ئۆز خەۋىرىمىز: بۇ يىلقى يېڭى ئاشلىق بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلىرىدىكى ئارق، قىزىل، ئارىلاشما بۇغداينىڭ ھەر كىلوگرامنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئايرىم - ئايرىم 1.74 يۈەن ( ئوتتۇرا دەرىجىلىك ). 1.66 يۈەن، 1.66 يۈەنگە ئۆستۈردى، باھا ئۆستۈرۈش دائىرسى ٪13 تىن ئېشىپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلەت بۇغداي ۋە شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىئەنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، باھا ئۆستۈرۈش دائىرىسى ٪13 تىن ئاشىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنى مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بىلەن ئوخشاش قەدەمدە ئۆستۈرىدىغان ھەمدە ئاشلىق سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ۋە دېھقانچىلىق ماددىي ئەشىيالىرى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدىكەن.