لازا ، ئاچچىقسۇ ، ھاراققا ئوخشاش غىدىقلاش تەسىرى بار ئىچىملىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ، كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق ؛ كېسەللىك ئالامەتلىرى سېزىلگەن ھامان كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماستىن دوختۇرغا تولۇق ئېيتىش ؛ كېسەل ئېنىقلانغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ۋە پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش ؛ تازىلىق ، كىيىم - كېچەك ۋە مۇھىتقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

        دورا بىلەن داۋالاش
        ھەر كۈنى ئەتىگەندە ، كەچتە ۋە چوڭ تەرەتتىن كېيىن مار گانسوپنى 1:500 بويىچە ئىسسىق سۇدا تەڭشەپ ، بۇنىڭ بىلەن مەقئەتنى قايتا-قايت يۇيۇش ، ئۇنىڭدىن كېيىن فلۇئوتسىنولون ئاتسېتونىد(肤氢松)بىلەن تىئامىتسىنولون (去炎松) مەلھىمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، قىچىشقان تەمرەتكە بار ئورۇننى ياغلاش كېرەك . دور سۈركەپ بولغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇننى يېنىك تاتىلاش ، تاتىلاشتىن ئاۋۋال تىرناقنى ئېلىۋېتىش ، يەنى يەرلىك ئورۇننىك تېرىسىنى بۇزۇپ، يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسا ، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دور قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك .
        دور ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال چوڭ تەرەتنى لابوراتورىيىدە تەكشۈرۈش، تۈتۈ قۇرت تۇخۇملىرى بايقالسا ، 肠虫清片 تابلىتىدىن كۈنىگە بىر تالدىن ئۈچ قېتىم ئىچىشكە بېرىلىدۇ ھەم بۇنى تۆت ھەپتىگىچە ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇش لازىم .
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ