• Gmail ئۇيغۇر يېزىقىنى رەسمى قوللىدى - [ئۇيغۇرچە]

    2011-01-04

    Tag:Google-ug UG

      Gmail دە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولغان. ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن لاتىنچە خەتلەر ئوخشاش بىر قۇردا ئارلاش كەلسە، ياكى تىنىش بەلگىلىرى كەلسە، لاتىنچە خەت ياكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئورنى قالايمىقان بولۇپ كېتەتتى. بۇ مەسلىمۇ ئوڭشىلىپتۇ. تەپسىلاتى:
       Gmail دە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى 100 پېرسەنت نورمال يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
    1. Gmail ھىسابىڭىزنىڭ تەڭشەش ئورنى (ئۈستى تەرەپتىكى Email ئادرېسىڭىزنىڭ يېنىدىكى كونۇپكا) دىن كىرىپ، يوللايدىغان خەتلەرنىڭ كودلاش ئۇسۇلىنى UTF-8 گە توغىرلاپ قويىسىز. يەنى
    Outgoing message encoding  دىگەن تۈر. بۇ تۈر تەڭشەش بېتىنى ئاچسىڭىزلا ئاستىدىراق.
    Use Unicode (UTF-8) encoding for outgoing messages  دىگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Email نىڭ تىلى خەنزۇچە بولسا 设置  دىن كىرىپ . ئەڭ ئاستىدىكى 外发邮件编码  دىگەن تۈردىن
    对于外发邮件使用 Unicode (UTF-8) 编码
     نى تاللاپ ساقلايسىز.
    2. خەت يازغاندا ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كونۇپكىنى بېسىۋېتىپ، ئاندىن يازىسىز. بۇ كۇنۇپكا خەت يېزىش رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى خەت ئۇسلۇبىنى تەڭشەيدىغان قوراللار ئىچىدە.

    3. خەتنىڭ Font نى خەت يېزىش رامكىسى ئۈستىدىكى قوراللاردىن F نى چېكىپ Tahoma غا توغىرلايسىز.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر بىمالال يېزىلىدۇ، يوللىنىدۇ ۋە تاپشۇرۋېلىنىدۇ.ئەگەر ئوخشاش بىر قۇردا ئۇيغۇرچە ۋە باشقا سولدىن - ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلار ئارلاش كەلسىمۇ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەيدۇ. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئورنىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
    بۇنداق يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان ئېلخەتلەر:
    Hotmail, Yahoomail, Gmail, AolMail  قاتارلىقلار.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • مەنمۇ دائىم مۇشۇ ئۇسۇلدا يازىمەن. گوگۇل بەك ياخشى جۇمۇ. خەت نۇسخىسىنى verdana غا تەڭشىسەم، ئەڭ نورمال، بەك چىرايلىق چىقتى.Tahoma دا سەل كۆرۈمسىز چىقىدىكەن.
  • مەن خەت ساندۇقۇمدا خەت يېزىش يۆنىلىشىنى توغرىلاش قورال كۇنۇپكىسىنى تاپالمىدىم. ياكى بۇ ئىقتىدانى ۋىندوۋس XPدا ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟
    تەكلىماكان回复ئابلېلىم说:
    بۇ سېستىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، سىز بەلكىم كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچنى ئاچمىغان ئوخشايسىز، ياكى تور سۈرئىتى ناچار، ۋە ياكى تور كۆرگۈچنىڭ نەشىرى بەك كونا بولسا كۆرۈنمەي قالىدىغان ئىشلار بار ئىدى.
    2011-01-16 09:21:31
  • مەن سىز دىگەن بويىچە قىلسام كەينىدە يازغان ئىنگىلىزچە خەت ئالدىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. بۇ قانداق بولغىنى.
    -----------
    مەن ئالما كومپيۇتېر بىلەن چىققان.
  • تەكلىماكان ئەپەندىنى يۈكسەل بلوگىدا قىزغىن داۋام قىلىۋاتقان ‹‹ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى نەدە ؟ ›› ماۋزۇلۇق مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلىمىز!
    تەكلىماكان回复Yuksel说:
    كۆپ رەھمەت. يېقىندىن بۇيان ئىمتىھان قاپلاپ كېتىپ، بلوگ ئارلاپ بولغىلىمۇ بولدى. ئەمدى بېكار بوپ كەتتۇق.
    2011-01-06 02:19:22
  • تەكلىماكان بلوگىنىىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز كەمىنىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسا تەكلىماكان ئەپەندى
  • بلوگىڭىزغا بلوگ ئىچىدىن ئىزدەيدىغان ئىزدىگۈچ قېتىپ قويغان بولسىڭىز زىيارەتچىلەر ئۈچۈن قولايلىق بولاتتىكەن .بايابلوگىڭىزدا بۇرۇن كۆرگەن بىر مەزمۇننى ئىزدەپ يامان ۋاقتىم كەتتى.
    تەكلىماكان回复بۆرەيار说:
    موللا تاپقاق دىگەن سەھىپە مەخسۇس بىلوگ ئىچىدىن ئىزدەيدۇ
    2011-01-05 17:27:54