كەتتىڭ سەن يىراقلاپ تولىمۇ يىراق
ئازاپلاپ كۈل قىلدى مېنى بۇ پىراق
خار قىلدىڭ چىن سۆيگۈ ساداقىتىمنى
ۋە لىكىن ياشايمەن باش ئەگمەي بىراق
*****************************
ئېسىمدە دېگىنىڭ شۇنداق بىر سۆزنى
<سەن مېنىڭ ھاياتىم سەن مېنىڭ گۈلۈم>
لىكىن سەن ئۇنتۇدۇڭ ئاشۇ ۋەدەڭنى
بىلگىنسەن ساختىلىق يىگىتكە ئۈلۈم
********************************
ئوقۇدۇم بىر باشتىن خاتىرە بەتلەرنى
بىز يازغان چوغ كەبى ئوتلۇق خەتلەرنى
ئۆكۈنۈش ئىچىدە ياشلار تۆكۇلدى
ۋە لىكىن يۇيدۇغۇ ئاچچىق دەرتلەرنى
******************************
سەندۇرسەن مەن ئۈچۈن سۆيگۈ قاتىلى
بىلگىنسەن بىلىپ قال ئەبىدى بۇنى
سۆيگۈ غۇنچىسى خازان بولدۇغۇ
سەن قۇيۇپ تۈۋىگە سېسق لاي سۇنى
************************************
بولدى قىل ئاقلىما ئۆزۈڭنى ئەمدى
مۇزلىدى ۋۇجۇدۇم زىمىستان كەبى
باغرى كەڭ دۇنيادا،دوستلار توپىدا
ئۇنتۇلار يۈرۈكۈم ھەممىنى تەبى