يەتتە كۈن
يەتتە كۈندە بىر قېتىم
يەتتە كۈندە بىر قېتىم تاماق يېمەسلىك كېرەك: ھەر ھەپتىنىڭ بىر كۈنىنى تاماق يېمەيدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىپ، پەقەت خام، گۆشسىز يېمەكلىكلەر (سۈت، تۇخۇم) نىلا يېيىش، ناشتىدا بىر ئىستاكان مېۋە ياكى كۆكتات شەربىتى (قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى) ئىچىش كېرەك. چۈشتە ھېچقانداق تاماق يېمەسلىك، لېكىن مىنېرال سۇ (تازىلانغان سۇ بولسا بولسا بولمايدۇ) ئىچىش كېرەك. چاي ياكى قەھۋە ئىچىشكىمۇ بولمايدۇ. كەچتە قۇرۇق يېمىش (ياڭاق، يەر ياڭىقى) قاتارلىقلار ۋە مېۋە، كۆكتات ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، ئەگەر بىر ئادەم ھەپتىسىگە بىر قېتىم تاماق يېمىسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %40 تۆۋەن بولىدىكەن.
ھەر ئايدا يەتتە كۈن لىمفانى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار كۆكرەك بېزىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، قان سۇيۇقلۇقىدىكى لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى كۈچەيتىپ كېسەللىك باكتېرىيەسىنى يوقىتىدۇ. ئوقۇرەك سۆڭەك ئاستىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 4- ئومۇرتقىنى مۇشت بىلەن بوش ئاغرىغىدەك قېقېپ ئۇرۇش كېرەك. كۈندە 20 مىنۇت ئۇۋۇلاشنى يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يەتتە كۈندە بىر قېتىم چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك: ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم، ئاستا مېڭىپ تەيجى گۇمپىسى ئويناش ياكى ۋەلىسپىت مىنىپ بەرسە، ئادەتتە ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغان مۇسكۇل ۋە نېرۋىلار كۈچىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەدەننىڭ يېڭى ماددا ئالماشتۇرۇشى تېزلىشىدۇ. كۆپ ساندىكى ئوكسىگېن ھەر قايسى ئەزالارغا يېتىپ بېرىپ، بەدەننىڭ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
بەلگە يەتتە كۈن تىرەك تىرەش كېرەك: بەل ئومۇرتقىسى ياخشى ئاسرالسا، نېرۋا ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. ئىكومپىيە دەرىخىنىڭ شېخىدىن 50 گىرامنى ئېزىپ، 150 گىرام قارا پۇرچاققا ئارىلاشتۇرۇپ، چاسا شەكىللىك ياستۇق قىلىپ، ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەندە بەلگە تىرىۋالسا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بولىدۇ. ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەلگە بىر سائەت تىرەك تىرەشنى يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، 14 كۈن ئۈزۈلدۈرۈپ، يەنە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
يەتتە كۈندە بىر قېتىم بۆرەك ۋىناسىنى قېقىپ ئۇرۇپ بېرىش كېرەك: بۆرەك ۋىناسى پۇتنىڭ ئىچكى تەرىپىدە بولىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 5~7 لەردە مۇشت بىلەن يوتا ۋە پاقالچەكنىڭ ئىچكى يان تەرىپىنى 5~10 قېتىم مىنۇت قېقىپ ئۇرۇپ بېرىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، بۆرەكنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. يەتتە كۈندە بىر قېتىم كىندىكنى بېسىپ بېرىش كېرەك: قۇۋۋەتلىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى قوزغاش ئۈچۈن، كىندىك قىسمىنى بېسىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى جۈپلەپ، كىندىكنى 50 قېتىمدىن ئارتۇق بېسىش كېرەك.
ھايات دەستۇرى
باتۇر بولۇڭ لېكىن قارام بولماڭ .
ياۋاش بولۇڭ لېكىن ھۆت بولماڭ .
ساددا بولۇڭ لېكىن گۈدەك بولماڭ .
مەردانە بولۇڭ لېكىن قوپال بولماڭ .
جانلىق بولۇڭ لېكىن شاللاق بولماڭ .
سەگەك بولۇڭ لېكىن گۇمانخۇر بولماڭ .
يۇمۇرلۇق بولۇڭ لېكىن چاكىنا بولماڭ .
سۆزمەن بولۇڭ لېكىن مۇغەمبەر بولماڭ .
ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەڭ لېكىن ھاقارەتلىمەڭ .
ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ لېكىن قالتىس چاغلىماڭ .
ھسسياتچان بولۇڭ لېكىن قورقۇنچاق بولماڭ .
چىقىشقاق بولۇڭ لېكىن چىكىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ .
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ لېكىن تەكەببۇر بولماڭ .
قەتئى بولۇڭ لېكىن جاھىل بولماڭ .
كىچىككىنە ئىش – ھەرىكىتىڭىز بىلەنمۇ ئېرىڭىزنى رام قىلىۋالالايسىز ئېرىنىڭ تالاغا قارىشى ئايال كىشىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ . ئېرىڭىزنىڭ تالاغا قارىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز – تولا بەدەل تۆلەشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرۇڭ : 1. قار – يامغۇرلۇق ياكى شىۋىرغانلىق كېچىدە ئىرىڭىز ئىشتىن قايتىپ كەلگۈچە ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شورپا قاينىتىپ قويۇڭ ؛
2. ئېرىڭىز چارچاپ كەتكەنلىكتىن ساپادىلا يېتىپ ئۇخلاپ قالغاندا ، تېلېۋىزور ئاۋازىنى پەسەيتىۋېتىڭ ياكى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ ؛ 3. توڭلاتقۇدىكى ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك ، سارغىيىپ قالغان كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش بىلەن بىللە ، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ؛ 4. جېدەللىشىپ قالغاندا ، ھەرگىزمۇ كۆزىگە كىرىۋالماڭ ھەم ئۇنى چۆچۈتىمەن دەپ ، ‹‹ئاجرىشىمەن›› دېگەن گەپنى ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ ؛5. ئىرىڭىز ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ، ئىللىق تەبەسسۇمىڭىز بىلەن كۈتۈۋېلىڭ ؛
6. ھەر دائىم ئېرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغان تۇنجى ئادەم بولۇڭ ؛ 7. ئېرىڭىز بىئارام بولغاندا ، ئۇنىڭغا ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنۈڭ ؛
8. ئېرىڭىز پۇل بەرگەندە ئاز –كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشماي ، ئۇنىڭ سادىقلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ
9. ئېرىڭىزنىڭ ئاغىنىلىرىگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇڭ ؛قاراڭ مانا مۇشۇندا كىچىككىنە ئىش – ھەرىكەتلەر بىلەنمۇ ئېرىڭىزنى رام قىلىۋالالايسىز . ئەگەر مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار ئارقىسىدىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى سىرتتا ‹‹پالاس قاقسا›› ، ئۇنداقتا بۇنداق ئەرنىڭ سىزگە ۋاپا قىلىشى ناتايىن .