-
ئېلانلارنى خاتېرجەم چېكىڭ (1)
2011-01-17
سىز Google ياكى Yahoo دەك يوغان-يوغان داڭدار تور بېكەتلەرنىڭ كىرىمى قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئېلاندىن كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەقەت Wikipedia لا ھېچقانداق ئېلان بىلەن شۇغۇللانمىدى. Wikipedia نىڭ كىرىمى ئىئانە توپلاشتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى كىرىملىك تور بېكەتلەرنىڭ كىرىمى ئاساسەن ئېلاندىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇلار قانداق ئېلان؟
تەكلىماكان بلوگدىكى مۇشۇ يازمىنىڭ سول ئۈستى تەرىپىدىكى ئېلاندەك ئېلان. بۇنداق ئېلانلارنى ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن. يەرشارىدىكى بارلىق كارخانىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تور، تېلۋۇزۇر ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئېلان بېرىدۇ. بۇ ئېلانلارنىڭ بىر قىسىمى دەل مۇشۇ تور بېكەتلەرگە قويۇلىدۇ. ئەلۋەتتە نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلارنى تەمىنلەپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر، سىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان Hotmail ۋە Gmail گە ئوخشاش مۇلازىمەتلەر، ئۇنىڭدىن باشقا سىز توردا ھەقسىز بەھرىمان بولىۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ كىرىمى ئېلاندىن كېلىدۇ.
Gmail دەك ئېسىل تورخەت سېستىمىسىنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تېلىگراف شىركەتلىرى كەڭبەلباغ ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا بېرىدىغان ئىش يوق. Gmail ۋە Hotmail ھەمدە باشقا خەت سېستىمىلىرىدا قارىسىڭىز سىز يازغان، سىزگە كەلگەن خەتلەرنىڭ ئۆپچۆرىسىدە ئېلانلار كۆرىنىدۇ. بۇ ياخشى مۇلازىمەتلەرنىڭ توختاپ قالماي، سىزگە ئۈزلۈكسىز ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ ئېلاندا. ئۇلار مۇشۇ ئېلان ئارقىلىق شىركىتىنى باقىدۇ ۋە كىرىم يارىتىدۇ. مۇشۇ ئېلانلار قانچە كۆپ كىرىم قىلسا، مۇلازىمەتلەر شۇنچە ياخشىلىنىدۇ.
بۇ ئېلانلارنىڭ كىرىمى ئەلۋەتتە كۆرگۈچىلەر چەكسە ئاندىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا سىز پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىگەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تور بېكەتلەردىكى ئېلانلارنى چېكىپ قويسىڭىز شۇ تور بېكەتنى ئۈزلۈكسىز ماڭدۇرىۋاتقانلارغا ياردەم قىلغان، شۇ تور بېكەتكە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز.
ئەلۋەتتە ئېلانلارنى قەستەن كۆپ چېكىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ئېلان مەزمۇنى سىز قىزىققان تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشراق بولغاچقا، ئېلانلاردا سىزنى قىزىقتۇرالايدىغان نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىز قىزىققۇدەك ئېلانلار بولسا چېكىپ قويسىڭىز ھېچ ۋەقەسى يوق. بەزى ئىزدەش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ئېلاندىكى توربېكەتلەردە تېخى ئىشەنچىلىك نەرسىلەر بار.
ھەرقانداق كەڭ كۆلەملىك توختاپ قالماي مېڭىۋاتقان تور بېكەتلەر ئېلان ئارقىلىق ئۆزىنى قامدايدۇ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论