ئادەم مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغاندا، بەدەندىكى ئىندوتىلىيە سۈپىتى ۋە بۆرەكتىكى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى كېسەل ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە چۈشىدىكەن. يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى قاليمىقان بولۇپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدىكەن. ئىممونىتېت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېسەللىك باكتىرىيىلىرى ئاسانلا ئادەم بەدىنىگە كىرىۋالىدىكەن. بۇ ئامرېكا الىمى ۋىستوننىڭ تەتقىقات نەتىجىسى. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئادەم مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاندا بەدەندە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئەگەر بۇ چاغدا بۆرەكتىكى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلاشسا، يۈرەككە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئېغىرراق بولغانلىرىدا يۈرەك ھەرىكەتتىن توختاپ قالىدىكەن.
گىرمانىيىلىك ئالىملار مۇھەببەت بۇزۇلۇشنىڭ ئادەمنىڭ مىڭىسىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلغان. ئاۋسترالىيەئالىملىرىمۇ بۇ ھەقتە تەتقىقات قىلىپ، %93 ئايال ۋە %30 ئەرنىڭ مۇھەببىتى بۇزۇلغاندا باشقىلارغا دەردىنى تۆكىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىلار 24 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 1000 ئىتالىيىلىك ئىچىدە %30 ئەر ۋە %20 ئايالنىڭ مۇھەببىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.