
ھايۋانشۇناسلار تەرىپىىدىن "مۇمكىن بولمايدۇ" دەپ قارالغان "مۆجىزە " جۇڭگولۇق دېھقان ليۇ نەييىڭنىڭ ئۆيىدە ئىسپاتلاندى، ليۇنەيينىڭنىڭ بىر قويى توغقان بولۇپ، تۇغقىنى قوزا بولماستىن بىر كۈچۈك ئىكەن. بۇ ئىت قوزىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئېغىزى، كۆزى بۇرنى، تىرنىقى ۋە قۇيرۇقى ئىتقا ئوخشايدىكەن. بۇ "قوينىڭ ئىت تۇغقان" ۋەقە ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن شەنشىگە تارقىلىپ، نەچچە مىڭ ئادەم كېلىپ كۆرۈپ كەتتى. ليۇ نەييىڭ بۇ ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن قويلارنى يېغىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ ئانا قوينىڭ ئەمدى تۇغۇلغان بالىسىنى يالاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن قوينىڭ يېنىغا بېرىپ قارىغىنىمدا بولسا چۈچۈپ كەتتىم، قارىسام بۇ "قوزا" ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ئىتقا ئوخشايتتى.

شىئەن شەھەرلىك مال - چارۋا تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەيدۇ: قوي بىلەن ئىت ئىككى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۈر، قوينىڭ ئىت تۇغۇشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش، قارىغاندا بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن بىنورمال قوي قوزىسى ئىكەن.