ھاۋا قۇرغاق، ئۆزگىرىشچان پەسىلدە ئېغىز بوشلۇقىغا ئاسانلا جاراھەت چىقىپ قالىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزىدە ئېغىز بوشلۇقى جاراھىتى بىر قانچە كۈنلۈك ئاغرىق ئازابى بولۇپلا قالماي، بەلكى سىزنىڭ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىڭىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بىزگە مەلۇم، ئادەمنىڭ تاش مىجەزىنى سوغۇق ئېلىپ، ئىچ مىجەزىنى ئىسسىق قاپلىغاندا ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ، بۇ ‹‹ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، زۇكام بولىدۇ››، دېگەنلىك. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. كىشلەر، ئادەتتە، بۇ ئېغىز بوشلۇقى جاراھىتىنى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى، دېيىشىدۇ. كۈزدە بەزىدە ئىسسىق، بەزىدە سوغۇق بولىدۇ، ئەگەر ھاۋا رايىغا قاراپ ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرمىغاندا، ئاسانلا سوغۇق تېگىپ قالىدۇ. ئىچىنى ئىسسىق تۇتۇپ، سىرتىدىن سوغۇق تېگىش سەۋەبىدىن ئادەم ئاسانلا زۇكامداپ قالىدۇ. شۇڭا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ‹‹ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش››تىن كېلىپ چىققان كېسەل ئالامىتىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئۇنداق چاغدا ئىسسىق قايتۇرۇش دورىسىنى ئىچىش، سىرتىغا قېلىنراق كىيىنىپ، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئوسما يىلتىزى دورىسىغا ئوخشاش دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
|