ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى
يوللىغان ۋاقىت:2011-03-29 19:13:26  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى 

    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 26 –مارت ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن ئوسمان باشچىلىقىدىكى 16 نەپەر پىدائىي پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
    بۇ كۈنى ، پىچان ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئوچۇق بولۇپ ، ئىللىق قۇياش ئالتۇن نۇرلىرىنى ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. دەل–دەرەخلەردىن يېڭىلا  چىققان بىخلار كېچىككەن باھارنىڭ ئاخىر يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ، يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . كۆڭۈللىرىگە گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلارنى پۈكۈپ ، يېزا مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئالايىتەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بۇ پىدائىيلار قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپى دەرۋازىسىدىن كىرگەندە ئۆزلىرىنى تۆت كۆز بىلەن تەقەززالىق ئىلكىدە ساقلاۋاتقان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۈتۈۋالدى . ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن بۇ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  
    پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى ئابلىتىپ ئابلىمىت ساخاۋەتچى چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندى ئىئانە قىلغان 18 كومپىيۇتېرنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى . ئارقىدىن ئۈرۈمچى ‹‹ غالىبىيەت ›› كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەغدىم قىلغان ھەر خىل كىتاب ۋە پىدائىيلار ئېلىپ كەلگەن خىلمۇخىل بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان سەبىي ، شىجائەتلىك سەھرا بالىلىرى خۇشاللىقتىن تايچاقتەك سەكرىشىپ كەتتى .


    يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹‹ ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر ، بىز بۈگۈن مەكتىپىڭلارغا كېلىپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن چەكسىز خۇشال ، بۈگۈن سىلەرگە ئازراق كۆڭلىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق ، گەرچە بۇ سوۋغاتلار ئاز بولسىمۇ بىراق بۇنىڭغا جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئاق كۆڭۈل ، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ مېھرى سىڭگەن . سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئانا يۇرتۇڭلارغا شەرەپ كەلتۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ›› .
    ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلاندى . ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلار خىلمۇخىل مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ، ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئالايىتەن مەكتىپىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇر بىلدۈردى. پىدائىيلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ شادلىققا چۆمدى.
 

 

مەكتەپتىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراش
 

يالقۇن ئوسمان ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆھبەتتە
 

 
ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى سۆز قىلدى

 
 ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللى سۆز قىلدى
 

 
قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قەمبەرخان سېتنىياز سۆز قىلدى

   

 ئاخىرىدا پىدائىيلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەلىم – تەربىيە ۋە ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا كەڭ–كۇشادە سۆھبەتلەشتى ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە–ئەخلاق ، ئۆرپ–ئادەت ، ساغلام پىسخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا جانلىق تەربىيە ئىشلىدى . ئۇلار يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەپكۈچ تەپتى ، ۋاسكېتبول ، تىكتاك توپ ۋە خىلمۇخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەپ–تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى ، بالىلارچە چۇرقىراشلىرى ئەتراپنى بىر ئېلىپ مەكتەپ ھويلىسىنى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۈردى. بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار كومپىيۇتېر سىنىپىغا كىرىپ چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندى ئىئانە قىلغان كومپيۇتېردا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆگەتكەن ئاددىي مەشغۇلاتنى باشلىۋەتتى ، يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار خاتىرە دەپتەرلىرىنى كۆتۈرگىنىچە پىدائىيلارنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئورۇۋېلىشتى... ئىشقىلىپ بۇ كۈنى مەيلى پىدائىيلار ياكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ھاياتىدىكى تولىمۇ كۆڭۈللۈك، مەنىلىك، شادلىققا چۆمگەن ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدى..

 
    يېرىم كۈن ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى . ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە پەقەتلا قىيىشمايتتى . پىدائىيلار قايتىدىغان ۋاقتىدا مەكتەپ قورۇسىغا ‹‹ پىدائىيلار كۆچىتى›› تىكتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى . خوشلىشىدىغان چاغدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پىدائىيلارنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ۋە ئۇلارغا دائىم كېلىپ ئۆزلىرىنى كۆرۈپ كېتىشىنى ، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تېلېفۇن قىلىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . پىدائىيلار خوشلىشىپ ماڭغاندا ئوقۇغۇچىلار ھۆرمەتتە تۇرغان قاراۋۇللاردەك رەتلىك تىزىلىپ ئۇلارنى ئىززەت – ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويدى ، بالىلار خېلى يەرلەرگىچە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى . بۇتەسىرلىك مەنزىرىلەرنى كۆرگەن پىدائىيلارنىڭ قەلبى ھاياجانغا چۆمدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندى .

 
    پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قەمبەرخان سېتنىياز مۇنداق دېدى : ‹‹ مەكتىپىمىز 1976–يىلى قۇرۇلغان ، ھازىر 15 ئوقۇتقۇچى ، 170 ئوقۇغۇچى بار . مەكتىپىمىزنىڭ شارائىتى بىر قەدەر ناچار بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا–ئانىسى دېھقان . مەن 2010– يىلى 2–ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە چېن گۇاڭبياۋ ئەپەندىنىڭ يېزا مەكتەپلىرىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مەكتىپىمىزگە 18 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئېلىپ كەلگەنىدىم . ھازىر مەكتىپىمىزدە ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان كومپىيۇتېر دەرسى ئەمەلىيلەشتى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن يېڭى شەيئى بولغان كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشتى ، شۇنداقلا ئاددىي كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدى. مەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مەكتىپىمىزگە كەلگەن پىدائىيلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن››.
    پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلېتىپ ئابلىمىت مۇنداق دېدى : ‹‹ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بىلەن ئەڭ دەسلەپ پىچان ناھىيەسى پىچان بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھىمىت ناشىر توردا ئالاقىلاشقان ئىكەن ، ئۇ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى يالقۇن ئوسمانغا ناھىيەمىزدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىپتۇ . 2009–يىلى يانۋاردا يالقۇن ئەپەندى گۇاڭجۇلۇق ئىككى ساخاۋەتچىنى باشلاپ كېلىپ ، دالانكارىز يېزىسى بەشتام باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەتكەنىدى ، شۇ يىلى 4–ئايدا 10 كومپىيۇتېر ئىئانە قىلدى . بۇ قېتىمقى قۇم مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىشى ئۇلارنىڭ ناھىيەمىزگە تۆتىنچى قېتىم ياردەم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئىلگىرى يالقۇنتاغ مەكتەپ ۋە دىغار مەكتەپكە ئايرىم–ئايرىم ھالدا 10 ، 20 يۈرۈشتىن كومپىيۇتېر ئىئانە قىلغان ، بۇ قېتىم يەنە قۇم مەھەللە مەكتەپ بىلەن كۆكيار مەكتەپكە 18 يۈرۈشتىن جەمئىي 36 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئىئانە قىلدى . گەرچە ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى دۆلەتنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› ئۆلچىمىگە يەتسىمۇ بىراق كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىمىز ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يەنىلا كەمچىل . شۇڭا بەزى مەكتەپلەردە گەرچە كومپىيۇتېر دەرسى ئورۇنلاشتۇرغان بولساقمۇ يەنە بەزى مەكتەپلەردە كومپىيۇتېر كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بۇ دەرسنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنىدۇق . يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ناھىيەمىزدىكى بەش باشلانغۇچ مەكتەپكە جەمئىي 66 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىپ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىشىمىزغا زور كۈچ چىقاردى . ھازىر بۇ مەكتەپلەردىكى كومپىيۇتېرلار تورغا ئۇلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىدە ئىككى سائەت كومپىيۇتېر دەرسى ئۆتۈلىدىغان بولدى . پىدائىيلار تەقدىم قىلغان بۇ كومپىيۇتېرلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى تۈرتكىسى ناھايىتى زور . مەن پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى جۈملىدىن پىچان ناھىيەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن مىللىي مائارىپنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتىدىن تەسىرلىنىپ ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللىشىنى ، يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
    ئىگىلىنىشىچە ، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قوشۇنى 2008–يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، 1– دەرىجىلىك تەپتىش ، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى يالقۇن ئوسمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ھازىرغىچە مەمۇرلار ، مۇخبىرلار ، كارخانا باشقۇرغۇچى ، كارخانا خادىملىرى ، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ، دەم ئېلىشقا چىققانلار ، ئوقۇتقۇچىلار ، ئىستۇدېنتلار ۋە دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان . ئىككى يىلدىن بۇيان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ساخاۋەتچى كارخانىچى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەدىيە بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ، 36 يېزا مەكتىپىدە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ ، 400 كومپيۇتېر ، 140 كومپيۇتېر ئۈستىلى سەپلەپ بەردى ھەمدە ئۈچ كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلېۋىزور ، كومپىيۇتېر ، DVD ئاپپاراتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم قىلدى .

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2011/0329/article_11892.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق قۇم مەھەللە...
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە پايتەختكە يېقىنلاپ قالدى
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
كورىيەلىكلەرمۇ تۇز غىمىدە قاپتۇ
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
بانجاشتىكى ئاياللار 15 ئەسكەر باسقۇنچىلىق قىلغان ئايالنى قويۇپ بې...
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇۋىلىندى
بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز ئالتە سائەتتىن كېيىن قۇتق...
فىجى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
فىجى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
ئەنگىلىيە تۆمۈر يولى سىگىنالىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ نەچچە مىڭ يولۇچى 5 سائەت قامىلىپ قالدى
ئەنگىلىيە تۆمۈر يولى سىگىنالىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ نەچچە مىڭ يولۇچى 5...
ئۆزبىكىستاندىكى «دوزاخ ئىشىكى»
ئۆزبىكىستاندىكى «دوزاخ ئىشىكى»
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • چارچاشمۇ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
  • ھاۋا تۇراقسىز چاغلاردا بەدىنىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ
  • ياڭاق ئىستېمال قىلىش تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ
  • بەدەننى ئىلمىي ئۇسۇلدا چېنىقتۇرۇش
  • قىشتا سەۋزە ، ئاق تۇرۇپ يەپ بەرسە قاندىكى ياغ ماددىسى تۆۋەنلەيدۇ
  • ئىلمىي غىزالانماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەر
  • كۆز كېسىلىنىڭ 10 بېشارىتى
  • ئېغىز بوشلۇقى جاراھىتى زۇكامدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن
  • ۋىتامىن C تولۇقلاشتا تاتلىقياڭيۇ كۆكتاتتىن ياخشى
  • ئۇششاق ئاپېلىسىننى كۆپ يەۋالماڭ
  • قان تومۇرىغا پايدىلىق يېمەكلىك ۋە ھەرىكەتلەر
  • قۇرۇق ئۈزۈم قان تولۇقلايدۇ
  •  
     
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ