ئۇششاق ئاپېلىسىننى كۆپ يەۋالماڭ |
يوللىغان ۋاقىت:2011-03-22 ئاۋاتلىقى:177 |
|
|
|
ئاپېلىسىن تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . لېكىن ئۇششاق ئاپېلىسىننى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك . بىر كۈندە ئۈچ تالدىن بەش تالغىچە يېگەندە ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ . تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا ، كۆپ يېسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ ، گال قۇرۇيدۇ ، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇششاق ئاپېلىسىن تەركىبىدە چوڭ ئاپېلىسنىڭكىگە قارىغاندا قەنت مىقدارى كۆپ بولۇپ ، دىئابېت كېسىلى بارلار يېمىگىنى ياخشى .
|
|
|