ئاساسىي تېما : قەسىر ناماز دىگەننى قانداق چۈشىنىسىلەر ؟ئاۋاتلىقى:518ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 11

پۈتۈك سانى: 5128
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5155 نوقتا
پۇل : 51550 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1319(سائەت)

 قەسىر ناماز دىگەننى قانداق چۈشىنىسىلەر ؟

قەسىر ناماز دىگەننى قانداق چۈشىنىسىلەر ؟  مەن بۇ قىتىم سەپەرگە چىققاندا بىر كىشىنىڭ ئاغزىدىن قەسىر ناماز توغرىسىدا ئاڭلاپ قالدىم . سەپەر ئۈستىدە ئۇقۇلىكەن ، زادى قانداق ئۇقۇش توغرا بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قۇيساڭلار ، ئۇقۇغىنىم بىلەن ئۇخشاشمۇ ئەمەسمۇ بىلىۋالسام...

ھەر بىر تىنغان تىنىقىمدا ئاللاھقا شۈكىرى ...

مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .

Posted: 2011-03-30 00:06 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:نۇر ئەلچى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 4724
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 4727 نوقتا
پۇل : 47270 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:565(سائەت)

 

سەپەر ئۈستىدە  ئۇقۇلسا  بۇنداق ئاتىمايدىغان  ئىسىمدە قېلىشچە چوڭلار باشقىچە ئاتايتتى  مەن يەنىمۇ ئويلىنىپ باقاي
[ مەزكۇر پۈتۈك چىن ماچىن تەرىپىدىن 2011-03-30 01:36 دە تەھرېرلەندى. ]

ئاياللار ھايالىقى بىلەن گۈزەل،سەۋرچانلىقى،قانائەتچانلىقى بىلەن بەخىتلىكتۇر

Posted: 2011-03-30 00:29 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 13
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 13 نوقتا
پۇل : 130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

سەپەرگە چىققاندا كىشى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. باشقا ئۈچ، ياكى ئىككى رەكەتلىك نامازنى ئۆز پېتى ئوقۇيدۇ. مانا بۇنى نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش دەيمىز.
كىشى سەپەرگە چىققاندا گەرچە نامازنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالىسىمۇ، نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش كېرەك. چۈنكى ئىبادەت دېگەن نامازنى كۆپ ئوقۇش، روزىنى جىق تۇتۇشنى ئەمەس نېمە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىش، بويسۇنۇش دېمەكتۇر. ئىككى رەكەت ئوقۇ دېسە، ئىككى رەكەت ئوقۇيمىز، ئىككىنى قېتىم سەجدە قىل دېسە ئىككىنى سەجدە قىلىمىز. ئاشۇرۇپ قويمايمىز، كېمەيتىپمۇ قويمايمىز.چۈنكى بىز بويسۇنغۇچىلار، تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز. مانا بۇ ئىبادەت. بۇلار ئاللاھ  ۋە رەسۇلى بۇيرىغان دائىرىدە بولىدۇ. يول قويۇلغان ۋە تەۋسىيە قىلىنغان دائىردە بولسائۆز ئىختىيارىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلساق بولىدۇ.
يۇقارقى سۆزۈمنىڭ راسلىقى ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. ئىسلامدا دەلىل پەقەت قۇرئان بىلەن ھەدىستىنلا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ يېزىپ قويغان كىتابلىرىدىن چىقمايدۇ.
Posted: 2011-03-30 02:08 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 686
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 688 نوقتا
پۇل : 6880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:252(سائەت)

 

مۇساپىرنىڭ نامىزى ۋە قەسىر قىلىش مۇددىتى.

سۇئال؛مۇساپىرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇشنىڭ ھۆكمى نىمە؟ ۋە مۇساپىر قانچىلىك ۋاقىت قەسىر قىلىپ ئۇقۇيدۇ؟ مۇساپىرغا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئۇقۇش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب؛ كۆپۇنچە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ نەزىرىدە نامازنى قەسىر قىلىش رۇخسەت ياكى سۇننەتتۇر.مۇساپىرغا نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش دۇرۇس بۇلىدۇ.تۇلۇق ئۇقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بۇلىدۇ (ئەمما بەزى ئالىملار جەزمەن قەسىر قىلىپ ئۇقۇش كىرەك دەيدۇ-ت)

ئەمما مۇساپىرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇشى رەسۇلۇللەقا ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن ئەفزەلدۇر.بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدا مۇساپىر قىلغۇچىنىڭ مۇساپىسى 89كىلومىتىر ھىسابلىنىدۇ. بىر شەھەردە تۆت كۇن تۇرۇشنى نىيەت قىلمىغان ھەرقانداق ئادەم نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش دۇرۇس بۇلىدۇ.ئەگەر تۆت كۇن تۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسا ۋە تۆت كۇندىن ئارتۇق تۇرغان بولسا4.كۇندىن باشلاپ نامازنى قەسىر قىلماي تۇلۇق ئۇقۇيدۇ.(بەزى ئالىملار 15 تۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسا دەيدۇ-ت) شۇنداقلا مۇساپىرغا پىشىن بىلەن ئەسىرنى، پىشىن ۋاقتىدا ياكى ئەسىر ۋاقتىدا جۇغلاپ ئۇقۇش.شام بىلەن خۇپتەننى شام ۋاختىدا ياكى خۇپتەن ۋاختىدا ئىككىسىنى بىرگە جۇغلاپ ئوقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بۇلىدۇ.

(ئەسكەرتىش؛ ئۆزىنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ سەپەرگە ماڭماقچى بولغان ئادەم ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئۇقۇش دۇرۇس ئەمەس.ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئۇقۇيدىغان ئادەم جەزمەن مۇساپىر بۇلىشى شەرت-ت)

رەسۇلۇللە قەسىر قىلىش توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن«قەسىر قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان سەدىقىسىدۇر.سىلەر ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قۇبۇل قىلىڭلار» (مۇسلىم ۋە سۇنەن ئىگىلىرى رىۋايەت قىلغان).

ئىبنى ئۈمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ.ئۇ مۇنداق دەيدۇ«مەن رەسۇلۇللە،ئەبۇ بەكرى،ئۈمەر،ئوسمانلارغا سەپەردە ھەمراھ بولدۇم.ئۇلار ئىككى رەكئەتتىن زىيادە ناماز ئۇقۇمىدى(يەنى نامازلارنى ھەممىسى قەسىر قىلىپ ئۇقىدى) »رواە البخاري ومسلم

مۇساپىرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇشنىڭ ئەپزەللىكى توغرىسىدا.

رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاسىيلىق قىلىشڭلارنى يامان كۆرگەندەك،رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ»)
مۇساپىر كىشى سەپەر قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئۆز يۇرتىدىن 89كىلومىتىر ئايرىلسا مۇساپىر بۇلىدۇ. مەيلى ماشنىدا ماڭسۇن ياكى ئايروپىلاندا ياكى پاراخۇتتا بولسۇن مۇشۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.

قەسىر قىلىشنىڭ مۇددىتى توغىرسىدا 4 مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئارسىدىكى ئختىلاپلىق مەسىلە.

ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەر مۇساپىر بىر شەھەردە 15 كۇن تۇرۇشنى نىيەت قىغان بولسا ۋە 15 كۇندىن ئارتۇق تۇرغان بولسا نامازنى قەسىر ئۇقۇمايدۇ تۇلۇق ئۇقۇيدۇ.

شافىئىي،مالىكىي،ھەنبەلىي مەزھىبىدىكىلەر 4كۈن تۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسا ۋە 4كۇندىن ئارتۇق تۇرغان بولسا نامازنى قەسىر قىلمايدۇ،تۇلۇق ئۇقۇيدۇ دەيدۇ. بۇلارنىڭ ئارسىداكىرگەن ،چىققان كۇنلەرنى ھىسابلاش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار.(يەنى بەزىلەر ئۆيىدىن چىققاندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ دەيدۇ. يەنە بەزىلەر شۇ شەھەرگە چۈشكەن كۇندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ دەيدۇ.بەزىلەر شەھەردىن ئايلىرىلىدىغان كۈن ھىساب ئەمەس دەيدۇ).
Posted: 2011-03-30 02:12 | 3 -قەۋەت


خۇشاللىق ئاستا كىلىپ، تىز كىتىدۇ،
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 473
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 473 نوقتا
پۇل : 4730 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:96(سائەت)

 

Quote:
3 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى قارا كۆز نىڭ 2011-03-30 02:12 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
مۇساپىرنىڭ نامىزى ۋە قەسىر قىلىش مۇددىتى.

سۇئال؛مۇساپىرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇشنىڭ ھۆكمى نىمە؟ ۋە مۇساپىر قانچىلىك ۋاقىت قەسىر قىلىپ ئۇقۇيدۇ؟ مۇساپىرغا ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئۇقۇش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب؛ كۆپۇنچە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ نەزىرىدە نامازنى قەسىر قىلىش رۇخسەت ياكى سۇننەتتۇر.مۇساپىرغا نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش دۇرۇس بۇلىدۇ.تۇلۇق ئۇقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بۇلىدۇ (ئەمما بەزى ئالىملار جەزمەن قەسىر قىلىپ ئۇقۇش كىرەك دەيدۇ-ت)
.......


رەھمەت سىزگە ناھايىتى ئىنىق چۇشەنچە بىرىپسىز، ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەسۇن.

ئادەم ئىككى قىتىم ياشىمايدۇ، لىكىن بىر قىتىم ياشاشنى بىلمەيدىغانلارمۇ كوپ..

Posted: 2011-03-30 03:37 | 4 -قەۋەت


دەۋزەخنىڭ مۇدىھىشلىرىنى پۇراتمىغايسەن ....
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 828
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 828 نوقتا
پۇل : 8280 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:528(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئوقۇ نىڭ 2011-03-30 02:08 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
سەپەرگە چىققاندا كىشى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. باشقا ئۈچ، ياكى ئىككى رەكەتلىك نامازنى ئۆز پېتى ئوقۇيدۇ. مانا بۇنى نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش دەيمىز.
كىشى سەپەرگە چىققاندا گەرچە نامازنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالىسىمۇ، نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش كېرەك. چۈنكى ئىبادەت دېگەن نامازنى كۆپ ئوقۇش، روزىنى جىق تۇتۇشنى ئەمەس نېمە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىش، بويسۇنۇش دېمەكتۇر. ئىككى رەكەت ئوقۇ دېسە، ئىككى رەكەت ئوقۇيمىز، ئىككىنى قېتىم سەجدە قىل دېسە ئىككىنى سەجدە قىلىمىز. ئاشۇرۇپ قويمايمىز، كېمەيتىپمۇ قويمايمىز.چۈنكى بىز بويسۇنغۇچىلار، تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز. مانا بۇ ئىبادەت. بۇلار ئاللاھ  ۋە رەسۇلى بۇيرىغان دائىرىدە بولىدۇ. يول قويۇلغان ۋە تەۋسىيە قىلىنغان دائىردە بولسائۆز ئىختىيارىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلساق بولىدۇ.
يۇقارقى سۆزۈمنىڭ راسلىقى ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. ئىسلامدا دەلىل پەقەت قۇرئان بىلەن ھەدىستىنلا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ يېزىپ قويغان كىتابلىرىدىن چىقمايدۇ.



ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن ...
شۇنداق ئىسلامىيتىمىزدە دەلىل پەقەت قۇرئان بىلەن ھەدىستىنلا چىقىدۇ .

ئىھ  ئاللاھ  جەننەتنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى پۇرىغىلى نىسىپ قىلغايسەن ..
ئامىن ؛

Posted: 2011-03-30 11:07 | 5 -قەۋەت


بەخىتلىك بولاي دەيمەن ئەمما تەغدىرىم يول قويمايدۇ..
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1084
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1086 نوقتا
پۇل : 10860 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:803(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئوقۇ نىڭ 2011-03-30 02:08 دە يوللىغان ماقالىسى نى ئىشلىتىش :
سەپەرگە چىققاندا كىشى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. باشقا ئۈچ، ياكى ئىككى رەكەتلىك نامازنى ئۆز پېتى ئوقۇيدۇ. مانا بۇنى نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش دەيمىز.
كىشى سەپەرگە چىققاندا گەرچە نامازنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالىسىمۇ، نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش كېرەك. چۈنكى ئىبادەت دېگەن نامازنى كۆپ ئوقۇش، روزىنى جىق تۇتۇشنى ئەمەس نېمە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىش، بويسۇنۇش دېمەكتۇر. ئىككى رەكەت ئوقۇ دېسە، ئىككى رەكەت ئوقۇيمىز، ئىككىنى قېتىم سەجدە قىل دېسە ئىككىنى سەجدە قىلىمىز. ئاشۇرۇپ قويمايمىز، كېمەيتىپمۇ قويمايمىز.چۈنكى بىز بويسۇنغۇچىلار، تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز. مانا بۇ ئىبادەت. بۇلار ئاللاھ  ۋە رەسۇلى بۇيرىغان دائىرىدە بولىدۇ. يول قويۇلغان ۋە تەۋسىيە قىلىنغان دائىردە بولسائۆز ئىختىيارىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلساق بولىدۇ.
يۇقارقى سۆزۈمنىڭ راسلىقى ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. ئىسلامدا دەلىل پەقەت قۇرئان بىلەن ھەدىستىنلا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ يېزىپ قويغان كىتابلىرىدىن چىقمايدۇ.



 ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ھەم رەھمەت قىلسۇن ،امىن.

شۈكرى ئاللاھ  سەن ھەرۋاقىت مىنىڭ يىنىمدا................................

Posted: 2011-03-30 13:30 | 6 -قەۋەت


ھازىرقى جاھاندا قىزلار كۆپ ئەمما قىزلار بەك ئاز !
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 175
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 175 نوقتا
پۇل : 1750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:179(سائەت)

 

بىلمىگەنلەر بىلىۋالدۇق . رەھمەت سىزگە

مۇناپىقلارغا نامازدىن ئېغىرراق يۈك يوق !

Posted: 2011-03-30 20:32 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 409
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 415 نوقتا
پۇل : 4150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:251(سائەت)

 

جۇغلاپ ئوقۇش پەقەت يول ئۈستىدە بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى،شام بىلەن خۇفتەننى جۇغلاپ ئوقوشنى كۆرسىتىدۇ.لېكىن مەنزىلگە يەتكەنكەندە چوقوم ۋاقتىدا ئوقوش ئەۋزەل.
قەسىر نامىزىدا بامدات تولوغى بىلەن ئوقولدۇ،شامدىن باشقا نامازلارنىڭ پەرىزى ئىككى رەكەت ئوقولىدۇ.شامنىڭ ئۈچ رەكەت پەرىزى تولىغى بىلەن ئۆتۈلىدۇ.خۇفتەندىن كېيىن ۋېتىرمۇ ئوقولىدۇ  ~~
Posted: 2011-03-31 11:14 | 8 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 13
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 13 نوقتا
پۇل : 130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:5(سائەت)

 

قارا كۆرنىڭ ئىنكاسى بىلەن شاھ ھاجىمنىڭ ئىنكاسىغا رەددىيە
قارا كۆز!
سىزنىڭ ئۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق! قۇرئان ھەدىستىن ھېچقاچان مانچىلىك مۇساپە باسقان كىشى مۇساپىر دېگەن ھۆكۈمنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز! ھۆكۈمنى ئالىملار بەلگىلىمەيدۇ. ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. قانداق كىشىنىڭ مۇساپىر بولىدىغىنىنى ئىزدنىپمۇ بىلەلمىسىز، ئۇنداقتا مەندىن سوراڭ! باشقا بىلىدىغانلاردىن سوراڭ! ئىسلامدا ھېچقاچان ئىختىلاپنى كۆرەلمەيسىز! ئۇ تۆت مەزھەپنىڭ پىشۋالىرىمۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مالىكى، ھەنەفىي ۋە ياكى ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇ مەزھەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئىختىلاپنى شۇلارنىڭ كەينىدىكى قاپاقۋاش، پىتنىچىلار چىقارغان. مەزھەپنىمۇ يەنە شۇ قاپاقۋاش، پىتنىچىلەر ئايرىغان. ھەنەفىي، مالىكى، ھەنبالىي قاتارلىق ئىماملارنى تىرىلدۈرۈپ بىر يەرگە سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرغىلى بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن بىلىملىك، ھەقنى ھەقىقىي تونۇغان زاتلار ئىدى.
شاھ ھاجىم!
ۋىتىر دېگەن نەپلە ناماز قاتارىدىن! نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغاندا پەقەت پەز نامازنىلا ئوقۇش كۇپايە! بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلەمسىز؟ نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشتىكى ھېكمەتنى بىلەمسىز؟
ئىككىلىڭلارغا ۋە باشقىلارغىمۇ تەنبىھ!
ئىسلامدا توغرا پەقەت بىرلا بولىدۇ. مەن باشتا قەسر نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. ئەگەر مەن خاتا دېگەن بولسام ماڭا رەدىيە بېرىپ، دەلىللىك ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر چۈشۈپ قالغان بولسا چۈشۈپ قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ ھاجەت بولمىسا جىملا چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ دىگەن ئىسلامىي تىما! بۇ ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىپ باقىدىغان تىما قاتارىغا كىرمەيدۇ!
نېمىنىڭ مۇنازىرلىشىش بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭلار!
Posted: 2011-03-31 13:49 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 13
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 13 نوقتا
پۇل : 130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

ئاللا سزگە رەھىمە قېلسۇن  بەخېت ئاتا قېلسۇن رەھمەت ئاللاغا ئامانەت     
Posted: 2011-03-31 14:28 | 10 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 6
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 6 نوقتا
پۇل : 60 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

مۇساپىر مەنزىلگە بېرىپ ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ قەسىر قىپ ئوقامدۇ؟
Posted: 2011-04-01 00:57 | 11 -قەۋەت


دىل ئازار- خودا بىزار
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 11

پۈتۈك سانى: 5128
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 5155 نوقتا
پۇل : 51550 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1319(سائەت)

 

Quote:
11 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ۋاتاتا نىڭ 2011-04-01 00:57 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
مۇساپىر مەنزىلگە بېرىپ ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ قەسىر قىپ ئوقامدۇ؟

مىنىڭ  بىلىشمچە سىز شۇ يەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرسىڭىز مەسلەن 3 كۈن تۇرۇپ قايتىمەن دەپ ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك تۇردىغانلىقىڭزنى ئۇخسىڭىز تۇلۇق ئوقويسىز ، بولمىسا قەسىر ناماز ئوقويسىز . قالغىنىنى بىلىدىغانلار تەپسىلى سۆزلەپ بەرسۇن .

ھەر بىر تىنغان تىنىقىمدا ئاللاھقا شۈكىرى ...

مۇھەببەت ئوتقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ .

Posted: 2011-04-01 01:28 | 12 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 656
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 656 نوقتا
پۇل : 6560 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:331(سائەت)

 

Quote:
9 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئوقۇ نىڭ 2011-03-31 13:49 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
قارا كۆرنىڭ ئىنكاسى بىلەن شاھ ھاجىمنىڭ ئىنكاسىغا رەددىيە
قارا كۆز!
سىزنىڭ ئۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق! قۇرئان ھەدىستىن ھېچقاچان مانچىلىك مۇساپە باسقان كىشى مۇساپىر دېگەن ھۆكۈمنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز! ھۆكۈمنى ئالىملار بەلگىلىمەيدۇ. ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. قانداق كىشىنىڭ مۇساپىر بولىدىغىنىنى ئىزدنىپمۇ بىلەلمىسىز، ئۇنداقتا مەندىن سوراڭ! باشقا بىلىدىغانلاردىن سوراڭ! ئىسلامدا ھېچقاچان ئىختىلاپنى كۆرەلمەيسىز! ئۇ تۆت مەزھەپنىڭ پىشۋالىرىمۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مالىكى، ھەنەفىي ۋە ياكى ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇ مەزھەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئىختىلاپنى شۇلارنىڭ كەينىدىكى قاپاقۋاش، پىتنىچىلار چىقارغان. مەزھەپنىمۇ يەنە شۇ قاپاقۋاش، پىتنىچىلەر ئايرىغان. ھەنەفىي، مالىكى، ھەنبالىي قاتارلىق ئىماملارنى تىرىلدۈرۈپ بىر يەرگە سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرغىلى بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن بىلىملىك، ھەقنى ھەقىقىي تونۇغان زاتلار ئىدى.
شاھ ھاجىم!
ۋىتىر دېگەن نەپلە ناماز قاتارىدىن! نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغاندا پەقەت پەز نامازنىلا ئوقۇش كۇپايە! بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلەمسىز؟ نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشتىكى ھېكمەتنى بىلەمسىز؟
.......

داۋاملىق تەلىم بېرىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن!
Posted: 2011-04-01 01:43 | 13 -قەۋەت


قەرىزدارمەن...
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 80
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 80 نوقتا
پۇل : 800 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:20(سائەت)

 

قەسىرنامىزى قىسقارتىپ ئوقۇش كۆزدە تۇتۇلغان ناماز بولىپ.بامدات نامىزىدىن باشقا، شام نامىزىنىمۇ سۇننىتى بىلەن قەسىر قىلماي ئوقۇغۇچىلار بار،<<پەيغەمبىرىمىز- سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم>>نىڭ تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇقىۋالغانلىقىى ئاساس قىلىنسا كىرەك.مۇجتەھىتلەر <ئىسلام ئالىملىرى>مۇساپىر بولغۇچىنىڭ سەپەرگە چىقىپ ئۆزى تۇرغان شەھەرنى كۆزدىن يۇتتەرگەن يەنى شەھەر ئىمارەتلىرى ۋە ئامەتلىرى بىلىنمىگەن ئورۇندىن باشلاپ ۋاقتى بولغان نامازلار قەسىر قىلنىش دائىرسىگە كىرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىدۇ. يەنى ئۇ ئارقىلىق، مەيلى سىز چىققان شەھەرگە نەچچە كىلومىتىر يېقىن-يىراق مۇسافە بولسۇن...
<< ۋاللاھۇ ئەئلەم -بىلگۈچى اللاھ>>!.....


كىم بولسۇنكى دىل ئازار،
ئۇنىڭدىن<<خۇدا>> بىزار.

Posted: 2011-04-01 14:50 | 14 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation