كۆزدە كۆرۈلگەن ئالامەتلەر كۆز كېسەللىرىدىن بېشارەت بېرىپ ، بالدۇر بايقاش ، بالدۇر داۋالاشقا پايدىلىق بولىدۇ . ئەمما سەل قارىسا كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن . 1.كۆزگە قان ئويۇپ قېلىش كۆزدىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قىلدام قان تومۇرلار تارقالغان بولۇپ ، قان تومۇرلار يېرىلسا ، كۆزگە قان ئۇيۇپ قالىدۇ . مۇتەخەسىسلەر كۆزگە قان تولۇشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ، بىراق يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان پىلاستىنكىسى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىكلىرىدە كۆزگە قان ئويۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى . 2.كۆز پولتىيىپ چىقىش قالقانسىمان بەز كېسىلى ئاغرىقلىرى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ ، كۆز ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار ئىششىپ قالغاچقا ، كۆز پولتىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ . 3.قاپاق ساڭگىلاش باشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قاپىقى ساڭگىلاپ قالىدۇ . بىراق ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسىسىىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، قاپاق ساڭگىلەش مېڭە ئۆسمە راكى ۋە ئېغىر كېسەللەرنىڭ مۇسكۇلدا كۈچ بولماسلىق قاتارلىقلاردىن بىشارەت بېرىشى مۇمكىن ئىكەن . 4.كۆز قارىچۇقىدىكى نورمالسىزلىق نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئوڭ ۋە سول كۆز قارىچۇقى ئۆز ئارا سىممېتىرىك بولىدۇ . ئەگەر بىرى كىچىك ، بىرى چوڭ بولسا ياكى بىر تەرەپكە تارىيىش سۈرئىتى ھەمدە دائىرىسى ئاستا بولسا سەكتە ، مېڭە ئۆسمىسى ، كۆرۈش نېرۋىسى ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەلىكلەرنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . 5.كۆز قارىچۇقى سارغىيىش جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللەر كۆز ئېقىنى سارغايتىپ قويىدۇ . 6.مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ مىس مېتابولىزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، مىس ماددىسىنىڭ مۈڭگۈزلۈك پەردىگە يىغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ ، كۆز قارىچۇقىنىڭ ئەتراپىدا مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى ھاسىل قىلىدۇ . 7.قاپاق قېلىنراش قاپاق قېلىنراش نېرۋا تالاسى ئۆسمىسىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . 8.قان تومۇر دېغى قان تومۇر قېتىشىش كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە قىلدام قان تومۇرلاردا كىچىك داغ پەيدا بولسا ، قان تومۇر قېتىشىش كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . 9.كۆرۈش نېرۋىلىرىدىكى نورمالسىزلىق نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈش نېرۋىلىرى ئاچ قىزىل رەڭدە بولىدۇ ، ئەگەر ئۇلارنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسە ، مېڭە ئۆسمىسى ، كۆپ قوزغىلىدىغان قان قېتىشىش كېسەللىرىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . 10. كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كېسەللىك ئالامىتى دىيابېت كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈش تور پەردىسىدىكى قان تومۇر ۋە نېرىپلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ . شۇڭا كۆرۈش تور پەردىسىگە قان سىڭىپ قېلىش ، سېرىق سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش ، ئاق داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك .
|