-
خانىش ھامىلدار بوپ قالدى {ھېكايە}
2011-01-12
بىر كۈنى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز خالىغان تېمىدا بىر پارچە ھېكايە يېزىڭلار، بىر ھەپتىدىن كېيىن يىغىۋالىمەن، دەپ تاپشۇرۇق بەردى. سىنىپتا ئاكتىپراق بىر بالا بار ئىدى، ئەتىسىلا كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ، مالىم يېزىپ بولدۇم دەپ. مالىم قارىسا، بىر ۋاراق قەغەزدە بىر قۇرلا خەت باركەن:
«خانىش ھامىلدار بوپ قالدى. »
مالىم: ئاددى بوپ قاپتۇ، ئاپىرىپ تۈزەت.
ئوقۇغۇچى: بىر پۈتۈن ۋەقەلىكنى ئىپادىلىغۇ مالىم.
مالىم: خانىش ھامىلدار بوپ قالدى. دېسەڭ ھېكايە بولمايدۇ، ھېكايە دېگەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان بولۇشى كېرەك.
ئوقۇغۇچى مالىمنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ قايتتى. ۋە ئەتىسى يەنە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. مالىم يېزىپ بولدۇم دەپ. مالىم قارىسا يەنە بىر قۇرلا خەت تۇرغان:
«خانىش ھامىلدار بوپ قالدى. كىم قىلغاندۇ؟»
بۇنى كۆرۈپ مالىمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەي دەپ، ھېكايە دېگەندە ئانچە-مۇنچە كىشىلەرنى قورقۇنۇچقا، ئەندىشىگە سالىدىغان تەسۋىرلەر بولىدۇ. بۇنىڭغا شۇنداق تەسۋىرلەرنى قوشۇپ، كېڭەيتىپ ياز دەپ يولغا ساپتۇ.
بىر كۈن ئۆتۈپ ئوقۇغۇچى يەنە كەپتۇ. مالىم تەلىپىڭىزدىكىدەك يېزىپ بولدۇم دەپ. .. مالىم قارىسا يەنە بىر قۇرلا خەت تۇرغان:
«ئادەم گۆشى يەيدىغان دۆلەتنىڭ خانىشى ھامىلدار بوپ قالدى، كىم قىلغاندۇ؟»
مالىمنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ. ۋە ۋارقىراپ دەپتۇ: ھېكايە دېگەندە فانتازىيلىك ۋەقەلەر بولمامدۇ؟ قېنى ئۇ فانتازىيە؟ مۇشۇمۇ ھېكايىمۇ، ماڭا بېرىپ قايتا ياز....
بۇ قېتىم ئوقۇغۇچى ھېكايىنىڭ نېمىلىكىنى تولۇق چۈشىنىپتۇ، ۋە مالىمنىڭ تەلىپىدەك يېزىش ئۈچۈن، بىر كېچە ئولتۇرۇپ پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە يەنە كەپتۇ، مالىم يېزىپ بولدۇم. ئوقۇتقۇچىسى قارىسا تۆۋەندىكىدەك يازغانىكەن:
«مارىستىكى ئادەم يەيدىغان دۆلەتنىڭ خانىشى ھامىلدار بوپ قالدى، كىم قىلغاندۇ؟ »
ئاپتورى: خەق
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论