-
Gmail ئۇيغۇر يېزىقىنى رەسمى قوللىدى - [ئۇيغۇرچە]
2011-01-04
Gmail دە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولغان. ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن لاتىنچە خەتلەر ئوخشاش بىر قۇردا ئارلاش كەلسە، ياكى تىنىش بەلگىلىرى كەلسە، لاتىنچە خەت ياكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئورنى قالايمىقان بولۇپ كېتەتتى. بۇ مەسلىمۇ ئوڭشىلىپتۇ. تەپسىلاتى:
-
Gmail ۋە Hotmail دە ئۇيغۇرچە ئېلخەت يېزىش ھەققىدە - [ئۇيغۇرچە]
2010-12-21
ھەقسىز، مۇقىم، بىخەتەر ۋە ئىقتىدارى كۆڭۈلدىكىدەك ئېلخەت تەمىنلىگۈچىلەر ئىچىدە Gmail ۋە Hotmail ئوخشاشلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. Gmail دا POP3 ۋە iiMap ئارقىلىق باشقا ئېلخەت ئادرېسى ياكى يانفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە خەت تاپشۇرۋالغىلى بولىدۇ. يېقىندا Hotmail مۇ ھەقسىز باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئالماشتۇرۇپ يوللاش Forwardding مۇلازىمىتىنى ئاچتى. ھەم ئازراقلا دىققەت قىلساق بۇ ئىككىلى ئېلخەت سېستىمىسى ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ. تەپسىلى ئۇسۇلى
-
Google نى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش - [Google ئۇيغۇرچە]
2010-12-17
ھازىر گۇگولنىڭ بىز كۆپرەك ئىشلىتىدىغان مۇلازىمەتلىرىدىن توربەت ئىزدەش 70 پېرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرچىلاشتى، ئۈن-سىن ئىزدەش تەخمىنەن 40 پېرسەنتكە يېقىنلاشتى، رەسىم ئىزدەشتە تەرجىمە قىلىنمىغان يەنە 600 ئەتراپىدا سۆز(جۈملە) بار. Gmail نىڭ ئۇيغۇرچىسى 0 پىرسەنت ئەتراپىدا.Google Translator گە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمىدى.لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ئارىمىزدا كۆپ تىللىق كىشىلەر خېلى كۆپ، كۈنىگە بەش مىنۇتتىن ۋاقت چىقىرىپ قويساق ئۇزۇنغا قالماي دېھقانلارمۇ فرانسۇزچە، ياپونچە، ئىسپانچە، ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى 60 خىلدىن ئارتۇق باشقا تىللارغا ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلالايدىغان ماشىنا تەرجىمان سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ بىر ئاز-ئازدىن قىلغان ئەمگىكىمىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگۈسى.
-
Gmail قاچان ئۇيغۇرچە چىقىدۇ - [Google ئۇيغۇرچە]
2010-12-12
يۇلغۇن تور بېكىتى ئېلخەت مۇلازىمىتى يولغا قويغان ئىدى، ئەمما ئانچە مۇقىم بولمىدى. ھوتمەيىل ۋە
Gmail ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىنتايىن ياخشى قوللايدۇ. ئەمما كۆرۈنۈش يۈزى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ھازىر گۇگولنىڭ ئىزدەش باش بېتى 70 پېرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرچىلاشتى. يېقىندا بىر مەسلە بايقىدىم. بۇرۇن Google مۇلازىمەتلىرىنى تەرجىمە قىلماقچى بولساق، خالىغان مۇلازىمەتكە كىرىپ تەرجىمە قىلغىلى بولاتتى. ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن. ھازىر ئاۋال گۇگول باش ئىزدەش بېتىنى تەرجىمە قىلىڭ دەپ چىقىۋالىدىكەن.
-
Google نىڭ ئۆزبەكچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرەققىياتى - [Google ئۇيغۇرچە]
2010-12-11
تۆۋەندىكى جەدۋەل Google مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئۆزبەكچە ۋە ئۇيغۇرچە يەرلىكلىشىش ۋە تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى
تىل مۇلازىمەت پۈتۈش ئەھۋالى Uighur
ئۇيغۇرچە71%17%0%13%4%100%35%0%0%0%100%Uzbek
ئۆزبەكچە45%0%0%11%0%100%0%0%0%0%29% -
Google تەرجىمانغا ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇشقا قاتنىشىڭ - [Google ئۇيغۇرچە]
2010-10-13
Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە. بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن.