بىلەمسەن، ھەر بىر ئايال سەندىكى قەيسەرلىككە، غۇرۇرغا، مۇھاببەت، مەردانىلىق ئۇخچۇپ تۇرغان دادىللىققا، تۈگىمەس-پۈتمەس ئەركەكلىك دەۋرەپ تۇرغان قەددىڭگە، ئاياللىقنىڭ ئەڭ پاكىزە، ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ مىھرىبان پەرۋىشكار مۇھاببىتى بىلەن قايىل بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاياللىق چاڭقاقلىغى بىلەن سۈيۈنىدۇ...ھۈجەيرە-ھۈجەيرىلىرىدىن سىنى سېغىنىدۇ! مەدىنىيلەشكەن دەۋىردە ئۈزىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا، روھىمىزنى تىڭلاشقا، ئەسلىمىزنى ئويلاشقا ھەپسىلىمىز يوق ھالدا پالاقشىپ ياشاۋاتىمىز...ئەنە بىر يىگىت ئۈزىگە ئەقىدە قىلغان ۋاپادار سۆيگىنىدىن يۈز ئۆرۈپ ئىقتىسادى ئالۋۇنلارنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن راھەت-پاراغەت قوغلىشىپ، مەنپەئەت قوغلىشىپ، قىزنى قان-قان يېغلىتىپ، پىشىنى قېقىپلا باشقا بىرىنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالدى... ئەنە بىر ئەر خۇتۇن-بالىلىرى بىلەن كارى بولماي ئايالىنى قاخشىتىپ، ئۆيدىكى دادا ھەم ئەرلىكىنى ئۇنتۇپ، ھەممە ئېغىرلىقىنى ئايالىغا تاشلاپ بىرىپ، تىنىمسىز ئادەملەر قاينىمىدىكى ئازدۇرۇشلارغا غەرىق بولدى... ئەنە چېچىنى ئاق ئارىلىغان بىر ئەر
قىزى سۈپەت قىزلارغا كۆز قىزارتىپ، ئۇلارنى ئالداپ-سىلاپ، قىزلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىپلا يۈرمەكتە... ئەنە ئەمەل تاماسىدا، بايلىق تاماسىدا يۈرگەن بىر ئەر ئۆز
قىزىنى سايە قىلىپ، ئايالىنى كوزور قىلىپ چىرىگەن روھى بىلەن نەپ ئىزدەپ يۈرىۋاتىدۇ. ئەرلىك چىرىمەكتە، ئەركەكلىك يۇقالماقتا!... ئاياللار ئەرسىراۋاتىدۇ...قىزلارنىڭ قەلبى بوش، ئاياللار پەرۋىشسىز، ئۇلار ئۆكسىمەكتە!... ئاياللار پاناھسىز، ئائىلە تۈۋرۈكسىز، پەرزەنىتلەر ئۈزىگە ئاتىدىن ئالىدىغان ئوزۇقسىز، ئۆرنەكسىز قېلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاپلىغان، ئەرسىرىغان، ئاتاسىرىغان ئاياللىق روھ، ئانىلىق زىمىن قات-قېتىدىن چاك-چاك يېرىلىپ، روھىنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىدىن، ھۈجەيرە-ھۈجەيرىلىرىدىن تۈكۈلمەكتە... سىلكىنمەكتە... ئۇلار يەر شارىنى تىترىتىپ تۇرۇپ نىدا قىلماقتا!... ئۇلارنىڭ نىداسىدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، كۆك يېرىلىپ، ئاسماننى پارچە-پارچە قىلىپ تۈكۈلدۈرگىدەك قەھرى-غەزەپ ۋە چاڭقاقلىق بار!... ئۇلار تەڭرى ئىشىكىنى قېقىۋاتىدۇ!...
ھاياتنۇپۇس مۇھەممەتنىڭ «ئەركەكلىك زىمىنىدىكى سىغىنىش»ناملىق ماقالىسىدىن.