ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
گۇگېلنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتى
يوللىغان ۋاقىت:2011-03-30 11:51:22  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

   شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى خەۋىرى، گۇگېلنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ھال.ۋارىئان (Hal Varian) مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى Web 2.0 يىغىنىدا گۇگېلنىڭ قىممىتى توغرىسىدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان:«بۇنىڭ بىرى گۇگېلنىڭ ئابونتلارغا ئېلىپ كەلگەن قىممىتى، يەنى بىرى بولسا گۇگېلنىڭ ئېلان ئىگىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن قىممىتىدىن ئىبارەت». ئۇ گۇگېلنىڭ ئېلان ئىگىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن قىممىتىنى سۆزلەپ مۇنداق بىر فۇرمىلانى كۆرسەتتى: (vx-c(x . بۇنىڭ ئىچىدىكى v ئېلاننىڭ ھەر قېتىملىق چېكىلىش قىممىتىنى،x بولسا چېكىلىش قېتىم سانىنى،(c(x بولسا، چېكىلىش تەننەرخىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ فورمىلا بويىچە ھېسابلىغاندا، گۇگېلنىڭ تارقىتىش سودىگەرلىرى ۋە ئېلان ئىگىلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي قىممىتى 54 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.
گۇگېلنىڭ ئابونتلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتىنى ھېسابلاپ، ئۇ «ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتمەيدىغان بىر كۈن» تەتقىقاتىنى تىلغا ئالدى. بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابخانىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك كىتاب ئىزدىشى ئۈچۈن جەمئىي 22 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەمما گۇگېلدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىيال ئىزدىشى ئۈچۈن، پەقەت 7 مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، 15 مىنۇت ۋاقىت تېجەپ قېلىنىدىكەن.
ئۇ يەنە گۇگېلنىڭ ئابونتلارنىڭ ۋاقتىنى تېجەيدىغانلىقى توغرىلىق تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ھېسابلاپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:« گۇگېل ئامېرىكىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى 3.75 مىنۇت ۋاقىت تېجەپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى سائەتلىك ئىش ھەققىنى 22 دوللار دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، گۇگېل ھەر كۈنى ئابونتلارغا 1.37 دوللار تېجەپ بېرىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا 500 دوللار بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى 130 مىليون دېسەك، ئۇ ھالدا گۇگېل ھەر يىلى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ بېرىدۇ».
يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنى ئۆزئارا قوشقاندا، گۇگېل ھەر يىلى ئامېرىكىلىق كىشىلەر ئۈچۈن 119 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« بىز بۇ يەردە تېخى گۇگېلنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئابونتلىرىنى تىلغا ئالمىدۇق، سىز بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر، ئەمەلىيەتتە گۇگېلنىڭ باشقىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق».

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2011/0330/article_11900.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
گۇگېلنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتى
گۇگېلنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتى
بىر ئۆيدە روھ پەيدا بولۇپ ئورۇندۇق ئۆزى ماڭدى
بىر ئۆيدە روھ پەيدا بولۇپ ئورۇندۇق ئۆزى ماڭدى
شەنشىدە قوي ئىت تۇغدى
شەنشىدە قوي ئىت تۇغدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە...
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بې...
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇۋىلىندى
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتق...
ئەدبىىيات سەنئەت بىلىملىرى
  • ئىسمىڭلارنى تىپىڭلار ...مۇكاپات بار؟
  • پاتىمەنىڭ تەقدىرى (27)
  • پاتىمەنىڭ تەقدىرى (26)
  • دوستۇم ساداسى
  • سىنىڭسىز
  • ئۈمد ئۈزسەڭ مەيلى ،رەنجىمە
  • قايتىلانغان ھىجران
  • سېغىنما دەيمەن
  • ئاتا- ئانىنىڭ قەلبى
  • ھايۋانلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئارتۇقمۇ قانداق؟
  • يەتتە كۈندە بىر قېتىم
  • كۈندىلىك خاتىرە(ھەققىي )
  •  
     
    رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
    كىنو ئۇچۇرلىرى
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • باس باس ئەلبومى{2}
  • ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرىدىن  (مۇسلىنە )
  • كۆرگەنگە ئىشەنمەي نىم ئامال؟؟؟
  • كەچلىكىڭلارغا سوۋغا
  • جەزبىدارلىقنى ساقلاشتىكى 10 سىر
  • قىزلىرىمىز قانداق خورلىنىۋاتىدۇ؟؟؟
  • قەسىر ناماز دىگەننى قانداق چۈشىنىسىلەر ؟
  • مۇنبەردىكى ئوخشاش ئىسىمدىكىلەرگە تەكلىپ
  • بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي
  • كۈلۈپ كېتەسىزمۇ ھە!!!
  • تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ