ئاساسىي تېما : جەزبىدارلىقنى ساقلاشتىكى 10 سىرئاۋاتلىقى:201ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



يەنە بىر كۆرسەم........
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 571
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 574 نوقتا
پۇل : 5740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:437(سائەت)

 جەزبىدارلىقنى ساقلاشتىكى 10 سىر

    خانىم- قىزلار چىراي گۈزەللىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ . چىراي گۈزەللىكىنى ياخشى ساقلاش ، ئاسراش ئۈچۈن ئۇنۋىرسال تەدبىر قوللىنىش ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ھالقىلاردىن تارتىپ دىققەت قىلىش كىرەك.
1.قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش كىرەك . قايناق سۇنىڭ بەدەنگە سۇ تولۇقلاش ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولۇپ، ھەركۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە بەدەن ھەم تېرىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى تولۇقلىنىپ ، تېرە نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ .
2.دائىم سۈت ئىچىپ بېرىش كىرەك .سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، تەركىبىدە كالتىسىي كۆپ بولۇپ ، ھەركۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلغاندا ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3.دائىم مېغىز يەپ بېرىش كىرەك . مېغىز تەركىبىدە مول تۆمۈر ماددىسى ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار بار .مېغىزنى كۆپ يەپ بەرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىگىن توشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ، تىرە ھۈجەيرىلىرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ۋە بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ .
4.بانان يەپ بېرىش كىرەك . بانان تەركىبىدە ۋىتامىن A,B,C,D,Eلار ۋە بەدەندىكى كىسلاتا ، ئىشقارلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان فوسفور قاتارلىق مىنرالنى ماددىلار كۆپ بولۇپ ، ئۇ نېرۋىنى تىچلاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ساغلاملىق يىمەكلىكى ھىساپلىنىدۇ .
5.ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش كىرەك . ئەتىگەنلىك تاماق بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ ، ئەتىگەندە شوۋىگۈرۈچ ، سۈت ، تۇخۇم ، بولكا ، نان ، مۇراببا قاتارلىقلارنى يىيىش كىرەك . مول ئەتىگەنلىك تاماق بەدىنىڭىزنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، كۈچ قۇۋۋىتىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ .  
6.دائىم سۇ ئۈزۈپ بېرىش كىرەك . سۇ ئۈزۈش بەدەننى راھەتلەندۈرىدىغان بىر خىل چىنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ ، سۇ ئۈزگەندە كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلىپ ، تەن ساغلاملىقىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

7.سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كىرەك . كۆپلىگەن كىشلەر ئائىلىسى بويىنچە سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ، ئاپتاپقا قاقلىنىش ، تاققا چىقىش ، ئارغامچا سەكرەش ، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ماددا ئالمىشىش ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
8.دائىم گۈل قاتارلىق پۇراقلىق نەرسىلەرنى پۇراپ بېرىش كىرەك . گۈل - گىياھلار روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ، كىشىگە گۈزەل تۇيغۇ ، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ .
9.تازىلىققا رىئايە قىلىش كىرەك.
 10.تېرىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . سىرتقا چىققاندا كۈن نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغانماي سۈرتۈۋىلىش ياكى كۈنلۈك تۇتۇش ، شىلەپە ۋە ياغلىق چىگىش ئارقىلىق كۈن نۇرىنىڭ تىرىنى زەخمىلەندۈرىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
    

مەنبە  :  ئۈرۈمچى  كەچلىك  گېزىتى
   

كۈنلەر ئەلبومىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يىللارغا نەزەر......

Posted: 2011-03-30 00:20 | [پۈتۈكچى]


خۇشاللىق ئاستا كىلىپ، تىز كىتىدۇ،
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 473
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 473 نوقتا
پۇل : 4730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:96(سائەت)

 

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاكەن، رەھمەت سىزگە.

ئادەم ئىككى قىتىم ياشىمايدۇ، لىكىن بىر قىتىم ياشاشنى بىلمەيدىغانلارمۇ كوپ..

Posted: 2011-03-30 01:04 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 38
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 38 نوقتا
پۇل : 380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:17(سائەت)

 

تىمىڭىزغا رەھمەت! ھەر جەھەتلەردىن دىققەت قىلساق بولغىدەك،

سىز ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز ھس قىلغان ۋاقتتا دۇنيادا سىزدىنمۇ بەخىتسزلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ قويۇڭ.

Posted: 2011-03-30 01:14 | 2 -قەۋەت


ساختا نەرسە  ھالقىلىق  پەيتتە چانغاندەك،يالغان د ..
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 119
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 119 نوقتا
پۇل : 1190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:19(سائەت)

 

رەخمەت مۇشۇنداق  قىلسىلا جەزبىدارلىقىنى  ساقلىغىلى بولسا بىلىۋالدىم .مەن 1،2،3، 6،9،8،10نى داىم  قىلىپ كىلىۋاتىمەن قالغانلىرنىمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك.

تىلى بىلەن دىلى بىر بولمىغان ئادەم،خەلىق كۆرگەندە تىلىدىكىنى،خەلىق كۆرمىگەندە دىلىدىكىنى قىلىدۇ.

Posted: 2011-03-30 01:19 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:97(سائەت)

 

تىمىڭىزغا رەخمەت بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن لىكىن سۇ ئۇزۇپ باقمىغان سەرالارغا بارغاندا ئوستەڭلارغا چۇشۇپ باققان مىنىڭچىمۇ كوپ قىزلار سۇ ئۇزگىلى بارمايدىغۇ دەيمەن......
Posted: 2011-03-30 03:25 | 4 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 542
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 542 نوقتا
پۇل : 5420 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:549(سائەت)

 

قايناق سۇنى كۈندە ئاز دىگەندىمۇ  2چۆگىن ئىچىدىغاندىمەن ، ھەقىقەتەن سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسى بار
ئەجىرىڭىزگە رەخمەت

ساختاپەزلىك ۋە يالغانچىلىق  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەيىپتۇر ،

Posted: 2011-03-30 04:04 | 5 -قەۋەت


ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 542
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 542 نوقتا
پۇل : 5420 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:549(سائەت)

 

Quote:
4 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى زۇبەيرە نىڭ 2011-03-30 03:25 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
تىمىڭىزغا رەخمەت بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن لىكىن سۇ ئۇزۇپ باقمىغان سەرالارغا بارغاندا ئوستەڭلارغا چۇشۇپ باققان مىنىڭچىمۇ كوپ قىزلار سۇ ئۇزگىلى بارمايدىغۇ دەيمەن......



راس بىز ئويغۇر قىزلىرى سۇ ئۈزۈش كۈلىگە بارمايمىز ھە ، شىنجاڭدا ئايرىم سۇ ئۈزۈش كۆللىرى بارمىدۇ  ؟؟؟؟؟؟
ئۇزۇن كۆينەكنى كىيىپ سۇ ئۈزسە يە ئەپلەشمىگەن ئۇيەر بۇيەرلىرى تاتىشىپ قېلىپ ، قايسى كۈنى يولدىشىم بىلەن بىللە بارغان ،سۇ ئۈزۈش كىيمەمغۇ خېلە ئۇيەر بۇيەرلىرى  يىم ، شۇنداق بولسىمۇ  ئۈستۈمگە كۆينەكتىن بىرنى كىيىۋالغان  ،ئاللا ئىچىم دىگەن پۇشۇپ خەپ بۇ يىللىق ئىشھەققىمنى ئېلىپ ھازىرقى ئۆينى سېتىۋېتىپ  سۇ ئۈزۈش كۈلى بار ئۆيدىن بىرنى ئالمىسام خەپ دەپ قەسەم ئىچىۋەتتىمغۇ ، سۇ ئۈزۈشكە بەك ئامراق مەن

ساختاپەزلىك ۋە يالغانچىلىق  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەيىپتۇر ،

Posted: 2011-03-30 04:09 | 6 -قەۋەت


ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 117
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 117 نوقتا
پۇل : 1170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:46(سائەت)

 

مەن 2،6 دىن باشقىلىرىنى دائىم قىلىپ كىلىۋاتىمەن،لېكىن سۈت بىلەن خوشۇم يوق ،بەك تاتلىق بىلىنىپ كېتىدۇ، ئىچىشنى پەقەتلا ئۆگىنەلمىدىمغۇ تاڭ
تېمىڭىزغا رەھمەت

كۆزدىن ئاچچىق ياشلار تۆكۈلمىگەندە بۇ دۇنيا كۆڭۈلنى ئاينىتقىدەك
دەرىجىدە تاتلىق بولغان بولاتتى

Posted: 2011-03-30 13:39 | 7 -قەۋەت


ئىسسىق سۇنىڭ سوغۇق سۇدىن كەلگىنىنى ئۇنۇتما!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 16
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 16 نوقتا
پۇل : 160 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ماڭا گۈزەل قىزلارغا قارىغاندا،ساغلام قىزلار جەلىپكار كۆرىنىدۇ!
لىكىن مەيلى ئەتتىگەندە سىرتلاردا بولسۇن،ياكى چىنىقىش سارايلىرىدا بولسۇن،بىزنىڭ قىزلىرىمىز بەك ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ.بىز ئۇيغۇرلاردا ياشانغانلارمۇ چىنىقىش دىگەنگە بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ،(يولداشلارغا قارىغاندا دىمەكچى).
Posted: 2011-03-30 13:57 | 8 -قەۋەت


ئۇنتۇلماس ئۆكتەبىر...
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 2247
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2253 نوقتا
پۇل : 22530 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1357(سائەت)

 

دېگەن بىلەن ئەمەل قىلىماق تەسمىكى... 

كۈنلەر ئەلبومىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يىللارغا نەزەر.....

Posted: 2011-03-30 15:44 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 19
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 19 نوقتا
پۇل : 190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8(سائەت)

 

تىمىڭىزغا رەھمەت! ھەر جەھەتلەردىن دىققەت قىلساق بولغىدەك،
Posted: 2011-04-01 22:53 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 19
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 19 نوقتا
پۇل : 190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:8(سائەت)

 

تىمىڭىزغا رەھمەت! ھەر جەھەتلەردىن دىققەت قىلساق بولغىدەك،
Posted: 2011-04-01 22:55 | 11 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تۇرمۇش بىلىملىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation