ئاساسىي تېما : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرىدىن  (مۇسلىنە )ئاۋاتلىقى:122ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



بۈگۈن ماڭمىساڭ ئەتە يۈگۈرەيسەن ...
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 5821
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5828 نوقتا
پۇل : 58280 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:523(سائەت)

 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرىدىن  (مۇسلىنە )

                    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرىدىن



     * ئەقىل  _ پاراسەت ئىنساننىڭ نۇرى .

     *   ئىنسانىيەت ئۇمۇمى ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇش ھارپىسىدا روھىيەتتىكى مىسلىسىز بوھرانغا دۈچ كەلمەكتە .

     *   ئىنسان پۈتكۈل كائىنات سىرلىرىدىن تۈزۈلگە ئۈچ ئەۋرىشكە ، ئىنساندا كائىنات مۇمكىكنلىكلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۆرۈنمەسلىك سۈرەت يۇشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنلىرى ساقلانغان .

    *  ئىنساننىڭ ئىنسانلىغىنى ئويغۇتىشى - مانا بۇ << ۋەھى >> ۋە مەرىپەت .

    *    ھاكىم سەلتەنەت ئىگىسىدۇر ، ھاكىملار تۇغرۈلۈق ئوقۇغان ھەمدۇسانلار بىلەن ئۆتكۈر مەسخرىلەر بۇ تائىپىنىڭ شۈبھە تامانلىرى ئارىسىدىكى ھالىتىدىن بىر دېرەك . ئادىل پادىشا ، پەيلاسوپ پادىشاھ ، رەئىيەت ( خەلق ) پەرۋەر پادىشاھ ھەققىدىكى نەسىرى ، شېئىرى تاپسىلاتلار كۆپ قېتىم چاينالدى ، ۋاھالەنكى ھاكىم مەۋجۇتلىقى زۈرۈر بولغان مۇھىتتا يەنىلا ھاكىم مەۋجۇتلىقىدۇر .

  *     ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، جاپا بىلەن ياشاپ ھەسرەت بىلەن ئۆلىدۇ ! 
ئىنساننىڭ سىرلىرى ، مۇئەممالىرى مۇناجات ئىلاھيەت قۇبىسسىدا ئەمەس ، بەلكى ئۆزلۈك بەشەرىيەت ئۇقباسىدا !

  *     ئنسان گۆھەرسىزلىكتىن گاداي ئەمەس ، چارىسىزلىكتىن بىچچارە ئەمەس ! ئۇ قۇل ، ئەمما بۇنىڭ ۋەجى دۇنيادا ئەركىنلىك مۇۋجۇد بولمىغانلىقىدىن ئەمەسقۇ ، ئاخىر !

  *     جاھان سەييارىدۇر گويا ، ھەممە زېھنىڭ ساپاسىدا ،
         بىراۋدىن ئىزلىمە سۆيگۈ ، ئۇ قەلبىڭنىڭ ناۋاسىدا .
         كىشى ئالەم ئۈچۈن ئەينەك ، ئۇنۇڭدا بارچە سىر ئايان ،
         جۇلادۇر ئىزگۈ بىر ئىستەك روبائى مۇددىئاسىدا .

    *  ئاشىقىم ، بىر جۈپ بۇلبۇلدەك سايرىشىپ ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلىشىپ ، بىر جۈپ چىچەكتەك ئېچىلىپ ، خۇش پۇراق بىلەن بىر - بىرىمىزنى زىيارەت قىلايلى .

    *   مۇھەببەت مۇشپىقىم ، قەدىر - قىممىتىڭدىن ساختا شىۋىرلاشلاردىن ئەمەس ، ھەقىقى شېريەت بىناسىدىن ئىزدىگىن ، بۇ بىنا - مەڭگۈ توزىماس چىچەك بىلەن بېزەلگەن .

    *   سۆيگۈ دىمەك قاناتسىز قۇشنىڭ ئۇچۇش ئىستىكى ،
       سۆيگۈ دىمەك ھاياتلىق ئۆمرىنىڭ دېرىكى .
        سۆيگۈ دىمەك ھېسسيات يۈرىكىنىڭ ئىدرىكى ،
        سۆيگۈ دىمەك ئىختىيار مۈلكىنىڭ سۇلتان بېگى .

    *  مۇھببەت زۇمرەتلىرىنى ئىزدەپ ، شېئىريەت گۈزەللىكىنىنىڭ يۈكسەك مۇنارىنى تىكلە .
مۇھەببەت تېرەن سۇ تىگىدىمۇ ئەمەس ، يالقۇنلۇق ئوت ئىچىدىمۇ ئەمەس ، بوران - چاپقۇنلار ئىچىدىمۇ ئەمەس ، مامۇق بۇلۇتلار قوينىدىمۇ ئەمەس ... مۇھەببەت بۇلارنىڭ گىرەلەشكەن جايىدا ، تۆت كوچا ئاغىزىدا .

    *  ھەقىقى مۇھەببەت - ئەركىن مۇھەببەت ، سۆيۈشكەنلەرنىڭ ئۆز مۇھەببەتىدىن ، ئىختىيارلىق مۇھەببەتىدىن ئىبارەت .

    *   تەبىئەت سۆيىدۇ ئۆز مەشۇقىنى ، سۆيگۈدىن راۋاندۇر . 
بىپايان ئالەم ، بىلىمەن يارالغان تۇرۇپ سۆيگۈدىن ، شۇ سۆيگۈ تۈپەيلى گۇناھكار ئادەم .

  * كۆز يېشىمنىڭ ئۈنچىلىرى مەڭزىڭنى زىننەتلىسە ، ئاھۇ پىراقنىڭ ئىزىرغىن شامىلى چاچلىرىڭنى ئەتىۋارلەپ سىلىسا ، يېرىلغان يۈرىكىمنىڭ بىگۇنا قانلىرى لەۋلىرىىڭنى لاكتەك بويسا ، سەن ئۈچۈن شېئىرلىرىم بىلەن غۇلىمايدىغان ھەيكەل ياسىسام ، بۇ ، بۇلار مىنىڭ  ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئازادىلىگىم .

   *      زىھنىڭددە يېڭىچە تەپەككۈر ھامان ،
          بەرق ئۇرار ، دىللارغا ياندۇرۇپ چىراق .
          ئىزلىرىڭدىن قەد ئالار بىر يېڭى  جاھان ،
          ئىنسانغا مۇناسىپ تا باشتىن ئاياغ !


   *       ئالدىڭدا يانارمەن ، ئايغا تەلمۈرۈپ ،
           روھىمغا تەلمۈرۈپ ، روھىمغا يىغلاپ .
          ئۆزىنى ئىزدەر ئاي ئەسىرلەر يۈرۈپ ،
          جىسمىمغا تۇپراقلار ياپسىمۇ نىقاپ .


   * مىنىڭ سۆيىدىغىنىم مۇھەببەت ۋە مۇلايىم ، ئىللىق ، لەرزان ساپ ھىسياتتىن ئىبارەت ، خالاس .

  *  ھەقىقى شېئريەت _ ئەركىن ئازادلىقنىڭ مەشۇقى ، نۇپۇزلۇق پىكىر ئۇنىڭ مۇشپىقى .
    
  


خاتىرەمگە ساقلىۋالغانلىرىم ئىكەن ، مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي . كېيىن ۋاقىت يار بەرسە يەنە يوللارمەن .



مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتىۋالىمەن ...

Posted: 2011-03-30 02:02 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:97(سائەت)

 

بەك ياخشى يىزىپسىز ئەجرىڭىزگە رەخمەت .......
Posted: 2011-03-30 03:12 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 1592
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1603 نوقتا
پۇل : 16030 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1981(سائەت)

 

ئالىمنىڭ كىيىنكىلەر ئۈچۈن قالدۇرغىنىنىڭ قىممىتىنى تېخى ھازىرمۇ تولۇق چۈشۈنۈپ بولالمىساق كېرەك...ۋاقىت يار بەرسە يەنە يوللاپ تۇرارسىز.

قۇم ئاستىدىن ئاتا-بوۋاڭ قۇلاق ياساپ قىياقتا،
سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى تىڭشاپ تۇرغان سىياقتا.

Posted: 2011-03-30 04:43 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1569
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1571 نوقتا
پۇل : 15710 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2172(سائەت)

 Re:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرىدىن  (مۇسلىنە )

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى تۈرگۈن نىڭ 2011-03-30 04:43 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
ئالىمنىڭ كىيىنكىلەر ئۈچۈن قالدۇرغىنىنىڭ قىممىتىنى تېخى ھازىرمۇ تولۇق چۈشۈنۈپ بولالمىساق كېرەك...ۋاقىت يار بەرسە يەنە يوللاپ تۇرارسىز.

            << تەپەككۇردا 50 يىل ئالدىدا ماڭغان ئىنسان >> دەپ تەرىپلەنگىنى  ھەق ئوخشايدۇ .

پاسخا ئارىلىغا بارغۇم بار .

Posted: 2011-03-30 11:39 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھەق گەپ ھەق سۆز

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation