ئاساسىي تېما : ھايۋانلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئارتۇقمۇ قانداق؟ئاۋاتلىقى:108ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 85
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 85 نوقتا
پۇل : 850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:50(سائەت)

 ھايۋانلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئارتۇقمۇ قانداق؟

ھەر يەكشەنبە كۆرسىتىلىدىغان< ئادەم ۋە تەبىئەت >پېروگراممىسىدا يىلپىزنىڭ ياشاش ئادىتىنى چۇشەندۇرىۋاتاتتى.بىريېتىلگەن  ۋەھشى يىلپىز تۇيۇقسىز بىر مايمۇنغا ۋۇجۇم قىلدى ...ئۇ مايمۇننى  بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ مەززە قىلماقچى بولۇپ ،بوينىدىن چىشلەپ سۆرىشىگە مايمۇننىڭ قوينىدىن تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈنلۈكمۇ بولمىغان بالىسى چۇشۇپ قالدى.يىلپىز مايمۇننى تاشلىۋىتىپ بۇ بىچارە مايمۇن بالىسىنىڭ قېشىغا كەلدى . مەن : يىلپىز ئۇنى بىر يالماپلا يۇتىۋىتىدىغان بولدى دەپ، سەل  جىدىيلىشىپ قالدىم . يىلپىز بۇ بىچارە بالا مايمۇنغا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئۇنى يالاپ يۇزىنى سۇركەشكە باشلدى . بالا مايمۇن دەرەخكە يامىشىۋىدى يىلپىز ئۇنىڭ يىقىلىپ كېتىپ يارلىنىشىدىن ئەنسىرەپ قولى بىلەن تارتىپ چۈشۈرۋالدى ،يەنە ياماشسا يەنە چۈشىرىۋالدى.كەچتە يىلپىز مايمۇن بالىسىنڭ توڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ  قولى بىلەن ئىتتىرىپ باغرىغا مەھكەم بېسىپ ئۇيقۇغا كەتتى....
بىر ياۋۇز ، ۋەھشى يىرىتقۇچ ھايۋاننىڭ بۇنچە مىھرىبانلىق قىلغىنىنى ئوز كۆزۇم بىلەن كۆرمىگەن بولسام بەلكىم مەنمۇ ئىشەنمىگەن بولاتتىم.شۇ تاپتا جەمىئىيتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى ئويلاپ مۇشلىرىم تىتىرەپ كەتتى .ئۆز ئاتىسى قىزىغا پەسكەشلىك قىلىۋاتقان ، قېرىنداشلار ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ، ....توغرا ،بۇلارغۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىنسانلار.
لىكىن ئويلىنىپ قالدىم ، ھېلىقى يىلپىزمۇ يىرىتقۇچ ھايۋانلار ئارسىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىرىمۇ ...؟! ياكى ھايۋانلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتى ئىنسانلارنىڭكىدىن ئارتۇقمۇ؟!!!........
Posted: 2011-03-29 20:01 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 85
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 85 نوقتا
پۇل : 850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:50(سائەت)

 

<ئادەم ۋە تەبىئەت>پېروگراممىسىنىڭ بۇ سانىنى بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.
Posted: 2011-03-29 20:04 | 1 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 183
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 183 نوقتا
پۇل : 1830 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:920(سائەت)

 

بۇنداق فىلىملەرنى كۆرگەندە ئادەم تەبىئىلا شۇنداق ھايۋاناتلار دۇنياسى بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ.ھايۋاناتلار مېھرى مۇھەبىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭكىدىن كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىغىنى بىرەر ھايۋانات پىسخىك  تەتقىقاتچىسى دەپ بەرمىسە بىز بىلەلمەيمىز،، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرى بار بولغاندەك بەلكىم ئۇمۇ يىلپىزلار ئارىسىدىكى ياخشىسىدۇ  شۇنداق دەپ چۈشۈنۈپ تۇرايلى بىرەر ھايۋانات پىسخولوگى كەلگۈچە.
Posted: 2011-03-30 03:25 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 409
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 415 نوقتا
پۇل : 4150 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:251(سائەت)

 

ئۇ يىلپىز ئەتىسى ئويغۇنۇپ مايمۇن بالىسىنى ناشتا قىلىۋەتمىگەندۇ؟؟بەزى بىر قىسىم ئىنسانلاردەك مەقسەتكە تولغان ياخشىلىقمۇ ئۇ كىم بىلىدۇ !!!يىلپىزنىڭ تەبىيىتىدىن ئۇنداق ئىش چىقمىسا بولاتتى ئەسلى !!
Posted: 2011-03-31 12:03 | 3 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation