• Google نىڭ ئۇيغۇرچە باش بېتىدىكى «I'm Feeling Lucky» غا ئىزاھات

    2011-02-13

    Tag:

      يېقىندا گۇگولنىڭ ئۇيغۇرچە باش بېتى www.google.com/ug دىكى «ئامىتىم بار ئوخشايدۇ»نى «يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن» دەپ ئۆزگەرتىۋەتتىم.

       Google شىركىتى گۇگولنى تەرجىمە قىلىدىغانلارغا «I'm Feeling Lucky» سۆزى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئېنگلىز تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۇراقلىق سۆز ئىكەنلىكى، مەنىسى «تەلىيىم باردەك قىلىدۇ، نىشانغا ئۇدۇل بارىدىغان يول....» دېگەندەكلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئەگەر يەرلىك تىللاردا مەزكۇر سۆزگە ماس كېلىدىغان تۇراقلىق ئىبارىلەر تېپىلمىسا تەرجىمە قىلماي تاشلاپ قويۇش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپتىكەن.
       «ئامىتىم بار ئوخشايدۇ» دەيدىغان گەپ ئۇيغۇرچىدە تۇراقلىق ئىبارە ئەمەس، ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالنى «باشقا كەلگەندە باتۇر»، «چىت تۈۋىدىن ھوشۇر چىققاندەكلا چىقتى»، «يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن»  دەپ ئىشلىتىدۇ.
      «يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن»  دېگەن سۆزدىكى باي ۋە سايرام ھەر ئىككىسى باي ناھىسىدىكى يەر نامى، بۇ تۇراقلىق ئىبارىمۇ باي ناھىسىدە پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇيغۇرلار بۇ سۆزنى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بىلگىلى بولمىغاندا «باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز» دېگەندەك مەنىدە ئىشلىتىدۇ.... ئېنگلىز تىلىدىكى «I'm Feeling Lucky»غا مەنە جەھەتتىن ئەڭ يېقىن كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرچىدىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىلىدىغان تۇراقلىق ئىبار، شۇڭا ئالماشتۇرىۋەتتۇق.
       يەنە بىر مەسلە:  «I'm Feeling Lucky»نى گۇگول ماركا قىلىپ تىزىملاتقان، «يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن»نىمۇ ماركا قىلىپ تىزىملىتىشى مۇمكىن.

    分享到:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئەمدى بەلەن بوپتۇ.
  • مېنىڭكىدە مۇشۇ بەتتىكى خەتلەر فونىت قاچىلانمىغاندەك چىقىۋالىدۇ ، مۇشۇنى قانداق ئوڭشايدۇ ئەپەندى ؟
    مۇناسىۋەتسىز سۇئال بولدى،ئەپۇ قىلىڭ.
  • بۇنى گوگۇل تەرەپتىن ئۆزگەرتمەمدۇ ؟
  • بايلىق بۇلۇپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىپ قالدىم دىسە خى خى ... دەستلۇرۇمغا تازا ماختىناي ئەمدى (چاقچاق)
  • buni asli siz ozgartiptikansizda?
  • نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ يەردە http://hasnur.blogbus.com/bloglink بىلوگىڭىز ھەر دائىم ئەڭ ئاستىدا كونا يازمىلارنى كۆرسەتكەن پېتى كۆرۈنۈۋاتىدۇ. قاراپ باققان بولسىڭىز.
    تەكلىماكان回复خىيالىي说:
    ئاچماپتىكەنمەن، دەرھال ئېچىپ قوياي
    2011-02-21 03:27:44
  • ناھايىتى جايىغا چۈشكەن تەرجىمە بوپتۇ.
    يەنە بىر ئىش، تەكلىماكان ئەپەندى، سىز بىلوگىڭىزنىڭ 习惯设置ئىزىدىكى RSS نى ئېچىۋەتمىدىڭىزمۇ قانداق؟
  • ھې ھې ھې! ئەجەپ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ! خاسلىققا ئىگەكەن
  • ئەسلى سىلە قىپتىكەنسىلە ھە ، بەك قىززى تۇيۇلۇپ قالدى