يېقىندا ، ئامېرىكىدىكى ‹‹ ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى›› بايقىغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ياڭاق ئىستېمال قىلغاندا ، پىسخىكىلىق بېسىم تۆۋەنلەش بىلەن بىللە ، قان بېسىمىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . مەزكۇر تەتقىقاتتا يەنە يېمەك–ئىچمەكتە زىغىر مېيى ئىستېمالنىڭ كۆپىيىشى ، قان بېسىمغا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماي ، تېخى قان تومۇرنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بارلىقى ، بۇ ئارقىلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن . تەتقىقاتتا يەنە ئەڭ ئاساسلىقى ياڭاق ئىستېمال قىلىش تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن .
|