ئاساسىي تېما : پاتىمەنىڭ تەقدىرى (26)ئاۋاتلىقى:90ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 54
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 54 نوقتا
پۇل : 540 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:93(سائەت)

 پاتىمەنىڭ تەقدىرى (26)


26 

«بۆگۈن مەن يۇرتتىن قىچىپ چىققىلى نەق بىر يىل بولدى.بىر يىلدىن بىرىقى قاچقۇنلۇق، مۇساپىرلىق ھاياتىمغا باھا بەرگۈم،ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق.چۈنكى كۆز ئالدىمدىكى ئىش ئالدىدا بۇرۇنقى ئىشلار ھىچقانچە ئەمەس.مەن تۈنۈگۈن ئاخىرى ئالىمغا ئەھۋالنى دىدىم.ئۇ ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدى.خىلى ۋاقىتقىچە گەپ-سۆز قىلمىدى.مەنمۇ ‹مېنىڭ بۇيۇمدا قاپتۇ› دەپ ئۇنىڭ قانداق پۇزىتسىيىدە،نىمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.ئۇ بىر ھازادىن كىيىن،‹راستمۇ،راست شۇنداقمۇ،چاقچاق قىلماڭە ، ئادەمنى قۇرقۇتمەڭە›دەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىنى كۈتمىگەن ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹ئادەمنى قۇرقۇتمەڭە›دىگىنىدىن ئۇنىڭ قوسىقىمدىكى بالىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى، قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدۇم.مەن قايتا ئېغىز ئېچىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ،كەينىمگە بۇرۇلۇپ،ياتاقنىڭ بىر تەرىپىگە بىرىپ تۇردۇم.ئالىم تۇرغان جايىدا قىمىرلىماي تۇراتتى.ئۇنىڭ ھازىرىدىن بەكلا ھەيران قالدىم.خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ ئاستا مىڭىپ يىنىمغا كەلدى ۋە قولۇمدىن تارتىپ،يەنە سۇرىدى:
-راسىت گەپ قىلىڭە،بۇيىڭىزدا بارمىكەن.دوختۇرغا تەكشۈرتتۇڭىزمۇ؟
مەن بىشىمنى لىڭشىتتىم.ئۇ شۇ چاغدىلا ئىشەندى.مەن ئۇنى خۇشال بولارمىكى دەپ ئويلىغان ئىدىم .ئۇ خۇشال بولمىدى. شۇنداقلا كۆڭلۈمگە يارىشا ،بىر نەچچە ئېغىز بولسىمۇ،گەپ قىلىپ قويمىدى. خوددى ئۆزەمچىلا ھامىلدار بولۇپ قالغاندەك،ھەممە ئىشنى مەن كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك ، يامان ئىش قىلىپ قويغاندەك پۇزىتسىيىدە بولدى.مەن شۇ چاغدىلا بىلدىم،ئۇ قوسىقىمدىكى بالىنى قوبۇل قىلمايدىكەن،كىرەك قىلمايدىكەن.ئەمما بالا ئۇنىڭ .بۇ ھەر قانچە قىلسىمۇ تىنىۋالالمايدىغان پاكىت.
ئاخشام بۇرۇنقى تۇرمۇش رىتىمىمىز،گەپ-سۆز ،ھەرىكەتلىرىمىز ئۆزگەردى. جىمجىتلا ،ئۈن-تىنسىزلا يىتىپ قالدۇق.ئۇنىڭ قانداق خىياللاردا بولغىنىنى، قاچانلاردا ئوخلىغىنىنى بىلمىدىم.مەن ئۇنىڭدىن رەنجىگەن پىتى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ،يىرىم كىچىلەردىن كىيىن ئوخلاپ قالدىم .
ئەتىگەن ئۇ مېنى ئويغاتمايلا ئىشقا كىتىپتۇ.ئاخشام كەچ ئوخلىغاچقىمكىن ،مەن ۋاقچە ئورنۇمدىن تۇردۇم.ناشتا قىلغۇممۇ كەلمىدى. ھەممىسى ئالىمغا بولغان خاپىلىقتىن بولدى.ئۇ ئاڭلىغاندىن كىيىن مەيلى ياخشى بولسۇن،مەيلى يامان بولسۇن بىرەر ئېغىز گەپ قىلغان ،ئۆزىنىڭ قوسىقىمدىكى بالىغا بولغان قارىشىنى دىگەن بولسا مەن بۇنچە قىلىپ كەتمەيتتىم. مەن قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرىۋاتىمەن.ئاخىرى بالىنى چۈشۈرىۋىتىش قارارىغا كەلدىم.ئەمما چوڭلاردىن تۇنجى بالىنى ئالدۇرىۋەتسە، كىيىنچە مەڭگۈ بالىلىق بولالمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغاندا،بەكلا دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭا بىر ئاز قۇرقتۇم.يىشىم ئەمدىلا 19غا يىقىنلاشتى. بۇندىن كىيىن بالىلىق بولۇشۇم مۇمكىن.مەن كەچتە ئالىمغا يەنە دەپ،ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىشنى توغرا تاپتىم.قىنى ئالىمنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنى، قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي.

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى،پەيشەنبە»
 
Posted: 2011-03-29 22:20 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation