ئاساسىي تېما : ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداقئاۋاتلىقى:203ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 2641
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2665 نوقتا
پۇل : 26650 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2644(سائەت)

 ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق

 
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش

يازغۇچىسى : ئېليا بەختىيا ( قازاقىستان )

***************************************

يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ ،
تۆكۈۋېتىدۇ _
" مېھمان كەلدى ئۆيگە " دەپ .
دېسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن
" بۇ قانداق ؟ "
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
***************************************************

ئۇيغۇرلارنىڭ قولى _ ئالتۇن ، كۆڭلى _ گۈل ،
باغ - باراقسان
ئۇلار تۇرغان دەشتى - چۆل .
دوستقا دېگەن مېھرى ئوچۇق ،
كۆڭلى ئاق ،
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
***************************************************

ئەتە - ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ ،
قۇلۇپ سالماس
قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ .
چۈشەنمەستىن دېسەڭ ئەگەر :
" بۇ قانداق ؟ "
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
****************************************************

كۆچەت تىكىپ سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ ؟
دوست - بۇرادەر كۆڭلى تۇيسا شۇ باغقا ،
" مەن قاتارغا قوشۇلدۇم "
دەر شۇ ۋاقتا .
****************************************************

قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ ،
بىرسى كۈلسە _
ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ .
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ قوشنىنى ،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ
يار - دوستىنى .
******************************************************

جاپارىڭمۇ ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ ،
ئاغرىپ قالساڭ
ئەڭ ئاۋۋال شۇ يوقلايدۇ .
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ ئۇ بۆلۈشۈپ ،
شادلىق كۈنى _
ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ .
*******************************************************

ناخشا - سازسىز ، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ ،
سەن كۈلمىسەڭ ،
ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ .
سەن ئېگىلسەڭ ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن ،
ھە ، سەن سۇنساڭ _
ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن .
*******************************************************

ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان ،
بىلىم - ئىلمى
جاھانغىمۇ تارالغان .
ئوق ئورنىدا ھېمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ ،
ئەمگەك قىلار _
" ئىنسان ئامان بولسۇن " دەپ .
******************************************************
1975 - يىلى

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-02-11 19:19 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 345
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 355 نوقتا
پۇل : 3550 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:814(سائەت)

 

ئىليا بەختىيار دىگەننىڭ تەرجىمھالىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قويماي.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!

Posted: 2009-02-11 21:40 | 1 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 626
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 626 نوقتا
پۇل : 6260 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:356(سائەت)

 

        بىرىنىڭ  « ئويغۇر دېگەن ناخشا - مۇزىكىدىن ئايرىلالمايدۇ دەيدۇ ،  مۇشۇ جاھالەتتە شۇلار بولمىغان بولمىسا بېسىم ئاستىدا مىجىلىپ قالمامدۇ ئەمىسە » دېگىنىنى ئەسلەپ قالدىم .

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-02-12 01:52 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 195
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 195 نوقتا
پۇل : 1950 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:202(سائەت)

 

     
Posted: 2009-02-12 20:13 | 3 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2023
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2057 نوقتا
پۇل : 20570 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4363(سائەت)

 

Quote:
2 نچى قەۋەتتىكى يازغۇچى ئايتۈرك نىڭ 2009-02-12 01:52 دە يوللىغان ماقالىسى  نى ئىشلىتىش :
        بىرىنىڭ  « ئويغۇر دېگەن ناخشا - مۇزىكىدىن ئايرىلالمايدۇ دەيدۇ ،  مۇشۇ جاھالەتتە شۇلار بولمىغان بولمىسا بېسىم ئاستىدا مىجىلىپ قالمامدۇ ئەمىسە » دېگىنىنى ئەسلەپ قالدىم .


بېسىم دەڭ ... ھى ھى ھى ... جىق بېسىملەرنى ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە بېسىۋالىمىز كۆپ ھاللاردا ...

To be or not to be

Posted: 2009-02-13 11:32 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 87
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 87 نوقتا
پۇل : 870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:32(سائەت)

 

ئۇنتۇپ قالماڭ،بېسىم بولغاچقىلاافونتان شۇنچىلىك چىرايلىق،شۇنچە گۈزەل
Posted: 2009-02-13 13:41 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> شېئىرىيەت گۈلزارى

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation