رېتسېپ : ئۆرۈك مېغىزىدىن 50 گرام ، تاش ھەسەلدىن 50 گرامنى كۈندە بىر قېتىم قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . رېتسېپ : چاكاندىدىن 6 گرام ، ئۆرۈك مېغىزىدىن 10 گرام ، داغلانغان چۈچۈكبۇيادىن 3 گرام ، ، ھۆل زەنجىۋىلدىن 6 گرام ، فبەنشيادىن 10 گرام ، كەۋرەكدىن 6 گرامنى قاينىتىپ ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بەرسە ، زىققە ۋە ئۆپكە ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ . ئەسكەرتىش : بۇ رېتسېپ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ . رېتسېپ : قانتېپەردىن 10 ~ 15 گرام ، بايناق چۈچۈكبۇيادىن 3 گرامنى قاينىتىپ ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بەرسە ، ماغدۇرسىزلىقتىن بولغان زىققىگە شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : ياڭاق مېغىزىدىن 60 گرام ، جىنكېۋىزىدىن 12 گرامنى كۈندە بىر قېتىم قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆپكە ۋە بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان دەم تۇتۇلۇشقا شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : كۆپۈكى دەريادىن 500 گرامنى قازاندا قورۇپ ، يۇمشاق تالقان قىلىپ ، ئاندىن 500 گرام ئاق شېكەر قوشۇپ تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ، ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ ، چوڭلار ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن كۈندە 3 قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، 15 ~ 30 كۈندە كېسىلى شىپا تاپىدۇ . بەدەننىڭ مەنپىيلىكى ئاجىز بىمارلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ . ئەسكەرتىش : دورا ئىچىش مەزگىلىدە تۇرۇپ ، ئاچچىقسۇ ۋە قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ . رېتسېپ : جىنكېۋىزى ، ئۆرۈك مېغىزى ، ياڭاق مېغىزىدىن تەڭ مىقداردا تەييارلىنىدۇ . ئاۋۋال ئۆرۈك مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ ( كۆيدۈرۈۋەتمەي ) ، ئاندىن جىنكېۋىزى بىلەن بىرگە يۇمشاق سوقۇپ ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ كۇمىلاچ ياساپ ، كۈندە 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن يەپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : بۆرەكنىڭ مۇسبەتلىكى ئاجىزلىقتىن بولغان يۆتەل ۋە دەم تۇتۇلۇشقا شىپا بولىدۇ . رېتسېپ : بۇرجۇندىن 20 گرام ، مۇۋەببەلسىپىتدىن 15 گرام ، شازاندىرادىن 10 گرامنى قاينىتىپ ، كۈندە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ . تەسىرى : بەدەننىڭ مەنپىيلىكى ئاجىزلىقتىن بولغان دەم تۇتۇلۇشقا شىپا بولىدۇ .
|