ئىلگىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى خاتىرىلەپ مېڭىڭ
ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىق ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى جەريانلارنى خاتىرىلەپ مېڭىڭ.تەتقىقات داۋامىدا بىلىنىشىچە ،ئورۇقلاش مەقسىتىدە ،يىگەن تامىقى ھەم بەدەن چىنىقتۇرغاندىكى ۋاقىت ۋە مىقدارىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ ماڭغانلارنىڭ مەقسەتكە يېتىش ئۈنۈمى ياخشى بولغان .ئۇنىڭدىن باشقايەنە بىر تەتقىقاتتىن بىلىنىشىچە ،ھەرخىل
خاتىرىلەرنى ئېنىق ھەم ۋاقتىدا يازغانلارنىڭ ئورۇقلاش نەتىجىسى،خاتىرە قالدۇرمىغان ياكى تەپسىلىي ئىنچىكە يازمىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ياخشى بولغان. شۇڭا، ھەرىكەت شەكلى، ۋاقتى، قىيىنلىق دەرىجىسى، ئارىلىقى، خورىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە، ئورنى ۋە پىسخىكا ھالىتى، بەدەننىڭ تەڭپۇقلۇق ئەھۋالى، ئۇيقۇ ،ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلارنى خاتىرىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئادەتتە ،قەدەم ساناش سائىتى، يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەش ئۈسكىنىسى ۋە سېكونىمېتىرلاردىن پايدىلانسىڭىز،خاتىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ھەم توغرا يازالايسىز .ئۇنىڭدىن قانچىلىك يىراقلىققا يۈگۈرگەنلىكىڭىزنى، قانچىلىك ئېنېرگىيە خوراتقانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەنلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز.يەنە مۇشۇلاردىن يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنە ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ يەنىمۇ يېڭى بولغان پىلانىڭىزنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز.
ئۇششاق ھەرىكەتلەر بىلەن بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنى سىناپ كۆرۈڭ
ئۇششاق ھەرىكەتلەر بىلەن بەدەن چىنىقتۇرغاننىڭ پايدىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.ئەگەر ۋاقتىڭىز بەك قىس بولۇپ قالغان بولسا، 10-15مېنۇتلۇق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولىدۇ، بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىمۇ چىدامچانلىق مەشىقى ياكى كۈچ مەشىقىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇششاق ھەرىكەتلەر بىلەن چىنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.ئەگەر ھەركۈنى ئامال بار ۋاقىت چىقىرىپ ئۈچ قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنھەركىتىنى ئىشلەپ بەرسىڭىز بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا چۈشۈرەلەيسىز .قىسقىسى ۋاقىت چىقىرىپ چېنىقىپ بەرگەننىڭ پايدىسى ناھايىتى زور بولىدۇ.ۋاقىت چىقىرىڭ ،ۋاقتىڭىز دەل بولسۇن!بەدەن چىنىقتۇرۇش –خۇددى ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ يۈز –كۆزنى يۇغاندەك،ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا تاماق يېگەندەك ئادەت بولۇپ كەتسۇن!