
11 -فېۋرال تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋېكو پېشۋالار مۇھاكىمە مۇنبىرى گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى «ۋېكو» شىركىتى يېقىندا كەمپۈت بىلەن كالا تېزىكىدىن يېڭىچە يېقىلغۇ ئىشلەپچىقاردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ شىركەت تېكساس يېڭى پەن- تېخنىكا فوندى جەمئىتىنىڭ 250 مىڭ دوللار ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يېمەكلىك دۇكانلىرىدىكى ۋە تېز تاماقخانىلاردىكى كەمپۈتلەردىن 50 مىڭ گالۇندىن 2 مىليون گالۇنغىچە ئېتىل ئالكوگول ئىشلەپچىقاردى.