كۈندىلىك خاتىرە(ھەققىي )
دوستلار مەن بۇ كۈندىلىك خاتىرەمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ،بارلىق سىڭىلىلىرىمغا ئاز تولا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە يازدىم،ھەرگىزمۇ چاۋىنى چىتقا يىيىش ياكى مۇھەببەتكە سادىق يۈرەكنى تەشۋىق قىلش مەقسىتىدە ئەمەس،بۇ بىر كۈندىلىك خاتىرە، ۋاقىت ، ئورۇن، يۈز بەرگەن ۋەقە پۈتۈنلەي راست،مەن ئازراقمۇ توقۇلما قىلمىدىم،ياكى ئازراقمۇ قوشۇپ قويمىدىم،كۈندىلىك خاترىدە نىمە بولسا شۇنى يازدىم،خاتىرىنىڭ ئىگىسىنى مەن ئويلىساڭلارمۇ ئەمەس دەپ ئويلىساڭلارمۇ مەيلى،لىكىن كۈندىلىك خاتىرە 2007-يىلىدىن باشلاپ يىزىلغان بولغاچقا ،ھەم بەزى تەپسىلاتلار بەك تەپسىلي بولمىغاچقا كۆڭلۈڭلەردە نۇرغۇن تۈگۈن ھەم سۇئاللار قىلىپ قىلىشى مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ ، سىلەرگە زوق بىغىشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2007-يىلى11-ئاينىڭ 7-كۈنى(چارشەنبە)
كەچ بولغاندا كۆڭلۈم تۇيۇقسىز غەش بولۇپ قالدى،مەن نىمە ئىشنى خاتا قىلغاندىمەن؟راستىنلا سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا سىزنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.يۈرىكىم ئەنسىز سالماقتا.
خەير باشقا كەلگەنىنى كۆرمەي ئىلاج يوق،ياراتقۇچى سىزگە راستىنلا بۇ نىيەتنى سالغان بولسا ئۇنىڭغا ئەلھۆكمۇللا دىمەكتىن باشقا چارە يوق.ھازىر خىزمىتىم ئالدىراش بولغاندىن كىيىن بۇ ھىجران،ئايرىلىش ئازابى ماڭا ئانچە تەس چۈشمەسلىكى مۇمكىن.ئەمىلىيەتتە مەن سىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتم،بەلكىم بۇمىنڭ خاتالىقىم بولسا كىرەك.
مەن يەنە نىشانىمنى يوقىتىپ قويۇش ئازابىغا چىدىيالمايمەن.،بەزىدە سىزدىن ئاغرىنىمەن،نىمانچە ئىرادىسىزدۇ،ئۈگىنىشىنى قىلىۋەرسە بولمادىغاندۇ؟دەپ ئويلايمەن.بىراق مەنمۇ سىفەن شۆيۈەندە ئوقۇپ باققان،بىزنىڭ جىددىي خىزمىتىمىزنى ئالىي مەكتەپتىكى ئۇ رومانتىكىلىق تۇرمۇشقا سىلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ سىزگە تەسەللىي بىرەي،ياخشى پاراڭلارنى قىلىشارمىز دەپ ئويلىغان،ئەپسۇس سىزنىڭ گەپلىرىڭىز تەنىدىن باشقا تىمىغا كۆچمىدى،ماڭا دارتمىلاپ يامان گەپ قىلىۋەردىڭىز،سىز دوستلىرىم دەپ سىزغان سىزىقىدىن چىقمىغان بىلەن يەنىلا ئاخىرى ئىككىمىز قالىمىز ئەمەسمۇ؟دوستلىرىڭزدىن سىزگە قانچىلىك پايدا يىتىپ كىتەر؟!(مىنڭ بۇنداق ئويلىشىم خاتا)
مەن سىزگە تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بەرمەكچى ئىدىم،ئەپسۇس سىز شۇنداق تەنە گەپلەرنى قىلسىڭىز ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمەن. تەنە گەپ قىلسىڭىزمۇ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئارام تىپىپ قالدى،سىغىنىشىم سەل بىسىلدى، لىكىن تەنە گەپلىرىڭىز ھىجران يارىسى بىلەن تولغان يۈرىكىمنى قانىتىپ مىنى تولىمۇ مىسكىن قىلىپ قويدى،ئامال قانچە؟ كىم مىنى سىزدەك ياخشى كۆرۈشنى ،مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرسۇن دەپتۇ؟
بولدى ۋايسىماي ،بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.