|
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇرۇق ئۈزۈمدە تۆمۈر مىقدارى مول ئىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قۇرۇق ئۈزۈمدىكى تۆمۈر مىقدارى ھۆل ئۈزۈمنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق ئۈزۈمدە كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار، ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتالار بار بولۇپ، تېنى ئاجىز، قېنى ئاز كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى ئىكەن. قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، تەركىبىدىكى تارتارىك كىسلاتاسى ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلايدىكەن. قۇرۇق ئۈزۈم يەنە خولېستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنى توسۇپ، قان – تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە فىلاۋون تەركىبى بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن.
|