ئاساسىي تېما : ئاتا- ئانىنىڭ قەلبىئاۋاتلىقى:92ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 152
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 152 نوقتا
پۇل : 1520 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:30(سائەت)

 ئاتا- ئانىنىڭ قەلبى

ئەلى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئادەتتە قۇربان ھېيتلىرىدا ئۆيگە بىرەر قېتىم قايتقاننى ھىسابقا ئالمىغاندا يىل بويى ئۆيىگىمۇ قايتىپ بولالمايدۇ...

بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك ئىشقا چىقتى، ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز تېلىفونى سايراپ قالدى. ئېلىۋىدى، دادىسىنىڭ ماشىنا بېكىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدى... دادام قېرىپ ھاسا بىلەن ماڭغۇدەك بىر ھالدا تۇرۇپ ئەجەپ ماڭىمۇ خەۋەر بېرىۋەتمەيلا ئۈرۈمچىگە كېلىپ تېلىفون قىپتىيا! ئەجەپلەندى ئەلى. ۋە دەرھال دادىسىنى كۈتۈۋېلىشقا بېكەتكە يۈرۈپ كەتتى.

دىگەندەك، دادىسى ھاسىسى بىلەن ئاران ماڭسىمۇ راستىنلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنىدى، ئەلى دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ تىنچ- ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئاۋال قورساق توقلاش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتى.
ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دادىسى سۆز باشلىدى:
- بالام ئۆزۈڭ قەيەردە تۇرىسەن؟
- جەنۇبى ئازاتلىق يولىدا تۇرىمەن دادا، جاۋاب بەردى ئەلى.

دادىسى بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىسەدە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان، قېرىپ كەتسىمۇ كۆزىدىن كەتمىگەن ئادەم ئىدى، ئۇ يېزىۋالدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ بېكەتتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ماڭغان يولىنىمۇ ئىزاھاتلىۋالدى. ۋە يەنە«
- سەن تۇرىدىغان جايغا قانداق بارىمىز؟
- كوچا ئاپتوۋۇزى بىلەن.
- نەچچىنچى ئاپتوبۇزغا ئولتۇرىمىز؟
- 7- يولنىڭ.
- ھىم، قايسى بېكەتتە چۈشىمىز؟ بۇلاق بېشى كوچىسى بېكىتىدە.
دادىسى ھەممىنى خاتىرلەپ ماڭماقتا ئىدى.

........
ئەلى ھەيران قالدى، دادامغا نىمە بولغاندۇ؟ ئۇ ئەجەپلەنگەن بولسىمۇ ئەمما ئەمدىلا كەلگەن دادىسىدىن كۆپ گەپ سوراشنى بىئەپ كۆردى.
تاماق كەلدى، ئۇلار تاماقنى يەپلا ئەلىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىغا قاراپ ماڭدى. ۋە ئاپتوبۇسقا چىقتى، دادىسى ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپمۇ، بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا كېلىش جەريانىدى ئىزاھى بىلەن، ۋە يولدىكى ئالاھىدە بەلگىلەرنىمۇ قوشۇپ خاتىرلىۋالدى...

ئۇلار بۇلاق بېشى كوچىسىدا چۈشۈپ يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئەلى تۇرىدىغان قورانىڭ دەرۋازىسىغا كەلدى. ئەلىنىڭ دادىسى سورىدى:
-بۇ كوچىنىڭ ئىسمىنى نىمە دەيمىز؟ بۇ دەرۋازا نەچچىنچى نومۇر؟
- ئەلى ئۆزىمۇ نەچچە يىلدىن بېرى يېتەرلىك دىققەت قىلمىغان بۇ ئۇچۇرلارنى دادىسىغا ئويلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەردى. دادىسى ئوخشاشلا خاتىرىلىۋالدى. ۋە ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئىشىك نومۇرىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندا ئەلى سورىدى:
- دادا، ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ياكى ساڭا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ ئەجەپ بىر ئىشلارنى خاتىرلەپلا كەتتىڭغۇ؟
- بالام، ھىچ ئىش يوق، مەن پەقەت شۇ سېنىڭ تۇرىدىغان جايىڭنى ئېنىقراق بىلىۋالاي دېدىم، باشقا ئىشلاردىن خاتىرجەم بول.
ئەلىنىڭ كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزگىچىلىك ھىس قىلىپ كېتىۋاتاتتى. دادىسىغا مىۋىلەرنى ئەكىلىپ تىزدى. يىيىشىپ ئولتۇرۇپ دېدى:
- دادا ئەتە مەن بىر كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ سېنى شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي، ئوبدان بىر كۆرۈۋالغىن، سېنىڭ بۇ شەھەرگە كەلمىگىڭمۇ ئاسان ئەمەس.
- بالام، بولدى ئاۋارە بولما، نورمال ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن، ئەمدى سەن ماڭا قەيەردە ئىشلەيدىغىنىڭنى، ئىدارىنىڭ ئىسمىنى، باشلىقىڭنىڭ ئىسمىنى، ۋە تېلىفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا بولدى.
ئەلى ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى پەقەتلا ئاڭقىرالماي ھەيران بولماقتا ئىدى. ياندۇرۇپ دادىسىدىن سورىدى:
- دادا، چۈشەنمەيلا قالدىم، بۇلار ساڭا نىمىگە مۇھىم بوپ قالدى؟
- بالام، باشقىسىنى سورىما، پەقەت مەن سورىغانلارغا جاۋاب بەرسەڭلا بولىدۇ. قانداق؟
- ماقۇل ماقۇل دادا. ئەلى بىرەر قۇر ئېيتىپ بەردى. پەقەت باشلىقىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرمىدى. دادىسى تېلىفون نومۇرىنى سورىۋىدى، ئەلى:
-بولدىلا دادا، نىمە قىلىسەن ئۇلارنىڭ نومۇرىنى، بىرەر ئىش بولسا ماڭا ئوچۇق دىگىن...
دادىسى يەنە سوراۋېرىشنى بىئەپ كۆردىمۇ سورىمىدىيۇ، ئەمما بۇ يەردىن ئەلىنىڭ ئىدارىسىگە قانداق بارىدىغانلىقىنى، قايسى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغانلىقىنى سورىدى ، ئەلى ئۇلارنىمۇ دەپ بەردى...

شۇنداق قىلىپ ئەتىسى سەھەر بولدى. دادىسى ئەلىگە ھازىر يۇرتقا قايتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىشقا مېڭىۋېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەلى نەچچە قېتىم بۈگۈن رۇخسەت سوراپ ئۆزىگە ھەمرا بولۇشنى ئېيتسىمۇ دادىسى زىنھار قوشۇلمىدى ۋە قەتئى تەلەپپۇزدا دەرھال ئىشقا ماڭ،مەن سەل تۇرۇپلا بېكەتكە بېرىپ يۇرتقا قايتىمەن. سېنىڭ ئاپىرىپ قويۇشۇڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ تۇرۇۋالدى. ئەلى بېكەتكە ئۆزۈم ئاپىرىپ قوياي دېسىمۇ ئۇنىمىدى. ئەلى گەرچە ناھايىتى ھەيرانلىق ھىس قىلغان بولسىمۇ، ئىلاجىسىز ئىشقا ماڭدى. دادىسى ئۆيدە سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ قالدى.

ئەلى ئاپتوبۇزدا دادىسى توغرىلىق نۇرغۇن خىياللار بىلەن ئىدارىسىگە كېلىپمۇ قالدى. ۋە ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بىر كۈنلۈك ئىش تەرتىپىنى ئويلاۋېتىپ توساتتىن سىرتقا قارا دىگەندەكلا سىرتقا قاراپ ئىدارىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا دادىسىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. دادىسى ئەلىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ تۇراتتى. ئەلى ھەيرانلىقتىن يەرگە قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىيۇ، بىراق دەرھال ئېسىگە كېلىپلا دادىسى تەرەپكە يۈگۈردى. دەرۋازىغا چىقىشىغىلا باشلىقمۇ ئەلىنى كۆرۈپ:
- ئەلى، دادىڭىز كەپتۇ ئەمەسمۇ، ماڭا بالدۇرراقلا ئۇقتۇرۇۋەتسىڭىز مەن بۈگۈن سىزگە رۇخسەت بەرمەسمىدىم، ھازىرمۇ دەرھاللا ئىشتىن چۈشۈپ دادىڭىزغا ھەمرا بولۇڭ، سىزگە بۈگۈن رۇخسەت ، دەپ ئەلىنىڭ دادىسى بىلەن خوشلىشىپ كىرىپ كەتتى. ئەلى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي دادىسىدىن سورىدى:
- دادا سەن؟! باشلىققا نىمە دېگەنىدىڭ؟
- بالام، مەن ھىچنىمە دېمىدىم، پەقەت باشلىقىڭنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىۋالدىم، باشقا ھىچنىمە دېمىدىم.
ئەلى بەكمۇ ھەيران قالغانىدى... بۇ ئەسنادا دادىسى ئەلىگە:
- بالام بولدى ئىشىڭدىن قالما، ئادەتتىكىدەك ئىشلەۋەر، مانا ئەمدى مەن رەسمى قايتىمەن. ئەمدى سېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. بولدى ئىشىڭنى قىلىۋەر!
- دادا، باشلىق بۈگۈن ماڭا رۇخسەت بەردى، بولدى مەن ساڭا بۈگۈن ھەمرا بولاي، بىرەر كۈن بولسىمۇ تۇرۇپ كەت، ئەتە ئەتىگەن ئۆزەم يولغا سېلىپ قوياي بولامدۇ؟
- ياق بولدى، مەن ئۆزەم ھازىر كەتمىسەم بولمايدۇ. بولدى سەن كىرىپ كەت!

دادىسى شۇنداق دەپلا مېڭىپ كەتتى... ئەلى بەكلا غەلىتە بوپ قالغانىدى. ئۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەنىدى. شۇ گاراڭلىقتا ئىشخانىسىغا قايتىپ كىرىپمۇ قولى تۈزۈك ئىشقا بارمىدى. ..

چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا ئەلىنىڭ ئېسىگە دادىسى يەنە كېلىۋالدى. ئۇ ئويلىدىكى، 6سائەتلىك يول بۇ كەمگە ئاخىرلىشىپ دادىسى ئۆيگىمۇ بېرىپ بولغاندۇ، ئۆيگە تېلىفون قىلىپ دادىسىنىڭ تىنچ - ئامان بېرىپ بولغانلىقىنى ئۇقماقچى بولۇپ ئۆيگە تېلىفون ئۇردى، تېلىفوننى ئاپىسى ئالدى:
- ۋەي بالاممۇ سەن؟
- ھە ئاپا، تىنچ ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ دادامغا نىمە ئىش بولدى؟ تۇيۇقسىزلا كېلىپ يەنە شۇنداق تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدى. ئۆيگە تىچ- ئامان يېتىپ باردىمۇ؟
- ياق بالام داداڭ تېخى قايتىپ كەلمىدى. ئۇ سېنىڭ قېشىڭدىن قايتىپلا ئىنىڭنىڭ قېشىغا، قارىمايغا ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر بەلكىم قارىمايغا بېرىپ بولغاندۇ.
ئەلى كارامەت ھەيران قالدى... ۋاھ...... ئاپىسىدىن سورىدى:
- ئاپا زادى ماڭا ئوچۇق ئېيتقىن نىمىش بولدى؟
-ھىچ ئىش يوق بالام، ھىچ ئىش يوق، باشقىچە ئويلاپ كەتمە!
- ياق ئاپا، چوقۇم بىر ئىش بار، ماڭا دەپ بەرمىسەڭ مەن زادىلا خاتىرجەم بولالمايمەن!
- بالام، باشقا ئىشمىغۇ يوق، خوشنىمىزنىڭ سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئوغلىمۇ بىر چوڭ شەھەردە ئىشلەيتتى، بۇنى سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ بالىمۇ ئۆيىگە بىر ئىككى كۈندە تېلىفون قىلىپ تۇراتتى. يېقىندىن تۇيۇقسىزلا تېلىفونمۇ كەلمىدى، ئۇلار نىمىش بولغاندۇ دەپ ھەركۈنى تېلىفون قىلسىمۇ ئېلىنمىدى. بارا- بارا ئۇلار تىت تىت بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدى. ئاخىرى دادىسى ئوغلىنى ئىزدەپ ئۇ شەھەرگە بارغان بولسىمۇ ئوغلىنىڭ تۇرىدىغان، ئىشلەيدىغان ھىچيېرىنى بىلمىگەچكە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالالماپتۇ. شۇ ئىزدىگەنچە ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەردە ساقچىلار ئارقىلىق ۇلارنىڭ ئۆيىگە  ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋرى كېلىپ قالدى. ئوغلى ئەشۇ شەھەردە ئىشقا كېتىۋاتقاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپتىكەن، نەق مەيداندا ئۇنى تونۇيدىغان بىرەر ئادەممۇ يوقكەن، تېلىفونىمۇ ئېزىلىپ كەتكەنىكەن. كىملىكىمۇ يېنىدا ئەمەسكەنتۇق،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىملىكىنى ساقچىلارمۇ پەرقلەندۈرەلمەي ئامالسىز ئۆلۈكلەرنى ساقلاش ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۇ بالىنىڭ شۇ چاغدا مىنگەن ۋېلىسپىتىنى يىپ ئۇچى قىپ تۇرۇپ ئىزدەپ ساق 15كۈن بولغاندا ئاخىر ئۇ بالىنىڭ تونۇشلىرىنى تېپىپ شۇ ئارقىلىق ئۆيىگە خەۋەر كەلدى. داداڭ بىلەن ئىككىمىز شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا- ئىنى ئىككىڭلاردىن ئەنسىرەپلا قالدۇق. داداڭ ئاخىرى، مەن بېرىپ بالىلارنىڭ تۇرىدىغان يېرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلەي دەپ يولغا چىققانىدى........

ئەلىنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى. ئاپىسىغا خوش دەپلا تېلىفوننى قويدى-دە، ئىنىسىغا تېلىفون قىلدى«
- ئۇكام، دادام قېشىڭغا يېتىپ باردىمۇ؟
- ياق ئاكا، دادام قېشىمغا ماڭغانمىدى؟
- ئۇكام، دادام قېشىڭغا بارغاندا نىمىنى سورىسا ناھايىتى تەپسىلى جاۋاپ بەرگىن، نىمىشقا دەپ سورىماي ناھايىتى تەپسىلى جاۋاب بەرگىن ئۇكام!...............

-------------------------------------
< ھىكايىلەر> ئايلىق ژۇرنىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى :  چىدا

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-03-29 20:49 | [پۈتۈكچى]


يول ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ.
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 117
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 117 نوقتا
پۇل : 1170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:29(سائەت)

 

ئاھ نىمە دىگەن تەسىرلىك ھىكايە بۇ خۇدا ئاتا ئانىلارنى بىز دىن مەڭگۈ خاتىرجەم قىلسۇن. كۆز ئالدىمغا. سەھرادىن كەلگەن دادا دىگەن فىلىمدىكى دادا ئوبرازى .. بىر خىزىر .
Posted: 2011-03-29 22:25 | 1 -قەۋەت


چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 152
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 152 نوقتا
پۇل : 1520 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:30(سائەت)

 

ھەي دادىلار.............  ئىشقىلىپ مۇشۇ ئاتا- ئانىلار بەدەلسىز بىر خەق ئىكەن، بالىلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز باش قاتۇرىدىكەن

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-03-31 12:00 | 2 -قەۋەت


چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 152
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 152 نوقتا
پۇل : 1520 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:30(سائەت)

 

ئاتا- ئانا تېمىسىغا قىزىقىدىغان ئادەم يوقمۇ نىمە ھە؟

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-04-03 21:11 | 3 -قەۋەت


چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 152
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 152 نوقتا
پۇل : 1520 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:30(سائەت)

 

بۇ تېمام بويۇن قىسىپلا قاپتىغۇ بۇ يەردە

چوقۇم چىدا! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

Posted: 2011-04-03 21:15 | 4 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation