كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، نۆۋەتتە كىشىلەر چوڭ يەپ - ئىچىشتىنن زېرىكىپ ، بۇرۇنقى يېمەكلىكلەرنى ، قارا ئاشلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى . تۇرۇپ ، يېسىۋېلەك ، بەرەڭگىدىن ئىبارەت ‹‹ كونا ئۈچ خىل كۆكتات ›› قايتىدىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىشقا باشلىدى . قىشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىدىكى ئوزۇقلۇقشۇناس ما شيۇلىڭ مۇنداق دېدى : ‹‹ قىشتا ئادەم بەدىنى يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ ، ئاسان خورىمايدۇ ، ياغ ئاسان يىغىلىپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئاق تۇرۇپ ، سەۋزىلەرنى ئىستېمال قىلسا ، قاندىكى ياغ تەركىبىنى ئازايتىپ ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ ›› . سەۋزىدىن مول بولغان ۋىتامىن A ۋە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا ، مىنېرال ماددا مول بولۇپ ، قاندىكى ياغ مىقدارى ئېشىپ كېتىش ، سېمىزلىك ، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىگەمەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋزە ، زەنجىۋىل ، يۇمغاقسۈتنى ئازراق ئۆسۈملۈك يېغىدا كاۋاۋىچىندەك ئازراق تېتىتقۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا ، قاندىكى ياغ ماددىسى ئېشىپ كەتكەن ، سەمىرىپ كەتكەن ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . ئاق تۇرۇپتا قىچا مېيى تەركىبى بار بولۇپ ، ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مېتابولىزمنى تېزلىتىپ ئورۇقلىتىشقا پايدىسى بار . ئاق تۇرۇپتىكى ۋىتامىن C باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي ، يۈرۈشلۈك ۋىتامىن B تۈرىدىكى ۋىتامىن تەركىبلىرى مول بولۇپ ، قىشتىكى يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ۋىتامىن تەركىبىنىڭ ئاز بولۇش بوشلۇقىنى تولۇقلايدۇ ، ئۇنىڭ تەركبىدە يەنە كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبىمۇ مول . بۇنىڭدىن باشقا ، جۇڭگو تېبابىتىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ، ئاق تۇرۇپنىڭ يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ يەل ھەيدەش، ھەزىمنى ياخشىلاش ، ئىسسىقنى زەھەرنى قايتۇرۇپ ، قاننى سوۋۇتۇپ ، قاننى توختىتىش رولى بار . ئاق تۇرۇپنى سۇڭپىياز ۋە تېتىتقۇلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە سېمىزلەرگە ، ياشانغانلارغا ، قەۋزىيەت كېسىلى بار ۋە قاندىكى ياغ ، شېكەر ماددىسى ئېشىپ كەتكەن ، يۇقىرى قان بېسىمى بارلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
|