ئەخمەتجان قاسىم 1989- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى قەشقەر شەھرىنىڭ بېھىشكىرەم يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ كېچىكىدىن تارتىپلا ناخشا-مۇزىكىغا قىزىقاتتى. ئەخمەتجان 2008- يىلى شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇلماسلىق سەۋەبى تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالغان. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ شۇ يىلنىڭ ئاخىردا «نازلانما» نامىلىق ناخشىسىنى ناۋا پىروگىراممىسىدا ئورۇنلاش مەقسىتىدە تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ قاتنىشالمىغان. ھازىر ئەخمەتجان يېڭى بىر ناخشا پىلاستىنكىسىغا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ، پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. تۆۋەندە ئەخمەتجان قاسىم ئىجراسىدا «ئاچچىق ئەسلىمە»، «نازلانما» قاتارلىق ئىككى ئىجادىيتىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.




|