كۆپلىگەن كىشلەر قان ئازلىقنى ئوزۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە زىيادە چارچاشمۇ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا قان ئازلىقنى تۈگىتىشتە ئوزۇقلىنىشقا ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ ، زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك . كىشلەر دائىم قان ئازلىقنى بىر خىل ئادەتتەىكى كېسەللىك ، ئۇ كۆپرەك دىققەت قىلىپ ، ئازراق كۈتۈنسىلا ئەسلىگە كېلىدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ مۇرەككەپ كېسەللىك ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسىدە ، باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، بەدەن ئۇيۇشۇش ، قۇلاق غۇڭۇلداش ، كۆز تورلىشىش ، دىققىتىنى يىغالماسلىق ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك سىقىلىپ ، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ، باش قېيىپ كۆز تورلىشىش ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . يەنى تۆمۈر كەمچىل بولۇش ، ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق قايتا ھاسىل بولۇش توسالغۇغا ئۇچراش، قان ئازلىق قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ، ھەر خىل قانسىراشتىن كېيىنكى قان ئازلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ، بالدۇر داۋالىنىش كېرەك . بۇنىڭدا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەكلىكلەرنى تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم . كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك . يېمەك –ئىچمەكنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ، تۆمۈر قازاندا تاماق ئېتىپ ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تۆمۈر كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ، ھاراق ئىچمەسلىك ، خام، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ، قانسىراشتىن ساقلىنىش كېرەك .
|