-
Microsoft Uighur نى پۈتۈنلەي ئوڭشاش ھەققىدە - [ئۇيغۇرچە]
2010-12-19
تورداشلارغا مەلۇم بولغاندەك Microsoft شىركىتى Vista دىن باشلاپ Windows مەھسۇلاتىغا Microsoft Uighur نامىدا بىر ئۇيغۇرچە فونت ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشتى. ھەمدە Tahoma, Sans-serif قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان قىلدى. ئەمما Windows قا قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur ئەرەبلەرنىڭ خەت ئۈستى ئاستىغا زىر زەبەر قويۇش ئادىتىنى ئۇيغۇرلاردىمۇ بار دەپ قاراپ، خەت غولى كىچىك ياساپ قويۇلغان.
بىر ئاي بۇرۇن تەكلىماكان بلوگ بىلەن Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىنىڭ لايھەلىگۈچىسى سۈرىيىلىك مۆمىن ساقال بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، windows 7 نىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىنىڭ كىچىك ياسىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە تەكلىپلەر بېرىلگەن ئىدى. مۆمىن ساقال ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ فونتنى كىچىك ياساشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: ئەرەب، پارسلار باشلانغۇچ كىتابلاردا سوزۇق تاۋۇش بەلگىلىرى (ئەرەبچە خەتلەرنىڭ ئۈستى ئاستىغا باشلانغۇچ كىتابلاردا قويۇلىدىغان زىر، زەبەر، ساكىن قاتارلىق بەلگىلەر) ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بۇ بەلگىلەر قويۇلغاندا خەتنىڭ بەك چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فونتلار كىچىك ياسىلىدۇ... بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ سوزۇق تاۋۇش بەلگىلىرى ئىشلتىدۇ دەپ ئويلاپتۇق دېدى.
ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەزەلدىن سوزۇق تاۋۇش بەلگىسى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى مۆمىن ساقالغا چۈشىنىشلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىشلەتكۈچىلەردىن بۇ ھەقتە چۈشكەن تەكلىپلەرنى يىغىپ، مىكروسوفتقا يوللايدىغانلىقى، ھەمدە مىكروسوفتنىڭ ماقۇللىقى قولغا كەلگەندىن كېيىن Microsoft Uighur فونتىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بەردى.
مىكروسوفت شىركى ئۆزى windows 7 گە قوشۇۋەتكەن Microsoft Uighur نامىدىكى بۇ فونت مىكروسوفت مەھسۇلاتىغا قوشۇلغان تۇنجى ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان مەھسۇلات بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى بۇ فونتنى ساككال گۈزەل سەنئەت لەيھە شىركىتى (مۆمىن ساقالنىڭ شىركىتى) گە تەخمىنەن 30 مىڭ دوللار پۇل بېرىپ ياساتقۇزغان (بولۇشى مۇمكىنكەن.).
مىكروسوفت شىركىتى يەنە Tahoma قاتارلىق ئەرەبچە ئېكران فونتلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق قوللايدۇ دەپ قارايدىكەن. مېنىڭ Tahoma فونتىنى سىناپ بېقىشىمچە، بۇ فونتتا ئۇيغۇرچ ئې ۋە ئى ھەرىپىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۇلىنىدىغان چىشلىق شەكلى سەت ئېگىز چىقىۋالىدۇ. ئېگىزلىكى ئا ھەرىپىنىڭ ئېگىزلىكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئەھۋال بەلكىم ئەرەب يېزىقىدا ئوتتۇردىن ئۇلىنىدىغان ئى ، ئې ھەرپلىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بىلىك كۇلۇبىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۆمىن ساقال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە مۆمىن ساقال tahoma قاتارلىق فونتلارغىمۇ تەكلىپلەر بولسا مىكروسوفتقا يەتكۈزۈپ قويدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ فونتلارغا تەكلىپ بەرگەننىڭ ۋە ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى:
ھازىر ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە فونتلار بەك كۆپ. UKIJ ، ئۇيغۇرسوفت، ئەلپىدا، ئالپسوفت، UKK ، دىگەندەك ناملاردا نۇرغۇنلىغان فونتلار بار. ئەمما بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى مىكروسوفت شىركىتى ياكى ئالما شرىكىتى تەرىپىدىن مەشغۇلات سېسىمىسى windows ياكى mac قا كىرگۈزۈلمىگەن. پەقەت بىردىنبىر Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىلا windows vista ۋە windows 7 گە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭلاشقا windows 7 ۋە windows vista مۇھىتىدا كومپيوتېرلار ھىچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا قاچىلىماي تۇرۇپلا، ئېنگلىزچىنى قوللىغاندەك ئۇيغۇرچىنىمۇ قوللايدۇ. بۇ مەشغۇلات سېستىمىلىرى ئومۇملاشقاندا .... ئەمەتنىڭ كومپيوتېرىدا ماقالە يېزىپ، سەمەتنىڭ كومپيوتېرىدا كۆرگىلى بولمايدىغان ئىشلار ئوڭشىلىدۇ.
ئەگەر سىزمۇ يۇقارقى مەسلىنىڭ بالدۇرراق ئوڭشىلىشىنى ئۈمد قىلسىڭىز، مۆمىن ساقالغا خەت يېزىپ، بۇ فونتنىڭ كىچىك ياسىلىپ قالغانلىقى ،،، سىزگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. تەكلىپ قانچە كۆپ بولسا ، Microsoft Uighur فونتى شۇنچە تېز ئوڭشىلىدۇ. Windows 7 تورخانىلارغىچە ئومۇملىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ ئىش پۈتۈپ كەتسە... كېيىن توربەتلەرگە weft لىق خەت نۇسخىسى ئېسىش ھاجەتسىز. خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە خەت يازغىلى بولغان ھەرقانداق كومپيوتېردا ئۇيغۇرچە خەتمۇ يازغىلى بولىدىغان بولىدۇ.
Microsoft Uighur ۋە باشقا فونتلارغا تەكلىپ بېرىش
Microsoft Uighur دىن باشقا يەنە Tahoma, Arial, Times New Roman, Microsoft Sans Serif قاتارلىق فونتلارنى مىكروسوفت شىركىتى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ فونتلاردىكى tahoma نى مەن سىناپ باقتىم. كۆرۈلگەن مەسلە يۇقارقىدەك.
بولسا Windows نىڭ ھەقىقى نەشىردىكى نۇسخىسىنى سېتىۋالغان تورداشلار... مۆمىن ساقال ۋە مىكروسوفتقا Microsoft Uighur نىڭ بەك كىچىك ياسالغانلىقى، ماقالە يازغاندا بۇ خەت نۇسخسى ئۈچۈن ئايرىم خەت چوڭلۇقى بەلگىلەشنىڭ بەك ئاۋارچىلىق ئىكەنلىكى، ھەم ئۇيغۇرچىنى ھەم باشقا يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىدە ... خەتلەرنىڭ چوڭلۇقىنى ئايرىم-ئايرىم بەلگىلەشنىڭ تېخىمۇ ئاۋارچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ... ئىنكاس يوللىسا.. بۇ مەسلە تېزراق ئوڭشىلىدۇ.
ئەگەر پەقەت Microsoft Uighur غىلا تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز مۆمىن ساقال ئەپەندىگىلا خەت يېزىڭ. ئۇنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: mamoun#sakkal.com ئاۋۇ # بەلگىسىنى @ گە ئالماشتۇرۇڭ. بۇ ئادەم ئەرەب خەتتالىق ساھەسىدە ناھايىتى ئابرويلۇق ئادەمكەن. شۇڭا خەت يازغاندا ناھايىتى سىلىق گەپ قىلىڭ.
ئەگەر Tahoma, Arial, Times New Roman, Microsoft Sans Serif قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى ھەققىدە تەكلىپ يازماقچى بولسىڭىز مىكروسوفت شىركىتىگە يېزىڭ. سىز windows نى سېتىۋالغان ۋاقتتا ئۇلار سىزگە ئالاقە ئۇسۇلىنى بەرگەن بولىدۇ.
ئەگەر سىز داڭلىق ماركىلىق كومپيوتېر سېتىۋالغان بولسىڭىز، Windows نىڭ ھەقىقى نەشىردىكى نۇسخسىنىمۇ بىللە قوشۇپ سېتىۋالغان بولىسىز. خەت يازغاندا ھەقىقى نەشىردىكى نۇسخىنى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەم بۇ نەشىردىكى ئۇيغۇرچە فونتتا كۆرۈلگەن مەسلىدىن مەيۈسلەنگەنلىكىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
تەكلىماكان بلوگ مۆمىن ساقال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت بۇ يەردە
http://bilik.co/bbs/thread-23023-1-1.html
Microsoft Uighur غا تەكلىپلەر بۇ يەرگە يىغىلغان
http://bilik.co/bbs/thread-23032-1-1.html
مۆمىن ساقال بىلەن تېلفون سۆھبىتى
http://bilik.co/bbs/thread-23163-1-1.html
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
بىز كىم دىگەن سەھىپىدە ئېلخەت ئادرېسىمىز بار. شۇنىڭغا خەت يازساڭلار بولىدۇ
MSN دا ئالاقىلىشىپ تۇرساق : uyker@hotmail.com
رەھمەت سىزگە. كەچۈرۈڭ . مەندە QQ يوق. بىز كىم دىگەن سەھىپىدە ئېلخەت ئادرېسىم بار. شۇنىڭغا خەت يېزىڭ. ياكى MSN غا قوشۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇ ئېلخەت Windows Live Messenger دىمۇ ئىشلەيدۇ. رەھمەت.
سىزنىڭ مۆمىن ساقال ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىڭىزنى كۆردۈم . ئەجەپ ياخشى ئىش قىلىپسىز ! مىللتىم سىزدىن سۆيۈنگۈسى !