-
Google تەرجىمانىغا كونۇپكا تاختىسى قوشۇلدى
2011-01-09
ئېنىقكى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كومپيوتېرىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچىدىن باشقا كىرگۈزگۈچ يوق. ساياھەتكە چىققاندا ياكى بەزىدە زۆرۈر بولغاندا ماشىنا تەرجىماندا سۆز جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە، رۇسچە، ھىندىچە، تايلانچە، گېرىكچە دىگەندەك داڭقان پۇتى يېزىقلارنى كونۇپكا تاختىمىزدا كىرگۈزەلمەي قالىمىز. بۇنى نەزەردە تۇتۇپ Google تەرجىمانغا مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى ئورنىتىپتۇ، گۇگول تەرجىمانىغا قوشۇلغان بارلىق تىللارنىڭ كونۇپكا تاختىلىرى باركەن.
پەقەت خەت كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ بۇرجىكىدىكى كونۇپكا تاختىسىنى چەكسەكلا، مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى چىقىدۇ، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نامەلۇم يېزىقلارنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.
بۇندىن بۇرۇن گۇگول ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتىگە، ئۇيغۇرچىنىڭ كونۇپكا تاختىسىنى كىرگۈزگەن ئىدى. www.google.com/ug غا كىرىپ، ئىزدەش رامكىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك كونۇپكا تاختا تۇغىنى چەكسەك، ئىزدەش رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ. ياكى شۇ كونۇپكا تاختىسىدىن پايدىلىنىپ يازساقمۇ بولىدۇ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论