• بېكارغا يازامسىز پۇلغىمۇ؟ - [توربېكەت كىرىمى]

    2010-12-30

    Knol نىڭ كۆپ كۆرۈلگەن ماقالىگە ۋە سۈپەتلىك يېزىلغان ماقالىگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتى بار. مۇكاپات سوممىسىنى گۇگول ئېلان قىلمىدى ئەمما بۇنداق شىركەتلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى ئادەتتە يۇقىرى، ئالدىنقى قېتىم Android قا يۇمشاق دېتال ئىشلىگەنلەرنى 10 مىليون دوللاردىن مۇكاپاتلىغان ئىدى. Knol گەرچە ئاددىراق سورۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇكاپات سوممىسى بەك ئاز بولۇشى ناتايىن. ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات ئالغان كىشى نارايانا راۋ، ۋىليام جونسون، ساجىت خان... قاتارلىقلار. ھازىرغىچە Google Knol مۇكاپاتىنى 800 دىن ئارتۇق يازغۇچى ئالدى. بۇ مۇكاپاتقا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئېرىشىش پۇرسىتى بار ھەم ئىنتايىن ئاددى.
      پەقەت سىزنىڭ Google Knol دا يازغان ماقالىڭىز كۆپ قېتىم كۆرۈلسىلا بولىدۇ. Google Knol دا يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات ئالغان، كۆرۈلۈش قېتىمى بويىچە ئەڭ كەينىگە تىزىلغان ماقالە 13000 قېتىم كۆرۈلگەن. ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان ماقالە 4 مىليون 2 يۈز مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن. بۇ مۇكاپاتمۇ كۆرۈلۈش قېتىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ.
      تەكلىماكان بلوگنىڭ كۆرۈلۈش (ئامېروپانى قوشقاندا) 230 مىڭ قېتىمدىن ئاشىدۇ. گۇگولدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالىنى 20 ھەسسە قاتلايدىكەن. شۇڭا مېنىڭچە بەزى پاچە -پەرەت ژۇرناللارغا بىر خەتكە 3 موچەنلىك قەلەم ھەققىقغە شۈكرى قىپ ئەسەر يېزىپ ئولتۇرغاندىن سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى توردا ئېلان قىلىش كېرەك.
      Knol ماقالە مەزمۇنىغا چەك قويمايدۇ. ئىشەك باغلاش ئۇسۇلى، ئۇيغۇرلار ناننى قانداق ياقىدۇ، ئوبامانىڭ تەرجىھالى، ئاي شارىدىكى مۇز پارچىسى، مەلۇم خىل يۇمشاق دېتالنى قانداق قاچىلاش كېرەك، ۋە ھەتتا ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق قۇرۇق گەپمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت بۇنى باشقىلار ئوقۇسىلا سىزنىڭ مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ.
      Google Knol دا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالىدە توربەت ياسىغاندا ئىزدەش ماتورلىرىغا توربېكەتنى قانداق قوشۇش كېرەكلىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يەنە بىر ماقالە پىسخولوگىيە ھەققىدە يېزىلغان. ئەڭ تۆۋەن سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالە ناھايىتى ئاددى، كىچىك بىر يۇمشاق دېتالنى تونۇشتۇرغان.
       Knol سۈپەتلىك ماقالىگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ئوخشىمايدۇ. سۈپەتلىك ماقالە مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن ماقالە ھەم كۆپ كۆرۈلۈشى ھەم سىزنى باشقىلار باھالىشى كېرەك.
    ئەگەر مۇكاپات ئالالمىساقچۇ؟
      Knol دىكى ماقالىنىڭ كۆرۈلۈش سانى ھەر ئايدا نۆلدىن باشلىمايدۇ، داۋاملىق قوشۇلۇپ ماڭىۋېرىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆپ كۆرۈلۈپ باشقىلارنى بېسىپ چۈشەلىسىلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر مۇكاپاتلانغۇدەك دەرىجىگە يېتەلمىسىمۇ باشقا ئۇسۇلدا قەلەم ھەققىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز. مەسلەن Knol نىڭ ئارقا سەھنىسىدە Knol ھىسابىنى Adsense ھىسابىغا ئۇلايدىغان ئورۇن بار. سىز Adsense قا تىزىملاتقان تېلفون نومۇرىڭىزىڭىزنىڭ ئاخىرقى بەش خانىسى، ئېلخەت ئادرېسى، پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپلا Adsense ھىسابىڭىزنى Knol غا ئۇلىيالايسىز، بۇ ۋاقتتا Knol دىكى سىز يازغان يازما بېتىدە Adsense ئېلانى كۆرۈنىدۇ. ۋە كىرىمى سىزنىڭ ھىسابىڭىزغا كىرىدۇ. مېنىڭ 2 يىل ئاۋال يېزىپ قويۇپ كارىم بولمىغان <ئارمان> دەيدىغان بىر پارچە يازمام 11 دوللار كىرىم قىپ قويۇپتۇ. مەن پەقەت مۇشۇ بىر پارچىلا يېزىپ قويغان. تۆت قۇردەك كېلىتى ئۇ خەت ئاران...
       نولغا تىزىملىتىش ئۈچۈن :
    Http://knol.google.com دىن كىرىڭ.
      Adsense ھىسابى ئېچىش ئۈچۈن:
    http://adsense.google.com دىن كىرىڭ.

    分享到:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • http://uyghurlar.blogbus.com/index_2.html
    看一下就知道了 google 子后面的 target-blank
  • مېخاينىكىدىكى 制动连接 دىن ئازراق خاتالىق كۇرۇلدى ، ئەسلەن مىنىڭتور نامى ئويغۇر دىگەن خەتنى ئۇلاش قىلغان بۇ يەردە target blank blogbus.com دىگەندەك خەت چىقىۋالدى
    تەكلىماكان回复uyghurlar说:
    target-blank دېگىنى يېڭى كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ دېگىنى، بۇ خەت قەيەرگە چىقىۋالدى، ئىنكاسىڭىز چۈشىنىكسىزدەك تۇرىدۇ. رەھمەت.
    2011-01-12 17:59:10
  • ياخشىمۇسىز ، سىزدىن سوراپ باقسام ، مەنمۇ ئىلگىرى بىر ئىككى پارچە ماقالە يىزىپ قالدۇرۇپ قويغان ، قانچىلىك كىرىم قىلغانلىقىمىزنى Knol نىڭ نەرىدىن بىلىمىز ؟
    تەكلىماكان回复يولۋاس说:
    ماقالىڭىزنىڭ كىرىم قىلىشى ئۈچۈن چوقۇ سىز ئاۋال Knol ھىسابى بىلەن Adsense ھىسابىنى باغلىشىڭىز كېرەك. Knol نىڭ Preference دىگەن يېرىدىن كىرىپ، Adsense ۋە Knol نى تۇتاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، سىزنىڭ Knol دىكى ماقالە بېتىڭىزنىڭ يېنىدا Adsense ئېلانى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

    كىرىمىڭىزنى Adsense نىڭ ئىچىدىن تەكشۈرەلەيسىز. ئەگەر سىز Knol دا ماقالە يېزىپ، ئەمما Adsense قا ئۇلىمىغان بولسىڭىز، كىرىم بولمايدۇ.
    2011-01-02 21:24:41
  • بەزىgoogle نىڭ دوستانە تور بەتلىرى باركەن ، بەك جىقكەن dada دىگەندەك شڭنىڭدىن ئېلان تەلەپ قىلىپ باشقا بەتكە قۇيۇپ ئىشلەتسە ، بىرەر تور بەتتە تەلەپ قىلغاندەك ياخشى بولارمۇ ?
    تەكلىماكان回复uyghurlar说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ. Dada ياكى Google Knol ئارقىلىق Adsense ھىسابى ئالسىڭىزمۇ ئوخشاش. بۇرۇن dada.net ۋە Blogger.com ئارقىلىقمۇ ئېلان ھىسابى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Adsense ھىسابى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن توربېكەتلەر بار. ئۇلار ئۆز بېكىتىدە سىز ئاچقان بلوگ (ئالبوم، بوشلۇق) دىگەندەكلەرنى سىزنىڭ تور بېتىڭىز قاتارىدا كۆرۈپ، گۇگولدىن سىزگە ۋاكالىتەن Adsense ھىسابى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئادەتتە گۇگولنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان Knol, Blogger قاتارلىق توربەتلىرىدىن باشقىلىرى Adsense دا تاپقان پۇلىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلۈشىۋالىدۇ.
    يەنە سىز ھەرقانداق بىر Adsense نىڭ ھەمكارلاشقۇچى شىركىتى ئارقىلىق ئاچقان ھىسابقا كىرىپ ئېلان كودىنى ھەرقانداق توربەتكە قويىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. گۇگول Adsense ئېلانلىرىنىڭ قايسى توربەت، قانداق توربەت، قانچە توربەتكە قويۇلىشىغا چەك قويمايدۇ.
    2010-12-31 20:10:52
  • RAHMAT Thank you
  • مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سىز ئەسەر يازغاندا ھەربىر ئەسەردە مەسلەن تەكلىماكان بىلوگى ياكى بىلوگ دىگەندەك سۆزلەر 超级链接 ھالەتتە كۇرۇلدىكەن ، ئەگەر مۇشۇنداق سۆلەرنى 制动连接 قىلغىلىى بولسا . ،،بۇلامۇ؟
    تەكلىماكان回复uyghurlar说:
    ئەگەر سىز مېخاينىكىدىكى 制动连接 (ماشىنىڭ بېشىنى ۋە باشقا ئەزالىرىنى تۇتاشتۇرۇش) نى دىمىگەن بولسىڭىز ، تور ساھەسىدىكى 自动连接 نى دىگەن ئوخشايسىز.

    شۇنداق. Blogbus دا ئۆزلىكىدىن ئۇلىنىدىغان قىپ تەڭشەپ قويغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋال Blogbus ئارقا سەھنىسىدە 博客设置 دىگەن ئورۇندىن كىرىپ، 自动连接 دىگەن تۈر ئاستىغا بىر قانچە ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ، ۋە ئۇلارغا نىشان ئۇلىنىشنى بەلگىلەپ قويۇشىڭىز كېرەك. رەھمەت. ئېنىق بولمىغان بولسا داۋاملىق سوراشتىن ئىككىلەنمەڭ.
    2010-12-31 19:16:17
  • ئۇيغۇرچە بلوگنى قانداق ئالىدۇ.
    بۇ توربەتتە بلوگ ئالسا خەنزۇچىكەنغۇ ، سىز قانداق ئۇيغۇرچە ئالدىڭىز؟
  • مەن Adsense ئىلتىماس قىلالماي تاشلىۋەتكەنتىم.
  • ھازىرمۇ ئېلان تەسسىقلامدىكەن
    تەكلىماكان回复uyghurlar说:
    شۇنداق. ھازىرمۇ ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ.
    2010-12-30 17:20:19
  • مەن بىر نەرسىنى سوراپ باقاي دىگەن ،سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى بەزى 关键词 لارنى بىۋاستە تەڭشەپ قويغانمۇ ياكى ئۆزىڭىز لاھىيلەمسىز 关键词 لانى 自动 ئۇلايدىغان بىرەر تەڭشەش بارمىدۇ؟؟
    تەكلىماكان回复uyghurlar说:
    مېنىڭچە ھالقىلىق سۆز لايھەلەش دىگەنلەر كۆپ ئاۋارچىلىق، ئۇنىڭ ئانچە چوڭ رولى يوق. گۇگول توربەتتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ئېلانغا ماس كېلىدىغان ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۆزى تاپالايدۇ. مەن ھىچقانداق ھالقىلىق سۆز لايھەلەپ قويمىدىم.
    2010-12-30 17:21:38
  • elan 申请 kilsa tassiklamdu