شۆھرەتنى سودا سارايدا ئۇچراتقان ئاشۇ يەكشەنبىدىن باشلاپ مىنڭ كۆل سۈيدەك تىنى تۇرمۇشۇم تاش چۈشكەندەك داۋالغۇپ،مىنى بىئارام قىلماقتا،مىنىڭ ئائىلەم،يولدۇشۇم ھەم ئۇماق بىر
قىزىم بار ئايال تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ھىس تۇيغۇلۇرۇمنى يىغالمايمەن؟ئەجبا ھازىرقى بەختىك تۇرمۇشۇم،كۈيۈمچان يولدۇشۇم،ئۇماق
قىزىم بۇلارچۇ؟مىنىڭ مۇشۇ كەپسىز خىيالىرم مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى بۇزۇپمۇ قۇيارمۇ؟ياق ياق،مەن بىر ئانا،باشقا بىر نىڭ ئايالى.بۇ ئائىلىنى قانچىلىك جاپادا قۇرۇپ،قانچىلغان تاتلىق ئاچچىق ئەسلىملىرمنى يۇغرۇپ،جان كۆيدۈرۈپ تەربىيلەپ پەرۋىش قىلغان مۇھەببەت گۈلۈمنىڭ مۇشۇ كىچىكنە شامالنىڭ زەربىسدىن نابۇت بۇلشىغا مەن ئۈزۈم يول ئاچامدىم؟مۇمكىن ئەمەس .......نىرۋامنى مۇشۇنداق گادىرماچ خىياللار كاردىن چىقىردىغاندەكلا تۇيلۋاتدۇ،خىزمەتتىن قايتىپ ئۈيۈمگە كەلسەملا ھىچ خىياللىرمنى يىغالمايمەن،تۈگمەس ئۆي ئىشلىردىن چارچاپ ھالىم قالمىغاندا ئۇماق
قىزىم دىلبەرنى ئۇخلۇتۇپ بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خىيال قالدىغان بوپ قالدىم ،ئۈزۈمنى قانچە كونتۇرۇل قىلماقچى بولساممۇ پەقەتلا كونتۇرول قىلالمايتىم.ئۆتكەن ئىشلار كاللامغا كىرۋېلىپ ئارامىنى بۇزماقتا.
يولدۇشۇم دوختۇرخانا باشلىقى ھەم دوختۇرخانىمىزدا ئاساسلىق دوختۇر بولغاچقا قىيىن تۇغۇت بۇلامدۇ،ياكى جىددى قۇتۇلدۇردىغان كىسەللەر بۇلامدۇ ئىشقىلپ ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق بىمارلار دوختۇرخانغا كىلپ بولغىچە ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىلپ بولغان بولسىمۇ يەنە دوختۇرخانغا بارىدۇ،خىزمىتى داۋاملىق ئالدىراش،كىچسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىردىمۇ بىر تىلفۇن بىلەنلا يەنە ئىشقا ماڭدۇ،ئۇنىڭ ئۆيدە ماڭا ۋە قىزمىزغا ھەمرا بۇلدىغان ۋاقتى تۇلمۇ ئاز، مانا بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ جىددى ئوپراتسىيەسى چىقىپ قېلىپ كەچتە ئۆيگە قايتماي مەن
قىزىم بىلەنلا يالغۇز قالدىم،يەنە شۇ تۈگمەس،ئايقى يوق خىيالار مىنى چىرمىۋالدى،تاتلىق ئۇخلاۋاتقان
قىزىمنى ئويغۇتۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاۋايلاپ دەسسەپ بالكونغا چىقتىم،رەڭگارەڭ چىراقلار چاقناپ شەھەرنىڭ كىچلىك مەنزىرسىگە باشقىچە ھۆسۈن قوشقان ئىدى.بۇ گۈزەل مەنزىرلەرمۇ دىقىتمنى تارتالمىدى ،خىيال قۇشلۇرۇم يەنە شۇ ئۈتۈپ كەتكەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدىكى شۇ تاتلىق ھەم ئاچچىق ئەسلىملىرمنى كۆز ئالدىمدا ئايان قىلماقتا.تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ،تۇلۇق ئوتتۇرنى ئانا مەكتىۋمدە ئۇقماي باشقا مەكتەپكە يۆتكىلپ ئۇقدۇم،يېڭى مەكتەپكە ئۇرۇنلاشقان شۇ كۈنلەردە يېڭى ساۋاقداشلىرمغا تازا كۈنەلمەي قىينالدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىز بىر ئۇغۇل بىر پارتىدا ئولتۇردىغان تۈزۈم ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلدى،مۇئەللىمنىڭ دىيشچە قىز باللار بىر پارتىدا ئولتۇرسا پاراڭ سېلىپ دەرسكە كۈڭۈل بۆلمەي دىققىتى چېچلىپ كىتەرمىش،خالمىساممۇ مەجبۇر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاچقا سىنىپ باشلىقمىز شۆھرەت بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇردۇم،ئۇ ئىگىز بوي،قاڭشارلىق،قاپقار قاشلىرى داۋاملىق تۈرلۈپلا تۇردىغان،ئاچقى يامان،غۇرا قاپاق ،كىلشكەن بالا ئىدى،بىز ئادەتتە ئارتۇق گەپ قىلشىپ كەتمەيتۇق،بىر بىرمىزگە بەكمۇ ھۆرمەت قىلشاتتۇق ،ئۇنىڭ دەرستە ياخشىلقى چوڭ سۈپەت،كەم سۆز ئاددى ساددا،ئاق كۈڭۈل مىجەزىگە سىنپتىكى قىزلارلا ئەمەس باشقا سىنپتىكى قىزلارمۇ ھەۋەس قىلشاتتى،ئۇلار مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلايدىغنىمغا ھەسەتمۇ قىلاتتى،ئۇ يوق يەرلەردە مىنى ئۇنىڭغا چېتىپ،غېرىپ سەنەملەر دىيشىپمۇ قۇيشاتتى،مەن دەسلەپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاچىقلاندىم،ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشپمۇ قالدىم،ئۇلارنىڭ ئاغزىنى مەن باشقۇرالمىغاندىكىن ئۇلار ئۇ ىۇيدىن قېلشمىدى ،مەن قانچە خاپا بولغانسىرىم تېخمۇ بەكرەك جىيلە قلىشاتتى،ئاخىرى مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلپ چۈشەندۈرمەيدىغان بولدۇم.ئۇلارمۇ مىنىڭ خاپا بولمايدىغان بوپ قالغىنمنى كۈرۈپ مىنى جىيلە قىلشتىن توختاپ ئۇنىڭ دىقىتنى تارتىش ئۈچۈن قىلىق چىقىردىغان بۇلۇشتى .توۋا دەيتىم ئىچىمدە بۇقىزلارنىڭ ئەخمەقلىقنى كۈرۈپ،ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن دەرىس توغۇرلۇق ئۇنى بۇنى سۇرايدىغانلارمۇ بارا بارا كۈپەيدى.
ھەش پەش دىگچە تۇلۇق ئۇتتۇرنىڭ ئىككىنچى يىلقىغا چىقپمۇ قالدىم،بىىر يىللق ساۋاقداش بوپ قالغاچقىمۇ باللارغا ،مەكتىۋىمگە ،ئۇقۇتقۇچۇلۇرمىغىمۇ كۈنۈپ،دەرسكە بولغان قىزقىشىممۇ بۇرۇنقىدىن خىللا ياخشى بولدى،بۇرۇنقى شوخ مىجەزىم يەنە ئەسلىگە كەلدى،ساۋاقداشلىرىم بىلەن بەكمۇ ئامراق بوپ كەتتىم،ئۇلار بىلەن خۇددى ئۇزۇن يىللىق ساۋاقداشلاردەك يېقىن ئۈتدىغان ھالەتكىمۇ كىلپ چاقچاقلىشدىغانمۇ بولدۇم،لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر شۆھرەتنى كۆرسەملا سەل تارتىنىپ قالاتىم،ئۇ يېنىمدا بار ۋاقىتتا باشقا ئۇغۇللارغا چاقچاق قىلشقىمۇ پېتنالمايتىم،كۈلۋاتقان يىرمگە كەپ قالسىمۇ كۈلۈشتىن توختاپ قالاتتىم،بىر كۈنى مەكتەپتىن ئۈيۈمگە قايتىدىغان يولدا ئۇنى
ئۇچۇرتۇپ قالدىم ،ئۇ مەكتەپكە داۋاملىق يۈدۈپ كىلدىغان كونا قارا ئۇقۇغۇچلار سومكىسنى يۈدكىنچە،قۇلدا بىر دەرسلىك كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرگەچ كىتۋاتاتتى،ئۇنىڭ بۇ ھالىتى مىنى بەكمۇ
قىزىقتۇردى،ئۇنىڭ تىرشچانلىقنىغۇ بىلەتتىم لىكىن يولدىمۇ كىتاپ كۈرشى مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش ئىدى،ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدىم كۈزۈم ئۇنىڭدا،ياندىكى يولدىن چىققان بىر ۋېلسىپىتنى كۈرۈش بىلەن جىدىيلىشىپ كەتتىمۇ نىمە بىلمەيمەن،يۈگرەپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلدىن تۇتۇپ چەتكە تارتتىم،ئۇمۇ نىمە ئىش بولغانلىقنى ئاڭقىرالمايلا قالدى بولغاي،-نىم..نىمە بولدى ؟-دىدى ماڭا قاراپ ،نىمە دىيشىمنىمۇ بىلەلمەي قىزارغىنمچە ئۇنىڭ قۇلنى قۇيۋەتتىم ،ئۇ يېنىدىن ئۈتۈپ كەتكەن ۋەلسىپتنى كۈرۈپ،ھەمنى چۈشنۈپ كۈلۈمسىرگىنچە ماڭا رەھمەت ئېيتتى، -ھايات ماركىس يولدا بولسىمۇ ساق مېڭىڭ كىتاپ كۈرمەن دەپ،يارلىنىپ قالماڭ يەنە-دىدىم،چاقچاق قىلپ،ئۇ قاقلاپ كۈلۈ پ كەتتى،بىز بىللە ماڭدۇق،يولدا ماڭغاچ ئانچە مۇنچە پارڭلاشتۇق.بىز بىر يىلدىن ئارتۇق بىللە ئۇقغان بولساقمۇ تېخچە ئۈيمىزنىڭ يېقىنلا يەردە ئىكەنلىگىنمۇ بىلشمىگەنلىكمىزدىن سەل ئەجەپلەندىم،ئۇنىڭ ئۈيى بىزنىڭ ئۆي بار قورونىڭ ئالدىدىكى كۇچىدىلا ئىكەن،يۇلمىز بىر بولغاچقا بىرلىكتە كۇچا ئاپتۇبۇسغا ئولتۇرۇپ قايتتۇق.ئەتسىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈش بولدى،ئانچە مۇنچە پارڭلىشىپ،چاقچاق قىلپمۇ قۇيدىغان ئادەتنى ئۈگەندى،مەنمۇ بۇرۇنقىدەك تارتىنماي ئۇنىڭ بىلەن باشقا باللارغا ئوخشاشلا چاقچاقلىشدىغان بولدۇم،ئۇ ماڭا ئۈگنىش جەھەتتە كۆپ ياردەم قىللاتتى،چۈشنەلمىگەن جايلىرمنى ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈرەتتى،بارا بار ا بىز ئىچكىپ كەتتۇق،سىنپتىكى قىزلارنىڭ ئاغزى يەنە ئېچلىپ ئەمدى ئىككىلمىزنىڭ ئالدىدلا غېرىپ- سەنەملەر دەپ ئاتايدىغان بولدى.بۇنداق چاغلاردا ئۇ يۇغان كۈزنى قىسىپ كۈلپلا قۇياتتى،مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايتىم،شۇ كۈنلەردە ئۇ مىنىڭ ئۈگنۈش يۇلۇمدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم ئىدى،پات پات مەندىن دەرسلەردىن سىناق ئېلىپ قۇياتتى،مەن سەلللا خاتا جاۋاب بەرسەم مىنى ئەيپلەپ،بۇشاڭ دەيتتى،ئۇنىڭ مىنى شۇنداق دىيشىدىن قورقۇپمۇ بولسا تىرشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىقنىڭ يۇلىنى قىلاتتىم.مەندە بارا بار ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزقىش پەيدا بولدى،دەم ئېلىش ۋاقىتلىردا ئۇنىڭ باش كۈتەرمەي ماتىريال كۈرشىنى،دەرس ۋاقىتلىردا ئۇقۇتقۇچلاردىن توختىماي سۇئال سۇراشلىرنى،كۆرسەم ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم،قىزقىشقا ئايلىنىپ قالاتتى.شۇ كۈنلەردە ئۇ مىنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادەم ئىدى.بىز ھەر كۈنى مەكتەپتىن بىللە قايتاتتۇق،ئەتگىنى پات -پات كۇچا ئاپتۇبۇس بىكتىدە
ئۇچۇرشۇپ قالساق مەكتەپكە بىللە كىلەتتۇق.ئۇنىڭ دەرسكە ئامراق مىجەزى ماڭمۇ يۇقتى،مەنمۇ تىرشچان ئۇقۇغۇچلار قاتارىدىن ئۇرۇنمۇ ئالدىم،ئەلا نەتىجە بىلەن ئۈچۈنچى يىللىقمۇ چىقتىم،بىز يەنلا بىر پارتىدا ئولتۇردۇق،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسۋىتىم يەنلا بۇرۇنقىدەك،سىنپىمىزدا قىزلار ئىچدە پەقەت مەنلا ئۇنىڭغا يۈرەكلىك چاقچاق قىلىش ،مەكتەپتىن بىللە قايتىش،مەكتەپكە بىللە كىلش ،بىللە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغانلىقمدىن پەخىرلىنەتتىم. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ئويلىساملا پۈتۈن بەدنىمگە تىترەك ئولاشقاندەك بىئارام بۇلاتتم،تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنىڭ ئاخىرلاشماسلىقنى،ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە مۇشۇنداق بىللە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم،رىئاللىق بۇنىڭغا يول قويمايتى،كۈندىزى مەكتەپتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈپ بىلنەشمىگەن بىلەن كەچتە ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگىنمدە ئۇنىڭ يوقلىقى بەكلا بىلنەتتى،ماتىريال كۈرۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ كىتابىم يۈزىدە ئۇنىڭ چىرايى ئەكىس ئەتكەندەك بوپمۇ قالاتتى،بۇنداق چاغلاردا ئىڭكىمنى يۈلەپ،خىياللار قاينىمغا غەرىق بۇلاتتىم،بارا بار ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقمنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.ئۇخىيالمدىن، چۈشۈمدىن چىقمايتتى،ئۇنىڭ ئەيپلەشلىردىن قورقۇپ قاتتىق تىرشىپ ئۈگنىش قىلمسام ئۈگۈنۈش قىلغۇممۇ كەلمەيدىغان دەرجىگىمۇ يەتتىم،ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا بىر ئاي قالغان شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى ھەممە سىرلىرمنى،ئۇنى ياخشى كۈردىغىنمنى دىمەكچى بولدۇم،ئۇنىڭ ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلشىنى تاقەت قىلپ كۈتەلمەيتىم،شەيتىنىم مىنى ئارامىمدا قويمايتتى،ئۇ قانداق ئويلاپ قالار؟نىمە دەر؟ مەن قىز بالا تۇرسام دىگەنلەرمۇ كاللامغا كىرمەيتى.بىر كۈن كىچىچە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرمنى يادلاپ چىقتىم،ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ چىراي ئىپادەمنىمۇ گىپىم بىلەن بىرللىككە كەلتۈردۈم. ئەتسى سەھەر تۇرۇپ مەكتەپ فورمامنى كىيمەي ئۈزۈم ئەڭ ئامراق كۆينىكمنى كىيىپ ،چاچلىرمنى رەتلىك تاراپ،ئاپامنىڭ ناشتىغا زورلىشىغىمۇ قارماي،مەكتەپكە ماڭدىم،مەقسىدىم شۆھرەتنى بالدۇرراق كۈرۈش،ئۇنىڭغا ئىچىمدىكى ھەممە گىپمنى دەۋېلىش ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن
ئۇچۇرشۇپ قالدىغان كۇچا ئاپتۇبۇس بىكتىدە خىلى ئۇزۇن ساقلىدىم ،ئۇ كۈرۈنمەيتتى،مەكتەپكە مەندىن بۇرۇن كەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە ماڭدىم،چۈشدىغان بىكەتكە كىلپ ئاپتۇبۇستىن چۈشتۈم،ئۇنى ئاپتۇبۇس بىكتىدىلا
ئۇچۇرتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم،مىنڭچە مۇنداق گەپنى مەكتەپتە دىيىش ئەپسىزرەك ئىدى،ئۇنى ئۇچرىتالماي رۇھىم چۈشۈپلا كەتتى،كىچدىن بىرى يادلىغان گەپلىرمنىڭ ھەمىننى ئۇنتۇپلا قالدىم،كاللام قۇپقۇرۇق،روھسىزلىق بىلەن مەكتەپكە يول ئالدىم،ئارقامدىن شۆھرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئاينۇر ،نىمە بولدى سىزگە سەھەردىلا كەپسىزغۇ؟ئاپڭىز قوغلىۋەتمىگەندۇ سىزنى؟مەكتەپنى چۈشەپ قاپسىزمۇ نىمە؟ئەمدى سىزنى ماركىسنىڭ كاتىبى دىسەك بولغىدەك،جىڭ ئوخشاپسىز،قارڭە روس قىزلىرنىڭ كۆينەكلىرنى كىيىپ-،ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرگىنچە چاقچاق قىلدى،نىمە دىيشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم،تىلىىم تۇتلۇپ قالغاندەكلا ،يۈزلىرىم لىپلداپ تارتىششىقا باشلىدى،قارغاندا قىزرىپ كەتكەن بولسام كىرەك.
-ھە سىزنى چۈشەپ قاپتىكەنمەن،ماركىس ئەپەندى،بەك كۆرگۈم كىلپ بالدۇرراق كەلدىمغۇ بولماپتىما-،دىدىم ئارانلا،ئۈزۈمنىڭ قانداقلارچە مۇنچە غەيرەتلىك بوپ قالغانلىقمنىمۇ بىلمەيمەن.
-ئۇخو يېڭلىققۇ بۇ،سىزنىڭمۇ ئۇغۇللارنى كۆرگىڭىز كىلدىكەن ھە؟ مەن تېخى ئۇغۇللارنى ياراتماي سېغىنمايدۇ ،كۆرگۈسى كەلمەيدۇ دەپتىمەن سىزنى ..ھا ھا ھا.. ،-ئۇ قاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ كۈلگەن تۇرقىنى كۈرۈپ خۇددى مىنى زاڭلىق قىلۋاتقاندەك تۇيلۇپ كۈزۈمگە يىغا ئولاشتى،كۈزۈمدىن تاراملاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى،يۈزۈمنى تۇتقىنمچە يۈگرۈپ دىگدەك مەكتەپ تەرەپكە ماڭدىم،شۆھرەت نىمە بولغىنمنى بىلمىدىمۇ قانداق كەينىمدىن مىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنچە تۇرۇپلا قالدى.مەكتەپكە كىرپمۇ سىنپقا كىرگۈم كەلمەي سىنىپ بىناسىنىڭ ئارقىسدىكى چىملىق پۇتبۇل مەيدانغا باردىم،ياپيىشىل چىم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قانغىچە يىغلىدىم،شۆھرەتنى ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم،خەپ گەپمۇ قىلماسمەن سەندەك ھاڭۋاقتىغا،شۇنچە قىلساممۇ بىلمىگەن،ئۈزۈڭغۇ ئۇنچىلىك گىپىڭمۇ يوق توڭ دەيتىم،ئزۈمنى بولسا ئەخمەق،قىز بالنىڭ دىگەن ئۇغۇللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلشى قەيەردىكى قايسى داستاندا سۆزلىنپتۇ،سەن يېڭى داستان يازاي دىدىڭما ،بولدى قىل ،ئۈزۈڭنى ئاۋارە قىلما دەپ ئەيپلىدىم،ھىچ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىدى،ئاخىرى ئۈزۈمگە ئۈزۈم تەسەللى بەردىم،ئۇ تېخى سىنى ياخشى كۆرمەيمەن دىمدىغۇ،نىمانچە قىلسەن،ياكى سىنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭنى ئۇچۇق دىمسەڭ ئۇ قاراپلا بىلدىغان پالچى بولمىسا چاقچاق قىلدى دىمەي نىمە دەپ ئويلايتى....شۇ چاغدىلا خىلى تەسەللى تاپقان كۆڭلۈم مىنى بەزلەپ يىغاممۇ توختىدى ،ياشلىرمنى سۈرتۈپ سىنپقا ماڭدىم،ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئالىقاچان دەرىس باشلاپ بوپتۇ ،پۇتلۇرۇم كالۋالىشىپ ناھايتى تەستە سىنپقا كىردىم،بۇ مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق دەرسكە كىچكىشىم ئىدى.مۇئەللىم ئارتۇق گەپ قىلماي ئولتۇرشۇمغا رۇخسەت قىلدى،ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن شۆھرەتنىڭ چىرايىغا قاردىم،ئۇنىڭمۇ كۆڭلى جايدا ئەمەستەك قىلاتتى، چىرايىمۇ سەل تاترىپ قالغان ئىدى،شۆھرەت ماڭا يەرنىڭ تىگدىن قاراپ قۇيۇپ دەرسكە كىرشىپ كەتتى،مەنمۇ مۇئەلىمنىڭ دەرس چۈشەندۈرشلىرنى زەن سېلىپ ئاڭلىغاندەك قىلغان بىلەن پۈتۈن خىيالىم شۆھرەتتە.دەرىس ئارلىقدىكى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئۇ مەندىن نەگە بارغانلىقمنى سۇردى،مەن جاۋاب بەرمىدىم،يەنە بىر سائەتلىك دەرس باشلانغاندا ئۇ كىتابىمنىڭ ئارسىغا خەت يېزىلغان بىر كىچىك ۋاراقچنى قىستۇرۇپ ماڭا تەڭلىدى،كىتابىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ خىتىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇقدۇم ۋاراقچىگە (چۈشتە سىنپتا مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ)دىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى.ئۇنىڭغا قاردىم ئۇ ماڭا قارپ تۇراتتى،ئاستا بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇلۇقمنى بىلدۈردۈم،يۈركۈم ھاياجاندا سۇقاتتى،كۆڭلۈمدە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلاتتىم،ماڭا نىمە دىمەكچىدۇ؟نىمشقا مىنى سىنپتا ساقلاڭ دەيدۇ؟قارغاندا كۆڭلۈمدىكىنى بىلۋاپتۇ دە،ماڭا مۇھاببەت ئىزھار قىلامدىغاندۇ يا؟............ئادەتتە سىنپتىكى ئاشىق مەشۇقلار چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ۋە كەچتە دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا سىنپتا ئايرىم ئولتۇرشۇپ مۇھەببەتلىشەتتى،مەن بۇنى باشقىلاردىن پات پات ئاڭلاپ قالاتتىم،شۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئۇ راسلا ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلۋاتقاندەك قىزرىپ كەتتىم.
دەرسلەرمۇ ئاخىرلىشىپ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولدى،سىنپتا مەن ۋە شۆھرەتلا قالدۇق،ساۋاقداشلىرىم بىزگە مەنىلىك قارشىپ قۇيشۇپ چىقىپ كىتىشتى.شۆھرەت ئۈن چىقماي يېنىمدىلا ئولتۇراتتى،بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن ئۇ ئېغىز ئاچتى،
-ئاينۇر مەندىن خاپا بوپ قالدىڭىزما ؟
-ياق،خاپا بولمۇدۇم،سىزدىن نىمە دەپ خاپا بۇلمەن-،شۇنداق دىگنىمچە ئۈزۈمنى تۇتۋالاماي يىغلاپ سالدىم،ئۇ نىمە قىلارنى بىلمەي چاقچاق قىلپ مىنى بەزلىگىلى تۇردى، -قارڭە بەك سەت بوپ كەتتىڭىز،بۇ ھالتىڭىزنى كۆرسە،ئۇغۇللارمۇ قورقۇپ كىتدۇ جۇما،ئالدىغان لايىق چىقماي قالمىسۇن سىزنى سەتكەن دەپ -ئۇ شۇنداق دىگنچە،يۇغان قوللىرى بىلەن يۈزۈمدىكى ياشلىرمنى سۈرۈتتى،ئۈزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭ باغرىغا ئۈزۈمنى ئاتتىم،بوينىدىن چىڭ قۇچاقلاپ ،
-سەتكەن دەپ ياراتماپسىزدە؟-دىدىمدە بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم.
شۆھرەتنىڭ بوينىغا ئېسلىپ تۇرۇپ قانچىلىك يىغلىغنىمنى بىلمەيمەن،مەن ئۇنىڭ مىنى چىڭ باغىرغا بېسىشنى ئارزۇ قىلاتتىم،لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى خۇددى جانسىز ھەيكەلدەك مىدىر قىلماي تىپتىنچ تۇراتتى،بىر چاغدا ئۇ مىنى ئىتتىرىپ دىگدەك ئۈزدىن يىراقلاشتۇردى،-ساراڭ بۇغلۇپ تىنالماي قالدىم-دىدى،ئۇ ،ئارمىزدىكى بۇ كەيپىياتنى ئوڭشماقچى بولغاندەك،مەن بەلكى ھاياجىنمدا ئۇنىڭ بويننىنى بەكلا چىڭ سىقۋەتكەن بۇلشۇم مۇمكىن،يۈزلىرىم تارتىشىشقا باشلىدى،يەنە قىزاردىم،كۈزۈمنى يەردىن ئۈزمەي ئولتۇرۋالدىم،بىر پەستىن كىيىن ئۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى،مەن ئۈن قىلماي ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،سىنپتىن چىققاندىن كىيىن ئۇ قۇلۇمنى قۇيۋىتىپ،-تاماق يەپ كىرەيلى قۇرسۇقۇم ئېچىپ كەتتى-دىدى كۈلۈمسىرەپ،مەن ماقۇل بولدۇم،بىز بىرلكىتە مەكتىۋىمىزگە يېقىنلا جايدىكى ئاشخانغا كىرىپ چۈشلۈك تاماق يىدۇق،ئاشۇ قېتىملىق چۈشلۈك تاماق گەرچە ئاددى ئاشخاندا يىيلگەن ئاددى تاماق بولسىمۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ ئوخشىغان،خۇددى ئوردىلاردا لەززەت بىلەن يىيلگەن تاماقتەكلا تۇيۇلدى،تاماقتىن كىيىن بىز مەكتەپكە يېنىپ كىردۇق چملىق پۇتبۇل مەيدانىغا بېرىپ سۈگەت سايسىدە قۇيۇلغان تاش ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق،ئۇ مىنىڭ قايسى كەسپتە ئۇقماقچى بولغىنمنى سۇردى،مەن ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇيى بۇينچە تىببى ئۇنۋىرسىتىتقا ئىمتاھان بەرمەكچى بولغىنمنى ئېيتىم،ئۇ ماڭا :
-كەلگۈسدە ئاغرىپ قېلشتىن ئەنسىرمىسەم بولغىدەك ،دوختۇرۇممۇ تەييار -،دەپ چاقچاقمۇ قىلدى .
مەن ئۇنىڭدىن نىمە كەسىپتە ئۇقۇيدىغغىننى سۇردۇم،ئۇ بىر پەس ئۇيلنىۋەتكەندىن كىيىن
-سىز تىببى ئۇنۋىرسىتتا ئۇقسىڭىز،سىزنى ئۇ يەردە يالغۇز تاشلاپ قايسى مەكتەپتە خاتىرجەم ئۇقيالايمەن،ئەلۋەتتە سىز بار مەكتەپتە ئۇقۇيمەن دە -، دىدى،كۈلۈپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا تۇلمۇ يېقىملىق ئاڭلاندى،قارغاندا ئۇ ئاغزىدا سىزنى ياخشى كۈرمەن دىمگەن بىلەن ئۇمۇ مىنى ياخشى كۈردىغاندەك قىلاتتى.مەن تۇلمۇ خۇشال ئىدىم رۇھىممۇ كۈتۈرلۈپ قۇالدى،سىنپقا كىرىپ كىتدىغان چاغدا ئۇ ماڭا نەسھەت قىلغان تەلەپۇزدا،
-ئاينۇر،تىببى ئۇنۋىرسىتتا ئۇقۇيمەن دىگەن بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ،شۇ مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكىدەك تىرشمىساق بولمايدۇ جۇمۇ،مۇشۇنداق ھە دىسە يىغلاپ،ھە دىسە خىيال سۈرۈپ يۈرگەن بىلەن،مەن ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ كەتسەم سىز قالسىزئۇ چاغدا سىزنى تاشلاپ مەن ئۈزۈم يالغۇز ئالى مەكتەپكە كىتۋىرمەن مەندىن رەنجىسىڭىز بولمايدۇ-دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ ،مەن ئۇنىڭغا :
-ئىمتاھاندىن چۇقۇم ئۈتمەن،سىزنى دەپ بولسىمۇ -دىدىم ئەركىلەپ،ئۇ يۇغان قوللىرى بىلەن كىچىكىنە بۇرنۇمنى چىمدىپ قويدى،بىز كۈلۈشكىنمىزچە سىنپقا قايتىپ كىردۇق،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن دەرسكە بېشىمچىلا قىزقىپ ،قىزقىش ئىچگە كىرپىلا كەتتىم،ئۇنىڭ سىز ئۈتەلمىسڭىز ،تاشلاپ كىتمەن دىگەن سۈزنى ئويلىساملا تىرشچانلىقىم تۇتۇپ كىتەتتى،مۇھەببەتنىڭ ئادەمنى مۇشۇنچىۋالا كونتۇرۇل قىلۋالايدىغنىنغا،ئۇنىڭ كۈچگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايتىم،كەچلىرى ئۆيدە ئۈگنىش قىلۋاتقان چاغلىرمدىمۇ ئۇنىڭ شۇ سۆزلىرنى ئويلاپ پۈتۈن دىققىتمنى دەرسكىلا يىغاتتىم،شۇنداق قىلپ ئىمتاھانمۇ باشلاندى،بىز بىر قېتىملىق چوڭ ۋەزىپىمىزنى تۈگتۈشۈپ ئائىلىرمىزگە قايتتۇق،بۇ ئىمتاھان بىزنىڭ ئۆردەك غېزىمىزنى ئايرىيدىغان سورۇن ئىدى،مەن بەكمۇ غەم قىلپ كەتمىدىم،ئىمتاھاننى ياخشى بەرگىنمگە ئىشەنچىم بار ئىدى،ساۋاقداشلار چاقرىقلىرمىز كەلگىچە پات- پات يىغلىپ كۈرشۈپ تۇردۇق بۇنداق چاغلاردا ئۇنى كۈرۈش ئۈچۈن مەن ئەڭ ئاكتىپلىق بىلەن يىغلىشقا قاتناشتىم،بىر نەچچە قېتىم ئۇ كەلمىدى،ئىچىم تىتلداپ تۇرغان يىرىمدە تۇرغۇم كەلمەيدىغان بوپمۇ قالدىم،ئاخرى ئىمتاھان نەتىجىلىرمىزمۇ چىقتى،ماڭا تىببى ئۇنۋىرسىتنىڭ داۋالاش كەسپىگە ئاتا ئانامنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلغان كەسپىگە چاقرىق كەلدى،تۇلمۇ خۇشال بولدۇم،لىكىن شۆھرەتنىڭ ئۆتكەن ئۆتمىگىننى بىلەلمەي كۆڭلۈم چىگلىپ قالدى،ئۇنىڭمۇ ئۈتشىنى بىزنىڭ يەنە بىر مەكتەپتە بىللە ئۇقشىمىزنى اللادىن تىلەيتىم.ئاتا ئانام ئۇرۇق تۇققان، قوشنا، خىزمەتداشلىرى ئالدىدا يۈزنى يۇرۇق قىلغان مەندەك چىرايلىق قىزدىن تۇلمۇ پەخىرلىنىپ يۈرەتتى.
ئاردىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە شۆھرەتتىن تىلفۇن كەلدى،ھاياجاندىن گەپمۇ قىلالمىدىم،ئۇ مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى ئىكەنلىكنى ئېيتقاندا يۈركۈم خۇشاللىقتىن تىپچەكلەپ كەتتى،مەن ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلشىپ ئۈيمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كىچىكنە ھۇرۇنلار باغچىسدا كۈرۈشتۈم،ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈنكى كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى،ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىدىمكىنە،مۇمكىن ئەمەس ئۇ سىنىپ بۇينچە دەرستە ئەڭ ياخشى ئۇقۇغۇچى تۇرسا قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن..كاللامدا ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلدىم،ئۇنىڭ بىلە پەقەت نەچچە مىنۇتلا بىللە ئولتۇرۇپ قىسقىلا ئەھۋاللاشتۇق،ئۇ مىنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىكمنى مۇبارەكلىدى،ئۇنىڭ ئۆتكەن ئۆتمىگىننى سۇردۇم،ئۇ ماڭا جاۋاب ئورنىغا بىر پارچە خەتنى تۇقۇزۇپ قۇيۇپ مەن بىلەن خوشلۇشۇپ كىتىپ قالدى،نىمە قىلشىمنىمۇ بىلمىدىم،خەتنى ئالدىراپ ئاچتىم.
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك ساۋاقدىشىم ئاينۇر قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇرۋاتقىنىڭىزنى كۈزۈم كۈرۈپ تۇرۇپتۇ،شۇنداقتۇمۇ اللادىن تىنىڭىزنىڭ سالامەت كۈنلىرڭىزنىڭ شاتلىق ئىچدە ئۈتشىنى تىلەيمەن،ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىكڭىزنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ سىز ئۈچۈن مەنمۇ تۇلمۇ خۇشال بولدۇم،مۇبارەك بولسۇن،سىزنىڭ ياخشى ئۇقۇپ ياراملىق بىر دوختۇر بۇلۇپ چىقدىغىنڭىزغا ئىشنىمەن،ھەم ئارزۇ قىلمەن.بەلكىم سىزچۇ؟ دىمەكچىسىز،بىلمەن سىزنىڭ مەن بىلەن بىللە ئۇقغىڭىز بار،مەنمۇ دۆت ئەمەس سىزنىڭ مىنى ياخشى كۈردىغىنىڭىزنى ،مىنى ھۆرمەت قىلدىغىنىڭىزنى مەن ئىككىنچى يىللىقتا ئۇقۋاتقان چاغلىرىمدىلا بىلەتتىم،ھەم مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرەتتىم،مەن سىزگە دىمگەن،دىيشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم،سىزنىڭ ئۇچۇق .شوخ مىجەزىڭىز ماڭا تۇلمۇ يېقىملىق تۇيلاتتى،سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق ئۈتشىڭىزنى ئارزۇ قىلمەن،ئاينۇر مەكتەپتە ئۇقيالمايدىغان ئوخشايمەن،مەن سىزگە بەرگەن ئاددى بىر بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ۋەدەمگىمۇ ۋەدەمگە ئەمەل قىىلالمىغان يەردە سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۈتۈشكە،تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچكىنى تەڭ تېتىشقا،بۇ ئۇزۇن ھايات سەپىرىدە بىللە قول تۇتۇپ مېڭىشقا ھەرگىزمۇ ۋەدە بىرەلمىگدەكمەن،كەچرۈڭ،مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ،سىز چۇقۇم مەندىنمۇ ياخشى سىزنى ئۆز ھاياتىدىنمۇ قەدىرلەيدىغان سىزگە بەرگەن ھەر بىر ۋەدىسنى جان پىدالىق بىلەن ئۇرۇنلىيالايدىغان بىرى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش قۇرالايدىغىنىڭىزغا ئىشنىڭ ،سىز مىنىڭ ئائىلە شارائىتىمنى بىلمەيسىز،مەن سىزگە سۆزلەپمۇ بەرمىگەن ،مەن ھەرگىزمۇ سىزگە لايىق ئەمەس،دەبدەبلىك ۋەدىلەرنى بىرىپ سىزنى ئالداش مەن ئۈچۈن نۇمۇس،بىلەمسىز ئاينۇر مەن بىر تۇل خۇتۇننىڭ ئوغلى،دادام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن،بىچچارە ئانام مىنى قانچىلغان جاپادا چوڭ قىلغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان،ئۇ مىنى ياخشى ئۇقتۇش ئۈچۈن قانچىلغان كىشلەرنىڭ كىرنى يۇيغانلىقنى،قانچىلغان ئاشخانلارنىڭ چىنىە تەخسىلىرنى يۇيغىننى،شەھرىمىزدىكى كۇچلارنى تاڭ سەھەر تۇرۇپ نەچچە قېتىم سۈپرۈپ تازلىق ئىشچىسى بولغىننى ساناپمۇ بۇلالمايمەن،ئۇنىڭ ئارزۇيى مىنى ياخشى بىر دوختۇر قىلش ئىدى،داۋاملىق ماڭا بىردىغان تەربىيەسىمۇ ياخشى ئۇقغىن ياراملىق بىر دوختۇر بولغىن،داداڭدەك ئېغىر كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان دوختۇر بولغىن،سىنىڭدەك نەچچە باللارنىڭ يىتىم بۇلشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان دوختۇر بول دىيىش ئىدى،مەنمۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرشىپ ئۇقدۇم،بۇ جەرياندا سىزدەك تىرشچان ئاق كۈڭۈل قىز بىلەن بىللە بىلم ئېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم،بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ شىرىن مىنۇتلىرىم،كەچرۈڭ ئاينۇر مەن ھەقىقەتەن سىزگە لايىق ئەمەس،مەن ئەمدى ئۇقماسلىق قارارىغا ،كەلدىم ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ماڭا بەش قولدەك ئايان بىچچارە مىھرىبان ئانامنى يەنە قانچىلىك قىينايمەن،ئۇ مىنىڭ چاقىرىق قەغىزىمنى كۆرگەن شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خۇشال بولدى،لىكىن كىچىلىرى غەمدە ئۇخلىيالماس بوپ قالدى،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇشقا قانچىلىك پۇل كىتىدىغىننى ئۇنىڭغىمۇ ماڭمۇ ئايان،ئەمدى ئۇنى قىينىماسلىق قارارىغا كەلدىم،مىنڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكۈنۈم ئۇنىڭ مىنى ئۇقتقىنىڭ بىكارغا كەتمىگىننى بىلدۈرگۈنۈم شۇ يىتەرلىك دەپ قاريمەن،ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا تىرشىپ تىجارەت قىلماقچى،داداممۇ ئاتۇشلۇق ئىدى ،ئۇ تىجارەتكە تۇلمۇ پىشقان كىشى بولشى مۇمكىن ،دادامدىن قالغان ئىرسىيەت بولسا كىرەك كىچكىمدىن تىجارەتكە ئىپىم بار دەم ئېلىش كۈنلىرمۇ كىچىك تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇلۇنۇپ مەكتەپ خىراجىتمنى ئۈزۈم تېپىپ خەجلەيتىم،مەنمۇ ئەمدى ئون سەككىزگە كىرىپ قالغان ئەركەك بوپ قالدىم،ئانامنى قىيناۋەرسەم ۋىجدانىم يول قويمايدىكەن،مىنى كەچرۈڭ ئاينۇر،بۇ گەپلەرنى ھېلقى كۈنى چۈشتە سىنپتا يالغۇز قالغان كۈندە دىمەكچى بولغان ئىدىم،لىكىن سىزنىڭ ئۈگنىش نەتجىڭىزنىڭ چۈشۈپ كىتىپ ئالى مەكتەپكە ئۈتەلمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ دىمگەن،ئەمدى مەن خاتىرجەم بولدۇم،سىز ئىمتاھاندىنمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتىڭىز،ئاينۇر مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئالى مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇپ ياراملىق بىر دوختۇر بۇلشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن، سىز ئەمدى ئۈزڭىز ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە مەن ئۈچۈن ئەشۇ مىھرىبان ئانامنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈنمۇ ئۇقۇڭ،ئانامنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرنى سىز مەن ئۈچۈن ئۇرۇنلاڭ،نۇرغۇن يىتىم باللارنىڭ پەيدا بۇلشنى تۈگتىدىغان ئاق خالاتلىق پەرشتە بۇلۇڭ،اللاغا ئامانەت.
ساۋاقدىشىڭىز--------شۆھرەت
ئۇنىڭ خىتنى ئۇقۇپ ئۈزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم،ئۆيگىمۇ ناھايتى روھسىز قايتتىم،نەچچە كۈن ياتدىغان .ئۈيۈمدىنمۇ چىقماي ئۇنىڭ خېتىنى يېنىش يېنىشلاپ ئۇقدۇم،بۇلارنى قۇبۇل قىلش ماڭا تەس كەلدى لىكىن بۇ رىئاللىق ئىدى،ئۇزۇن ئۆتمەي ئالى مەكتەپكىمۇ باردىم.ھەر قېتىم قىينىچىلىقا ئۇچرىغىنمدا،دەرسلىرىم ئېغىر كەلگەندە شۆھرەتنىڭ ئاشۇ بىر پارچە خېتى ماڭا مەدەت بولدى،ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئۈزۈم ئۇقغان شەھەردىكى بىر دوختۇرخانغىمۇ بۈلۈندۈم،ئەمدى يۇرتۇمغا يىلدا پەقەت نەچچە قېتىملا بېرىش پۇرسىتى بار ئىدى،شۇڭلاشقىمۇ شۆھرەتنىڭ كىينىكى تۇرمۇشدىن مەن خەۋەرسىز،ۋاقىتنىڭ ئۈتشى بىلەن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم،ۋاقىت ھەمىنى ئۇنتۇلدۇردى،خىزمەت ئورنۇمدىكى بىر يىگىت ماڭا ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى،ماڭا كۈينەتتى،قىينچىلىقلىرمنى ھەل قىلشىپ ماڭا ھەمدەم بۇلاتتى،مەن شۆھرەت دىگەندەك ماڭا كۈينىدىغان مىھرىبان ۋەدىسدە تۇردىغان ھېلقى يىگىتنى تاپقان ئىدىم ،ئۇنىڭ بىلەن چىقشىپ قالدۇق،كىيىن تويمۇ قىلدۇق بۇ دەل مىنڭ يولدۇشۇم،ئەركىن ئىدى،ئۇ تۇلمۇ چىقشقاق،ئاق كۈڭۈل كۈيۈمچان ،ۋاپادار ،كەسپچان تىرشچان ئەر ئىدى،بىز ناھايتتى ئىناق ئۈتەتۇق،بىز توي قىلپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ دوختۇرخاناباشلىقلىقغا ئۆستۈرۈلدى،خىزمىتى بەكمۇ ئالدىراش،ئۇ شۇنداق ئالدىراشلىق ئىچدىمۇ ۋاقىت چىقرىپ ماڭا كۈينەتتى،كىيىن مەن ئېغىر ئاياق بۇلۇپ ئۇماق بىر قىز تۇغدۇم،ئائىلىمىزگە بىر خۇشاللىق قۇشۇلدى،
قىزىم بەش ياشقىمۇ كىرىپ قالدى ،مانا مۇشۇنداق خۇشال كۈنلىرمدە شۆھرەتنىڭ كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلشى،مىنى تۇلمۇ بىئارام قىلدى،ئۆتۈپ كەتكەن شۇ كۈنلۈرۈم ھىچ خيالمدىن چىقمايتتى.ئالدىنقى دەم ئېلىش كۈنى مەن
قىزىمنى ئېلىپ نەرسە كىرەك ،كىيىم كىچەك سېتۋالغىلى سودا سارايغا كىردىم،يەكشەنبە بولغاچقىمۇ ئادەم تۇلمۇ كۆپ،
قىزىمنى كۈترۈپ دىگدەك ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ باللار كىيملىى كۈرۈشكە باشلىدىم،بىر چاغدا يېنىمدىلا ئويناۋاتقان
قىزىم كۈرۈنمەيتتى،بەكمۇ جىديلىشىپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم،ھىلى ئۇيان ھىلى بۇيان چېپىپ بىر دۇكانداقىزمنىڭ بىر ئەرنىڭ قۇلنى تۇتۇپ بىر نىملەرنى كۈرۋاتقانلىقنى كۈرۈپ قالدىم،جىدىيلىكتە بېرىپلا قىزمنىڭ قۇلدىن تارتىپ ۋارقىراپ كەتتىم، -نەگە باردىڭىز دىلبەر،ۋاي ئانمەي ئەجەپ قورقىتىڭىز مىنى،بەڭباش بوپ كىتپسىز جۇمۇ ،دادڭىزغا دىمسەم خەپ-،
قىزىم مىنى كۈرۈپلا پاڭىدە يىغلىدى،دە ماڭا ئېسىلدى،ھېلقى ئەر كىشگە قاردىم يۇ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم،ئۇ دەل نەچچچە يىل بۇرۇنقى سۆيگۈ گۈللىرمنى ئېچلدۇرماي تۇرۇپ تۇزۇتقان شۆھرەت ئىدى،ئۇ نىڭ چىرايى ئانچە ئۆزگەرمىگەن ،بۇلۇپ ئاتۇشلۇقلارغا خاس قاپقارا بۇرتىىلا قۇشلۇپ قالغاندەك قىلاتتى،بىز قىزغىن كۈرۈشتۇق،ئۇمۇ مىنى بىر كۈرۈپلا تۇنۋالدى،بىز بىللە تاماق يىدۇق،ئۇ مەكتەپتىن قالغاندىن كىيىن ئۈزى دىگەندەك تىجارەت قىلۋېتىپتۇ،تېخى تويمۇ قىپتۇ يەنە تېخى نەچچە ئايلىق بولغان ئوغلىمۇ بار ئىكەن قارغاندا ئۇمۇ بەخىتلك تۇرمۇش قۇرغاندەك قىلاتتى .بۇيىل بۇ شەھەردىن دۇكان ئېلىپ باللار كىيملىرى ۋە ئۇيۇنچۇق سودىسى قىلۋاتقان ئىكەن،بايقى دۇكان ئۇنىڭ دۇكنى بۇلۇپ
قىزىم ئۇنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرغا قىزقىپ دۇكاندا ئويناپتۇ،ئۇ ئاپىڭىز قېنى دەپ سۇرسا جاۋاپ بىرەلمىگەن ئىكەن،ئاپسى ئىزدپ كەلسە مۇشۇ يەردىن تېپۋالار دەپ دۇكاندىن چىقىلى قويماي قۇلدىن تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن،مەن راسلا ئىزدەپ كەپتىمەن،بىز بىر بىرمىزگە ۋە قىزىم دىلبەرگە قاراپ كۈلشۈپ كەتتۇق بۇ تەقدىرنىڭ ئىشلىرنى،مىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن
قىزىم بىزنى ئۇچراشتۇرۇپ قويغان ئىدى.تاماقتىن كىيىن ئۇ مىنى دۇكنىغا باشلاپ بېرىپ
قىزىمغا چىرايلىق ئۇيۇنچۇق كىيملەرنى سوۋغا قىلدى،شۇنچە ئالماي تۇرۋالساممۇ ئۇ رەنجىگەن قىياپەتتە،-ئەمدى
قىزىڭىزنى مۇشۇنچىۋالا بولغاندا كۆرسۈتۈپ،مەن سوۋغات بەرسەممۇ ئالمايدىغان بوپ كەتىڭىزما؟- دىدى ،ئامالسىز ئۇنىڭ سوۋغاتلىرنى قۇبۇل قىلپ ئۈيۈمگە قايتىپ كەلدىم.
مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بىرى ناھايتى قىينالدىم،بىكار بولساملا ئۇ خىيالمغا كىرۋېلىپ مىنى ئارامىمدا قويمايتى،قىزمنىڭ ئۇ بەرگەن ئۇيۇنچىقلىرنى كۆرسەممۇ ئۇ يەنلا خىيالىمدا،يولدۇشۇم ئەركىن بىلەن ئۇنى سېلىشتۇرۇپمۇ باقاتىم،ھۇجرامغا قايتىپ كىرىپ ياتتىم،بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتسى قىزمنىڭ ناشتىلقىنى بىرىپ بۇلۇپ ئۇنى يەسلىگە ئېلىپ باردىم،ئالدىراپ يەسلىدىن يەنە ئىشقا،دوختۇرخانىمىزغا قايتىپ كىلپ خالاتلىرمنى يەڭگۈشلەپ بۇلۇپ تۇرسام ئەركىن ئىشخانىدا پەيدا بولدى،كىچدىن بىرقى ئوپراتسىيەدىن تازا چارچاپ قالغاندەك قىلاتتى،ئۇ مەندىن ئەھۋال سۇراپ بۇلۇپ ناشتا قىلغان قىلمىغنىمنى سۈرۈشتە قىلپ خاتىرجەم بولغاندىن كىيىن ئارام ئالغىلى ئۆيگە كەتتى،پۈتۈن خىيالىم يەنە شۇ شۆھرەتتە،ئىناق ئائىلەمدە ،بىر چاغدا سىرىتتىن بىر سىستىرا يۈگرەپ كىردى، -تىز تىز بۇلۇڭ ئاينۇر دوختۇر،بىر جىددى كىسەل كەلدى، قاتناش ھادىسسىغا ئۇچراپتۇ باش قىسمى يارلىنپتۇ،ھازىر ئوپراتسىيە خانىدا.-ئۇنىڭ سۈزى تۈگشى بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن يۈگرەپ دىگدەك ئوپراتسىيەخانغا ماڭدىم،ئوپراتسىيەنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق ئىشلىرنىڭ تۈگشىنى كۈتۈپ ،قۇلۇمنى دىزنفىكسىيەلەپ ئوپراتسىيە پەلەيلىرمنى كىيدىم،كىچدىن بىرى ياخشى ئارام ئالمىغاچقىمۇ كەيپىياتىم پەقەتلا ياخشى ئەمەس،ماسكامنى تاقاپ ئوپراتسىيە ئۈستىلى يېنىغا كەلدىم،كىسەلنىڭ پۈتۈن چىرايى قان بىلەن تولغان بۇلۇپ كىملىكنىمۇ تۇنغىلى بولمايتى،ئىسپىرىتقا چىلانغان پاختىدا ئۇنىڭ يارا ئېغزىنى تازلىدىم،ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئەينەك پارچىسى كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ يارا ئىزى خىلا چۇڭقۇر ئىكەن بەلكىم مىڭسى زەخمىلەنگەن بۇلشىمۇ مۇمكىن،ئۇنداق بولمىغاندىمۇ چۇقۇم مىڭسىگە قان چۈشكەن بۇلشى ئىھتىمالغا يېقىن ،بار كۈچمىزنى ئىشلتىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشتۇق لىكىن ئامال يوقتەك قىلاتتى،ئۇنىڭ مىڭسى تىشلىپ كەتكەن بۇلۇپ ئاپئاق مىڭە سۇيۇقلىقى ئەينەك پارچىسنى تارتىشىم بىلەنلا ئېتلىپ چىقتى،تىنىم شۈركۈنۈپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم،قوللۇرۇم توختاۋسىز تىترەيتى،سىستىرالار جىددى ئۇنىڭ يارا ئەتارپىنى ،يۈز كۆزلىرنى تازلاشقا باشلىدى،قۇلۇمدىكى ئپراتسىيە پىچقى تاراڭلاپ يەرگە چۈشتى،پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىدى ياتقان بىمار دەل شۆھرەت ئىدى،ئۈزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتۋاتقان تىنى ئۈستىگە ئۈزۈمنى ئاتتىم كۈزۈمنى چىڭ يۇمۇپ پاڭىدە يىغلىۋەتتىم،كۆز ئالدىمدىكى مۇشۇ ئېچنىشلىق مەنزىرنىڭ يالغان بوپ قېلشىنى،ياتقان بىمارنىڭ شۆھرەت ئەمەس باشقا يات بىرى بۇلشىنى تىلدىم،يېنىمدىكى سىستىرالار نىمە بولغىننى ئاڭقىرالماي قىلدىغان ئىشلىرنىمۇ قىلالمىدى ، كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش تۈكلەتتى،ئۇنىڭ ئىسمنى چاقراتتىم ،شۆھرەتنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان زەئىپ ئاۋازىدىن ئىسمنى يىغىپ ئۇنىڭ يۇملۇپ كىتۋاتقان كۆزلىرگە قاردىم،ئۇ يۇملۇشقا باشلىغان كۆزلىرنى ئاستا ئېچىپ ماڭا قاردى ،چىرايىدا يەنلا شۇ يېقىملىق كۈلكە،ئۇ جانسىز قوللىرنى ئاستا كۈتەرمەكچى بولدى لىكىن كۈترەلمىدى،قۇلۇمغا ئۇنىڭ قۇلنى ئېلىپ مەھكەم تۇتتۇم ،ئۇ ئاخىرقى تىنقى بىلەن ئاستا شىۋىرلىدى،-مەن خاتىرجەم بولدۇم،مىنىڭ دوختۇتۇرۇم يېنىمدا.....شۆھرەت ئۈلۈپ كەتتى،يىغدىن ئۈزۈمنى پەقەتلا تۇتۋالامىدىم،ئۇ ئەسلى يولدىن ئۈتۈپ كىتۋاتقان بىر كىچىك بالنى قۇتۇلدۇرمەن دەپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىدى،ئوپراتسىيەخاندىن سىستىرالارنىڭ يۈلەشتۈرشى بىلەن مەجبۇرى، ھالسىز يېنىپ چىقتىم،ئوپراتسىيەخانا ئالدىدا بىر كىچىك ئۇغۇل بالا ۋە ھېلقى قاتناش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان شوپۇر،ئىشككە تەلمۈرشۈپ تۇراتتى،ھېلقى بالا ئالدىمغا كىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۇردى،مەن بۇقۇلداپ يىغىلغىنمچە بېشىمنى سىلكىدىم،شۇ ئەسنادا چىرايلىقنە بىر قىز قۇلدا ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان بىر ئۇغۇل بالنى كۈترۈپ ئوپراتسىيەخانا ئالدىغا كەلدى،ئاندىن ئۈزنىڭ شۆھرەتنىڭ ئايالى ئىكەنلىكنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۇردى،تىلىم گەپكىمۇ كەلمىدى،ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلىگگ بىر بالنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغان بىلەن مەن ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرالماي بالسىنىڭ يىتىم بولغانلىقغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى،مەن ئۇنىڭ ئوغلىنى يىتملىكتىن قۇتۇلدۇرۋالالمىغان ئىدىم،مەن يىتملىكتىن قۇتۇلدۇردىغان ئۇنىڭ كۈتكىندەك باللارنى ئاق خالاتلىق پەرىشتە ،ئۇلۇغ دوختۇر بۇلالمىغىنمدىن يۈركۈم ئۆرتەنمەكتە.......قايتلانغان بۇ ھىجران ماڭا تۇلمۇ ئېغىر كەلمەكتە،بىرنچى قېتىمدىغۇ ھايات ئايرىلغان ئىدۇق كىيىن يىللار ئۈتۈپ ھەرئىككىمىز بەختلىك ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن اللانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن كۈرۈشتۇق،مانا ئەمدى رەھمسىز تەقدىر ئۇنى مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىغان ئىدى.............
تۈگدى .
بارچۇق
قىزى،مارالبېشى.