27
«يىقىندىن بىرى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىدى. شۇڭا خاتىرىمۇ يازالمىدىم. يەنە كىلىپ ئالىم داۋاملىق يىنىمدا تۇرۇپ،ھالىمدىن خەۋەر ئالغاچقا، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ،خەت يازغۇدەك شارائىت ۋە ئىمكانىيەتمۇ بولمىدى. ئالىم بۆگۈندىن باشلاپ ئىشقا كەتتى.شۇنداقلا مېنىڭ ئەھۋالىممۇ ھەر ھالدا ياخشى.
ئالدىنقى قېتىم بۇيۇمدا بارلىقىنى دىگەندىن بىرى ئىككى ھەپتىچە ئۆتۈپتۇ. مەن ئالىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ،بىز دۈچكلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى دەپ ماڭا قوسىقىمدىكى بالىنى ھازىرچە ئالدۇرۇۋىتىشنى ، يازلىق تەتىل كەلگەندە ئاتا-ئانىسىغا ئىيتىپ،ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن توي قىلىش، شۇ چاغدا بالىلىق بولۇش تەكلىپىنى بەردى.دىمىسىمۇ قۇسىقىمنى دۇمبايتىپ،ئالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا بىرىش، بۇندىن كىيىنكى نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزەمگە ياخشى بولمايدىغان تەرەپلەرنى ئۇيلاپ بالىنى ئالدۇرىۋىتىشنى توغرا تاپتىم. شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى ئالىمنىڭ بولغۇسى ئايالى دەپ بىلىدىغان،كەلگۈسۈمنى ئۇنىڭغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
بىز تەسىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ،بالىنى ئۆزىمىزلا بىر تەرەپ قىلماقچى بولدۇق. بۇنىمۇ ئالىم ئۆزى دىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە بەش يىل چارۋىچىلىق كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى بۇنچىلىك ئىشنى ئۆزىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى ،مېنىڭ قىينالمايدىغانلىقىمنى دەپ ئۈستىگە ئىلىپ، ئەتىسى كەچتىلا كىچىك بىر سۇلياۋ خالتىغا لىق كەلگۈدەك دورىنى ئىلىپ كىلىپ ئىچۈردى. سەھەردىلا قۇسىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.دۇرا كۈچنى كۆرسەتكەن ئىدى.بىرەر سائەتتىن كىيىن بالا چۈشۈپ كەتتى.مەن ئالىم تەييارلىغان ئورۇنغا كىرىپ ياتتىم.ئالىممۇ مەكتەپتىن بىر ھەپتە روخسەت ئىلىپ يىنىمدا مۇقىم تۇردى ۋە كىيىنكى ھەپتىدە ماي ئىيىدىكى دەم ئىلىشقا توغرا كىلىپ قالغاچقا،ئۇ يۇرتىغا قايتىماي يىنىمدا تۇردى.
ئۇنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئىلىشىغا قاراپ،ئۇنىڭ ھەقىقى ئەر بولالايدىغانلىقىنى، دىلشات ۋە قىيىنئانامدىن كەلگەن ئازاپ ۋە خاپىلىقلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ مېنىڭ كەلگۈسى ھاياتىمدا بەخىتلىك ياشىشىمغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.‹ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ، ئونبەشى ئايدىڭ› بولىشىنىڭ ھەقىقەتلىكىگە ئىشەندىم.مەن تولۇق ساقايغاندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز خاتىرجەم بولدۇق ۋە شۇنداقلا بەزى ئىشلاردا دىققەت قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق.
ھەپتىلىك دەم ئىلىشى تۇشۇشقا ئىككى كۈن قالغاندا، ئالىم يۇرتىغا بىرىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرىشىپ كەلمەكچى بولدى. دىمىسىمۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈۋاتقاندىن بىرى،ئۇ بىرەر قىتىممۇ يۇرتىغا بىرىپ باقمىغان، يۇرتىدىنمۇ بىرەرسى يوقلاپ كىلىپ باقمىغان ئىدى.مەن سەۋەبىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسەممۇ، مېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ بولسىمۇ ھىچيەرگە بارمىغىنىنى پەرەز قىلاتتىم. ئۇنىڭ دىيىشىچىغۇ يۇرتى ئۇ تۇرغان يەرگە بىر نەچچە يۈز كىلۇمىتىرلا كىلەتتى.ھازىرقىدەك قاتناش ئىشلىرى ناھايتتى تەرەققى قىلغان دەۋردە بىر قانچە يۈز كىلۇمىتىر ئارىلىق دىگەن ئانچە يىراق ھىساپلانمايتتى. ئۇ تۈنۈگۈن يۇرتىغا بىرىپ كىلىش خىيالى بارلىقىنى دىگەندە، مەن ئاكتىپلىق بىلەن قوللىدىم. مېنىڭمۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا بىرىپ كۆرۈپ باققۇم بار بولىسىمۇ ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم،ئۇمۇ دىمىدى، شۇڭا يالغۇز قالدىم.ئالىم ئەتە قايىتپ كىلىدىغانلىقىنى دەپ يولغا چىقتى.مىڭىش ئالدىدا يىتەرلىك پۇل بىرىپ،كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ بەردى.
مەن ۋاقىت چىقىرىپ،ساڭا خەت يىزىپ سىلىۋىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى ساڭا خەت يېزىپ ئىبەرتمىگىىلى خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى.
2005-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى»