ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
يوللىغان ۋاقىت:2011-03-29 12:32:22  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

   بىرلەشمە ئارمىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە ، لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە تېزلىكتە غەربكە قاراپ ئىلگىرلەپ ، شەرقتىكى مۇھىم نېفىت شەھىرى پرېك كاك ، رەئىس لانۇف ، بەنجاۋادلارنى ئىگىلىگەن . بۇ لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بارلىق نېفىت بايلىقىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر 27–مارت ئۆزلىرىنىڭ رەئىس لانۇف ۋە پرېك كاك قاتارلىق بىر نەچچە مۇھىم نېفىت شەھىرىنى كونترول قىلغانلىقىنى ھەمدە نېفىت ئېكىسپورت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان . رەئىس لانۇف بىلەن پرېك كاك شەھىرىدە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ،  شۇنداقلا ئېكىسپورت قىلىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ ، لىۋىيەنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان شەھىرى ھېسابلىنىدۇ بىراق بىر قىسىم ئانالىزچىلار بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى نېفىت ئىشچىلىرى ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېفىت ئېكىسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئۇنىڭدىن باشقا ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 27–مارت ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن مىسراتادا كەسكىن جەڭ قىلغان بولۇپ ، لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28–مارت مىسراتادا ‹‹ تېررورلۇق تەشكىلاتى ›› بىلەن جەڭ قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان . مىسراتا ، پايتەخت تىرىپولى بىلەن سۇرت ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، لىۋىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىبىراھىم ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ شەرقتىن غەربكە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ، پايتەخت تىرىپولىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ ، تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارلىمىغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : ‹‹ لىۋىيە رەھبىرى كازافىي ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولۇپ ، ھەممەيلەن بىلەن نورمال بولغان ئالاقىنى ساقلاۋاتىدۇ ›› .

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2011/0329/article_11891.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بې...
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇۋىلىندى
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتق...
فىجى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
فىجى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
ئەنگىلىيە تۆمۈر يولى سىگىنالىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ نەچچە مىڭ يولۇچى 5 سائەت قامىلىپ قالدى
ئەنگىلىيە تۆمۈر يولى سىگىنالىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ نەچچە مىڭ يولۇچى 5...
ئۆزبىكىستاندىكى «دوزاخ ئىشىكى»
ئۆزبىكىستاندىكى «دوزاخ ئىشىكى»
4 ياشلىق قىز 40-نۇمۇرلۇق ئاياق كىيىدىكەن
4 ياشلىق قىز 40-نۇمۇرلۇق ئاياق كىيىدىكەن
 
 
قىزىقارلىق قىسقا فىلىملار
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ