مەككىگە جايلاشقان <كەبە> ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ جايى بولۇپ، <كەبە> دەل ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ (سەئۇدى ئەرەبىستان چىگرىسى ئىچى) مەركىزىگە جايلاشقان. پۇتۇن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار <كەبە> جايلاشقان تەرەپنى <قىبلە> دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان قىبلىگاھى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەككە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىدا ئېيتىلىشىچە، مۇسۇلمان بولغان ھەربىر ئىنساننىڭ چوقۇم مەككىگە كىلىپ ئاز دىگەندە بىر قېتىم ئىبادەت قىلىشى پەرىز قىلىنغان. ھەريىلى بۇ مەككىگە كىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم سانى بىر، ئىككى مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار مەيلى قانچىلىك چىقىم كېتىشى، يولنىڭ قانچىلىق يىراق ۋە جاپالىق بۇلىشىغا قارىماي بۇ يەرگە كېلىپ ئىبادەت قىلىدۇ. تارىختىكى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە ئىبادەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ھەر خىل ئىرىقتىكى، ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە كېلىپ بىرلىكتە كەبىنى ئايلىنىپ ئىبادەت قىلىدۇ.
<كەبە>نىڭ سىرتىغا تارىختىن بۇيان توساق ئورنىتىلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇن، مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئوۋ ئوۋلاش، جانلىقلارنى ئۆلتۈرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلغان ئىكەن. ئىلگىرى ئەسلىدە بىر شەرق ۋە غەرب تەرىپى كەڭ، شىمال ۋە جەنۇپ تەرىپى تار كەلگەن بىر ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، <كەبە> دىن باشقا قۇرۇلۇش چۈشۈرۈلمىگەن. كېيىن يەرلىكتىكى خەلىفە ۋە سەئۇدى-ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلىمى 180 مىڭ كۇۋادىرات كېلىدىغان، 500 مىڭ ئادەم بىرلىكتە ئىبادەت قىلالايدىغان كەبە مەسچىتىنى سالغان ئىكەن.
<كەبە> مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان چاغدىكى يۈزلىنىدىغان توغرا يۆلىنىشى بولۇپ، بەش ۋاق نامازنىڭ ھەممىسى مۇشۇ <كەبە> گە قاراپ ئوقۇلىدۇ. <كەبە> نىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يېشىل تاشتىن قۇپۇرۇلغان. غايەت چوڭ قارا يىپەكتىن تىكىلگەن ياپقۇچ بىلەن يېپىلغان <كەبە> قارىماققا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. ياپقۇچنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلار چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى ئىبادەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، بۇ ياپقۇچ يېڭىسىغا ئالماشتۇرىلىدىكەن. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىنكى 1300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بۇ خىل ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى قىلچە توختاپ قالمىغان بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە مىليون ئادەم بۇ مۇقەددەس شەھەرگە كېلىپ ئىبادەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا <كەبە> نىڭ شەرقى قىسمىدا يەنە <زەم زەم بۇلىقى> دەيدىغان بۇلاق بولۇپ، ئىبادەت قىلىپ بولغان كىشىلەر بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ خەيرىلىك تىلەيدىكەن.
<كەبە> نى قورشاپ تۇرغان ئاستى-ئۈستىگە بۆلۈنگەن ئەگمە تورۇسلۇق كارىدور بولۇپ، 64 چوڭ ئىشىكتىن تۈزۈلگەن. گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى 7.7 مېتىر، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن ۋە مېتالدىن ياسالغان ئاينىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. ھەمدە كۆركەم تاشلاردىن ياسالغان پەلەمپەيلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. <كەبە> نى قورشاپ تۇرغان مەسچىتتە يوغان تاش تۈۋرۈكتىن 892، گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشتىن 500 دىن ئارتۇقى بار ئىكەن.