-
Mozilla FireFox ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈپتۇ - [ئۇيغۇرچە]
2010-12-21
موزىللا Firefox ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان توركۆرگۈچ. ئۇنىڭ ئىناۋىتى IE دىن كۆپ يۇقىرى، بۇ يىلقى راي سىناشتا Firefox بىرىنچى، Google Chrome ئىككىنچى، IE ئۈچۈنچى بولغان. ئەلۋەتتە Mozilla Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتكىنى ھازىر يېڭىلىق ئەمەسكەن. بۇ 2008 -يىلىلا پۈتۈپتىكەن. بىر ئاي بۇرۇن يەنە 3.6 نۇسخىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى تەييار بوپتۇ. تېخى موزىللا شىركىتىنىڭ Firefox قا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەھسۇلاتلىرى مەسلەن Seamonkey قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى پۈتمىگەچكە ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى Firefox نى بىۋاستە تىل تاللاپ چۈشۈرۈش ئورنىدىن تەمىنلىمىگەندەك تۇرىدۇ. ئەمما موزىللا شىركىتى رەسمى تەمىنلەشتىن بۇرۇن ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلىدىكى خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە نۇسخىغا ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى يۈكلىسىڭىز بولىدۇ.
Mozilla ئوت تۈلكە (FireFox) نىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى
https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php?l=ug
Mozilla Firefox نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش (ئېنگلىزچە)
http://download.mozilla.org/?product=firefox-3.6.13&os=win⟨=en-GB
موزىللا Firefox ئەڭ يېڭى نۇسخىنى چۈشۈرۈش (خەنزۇچە - جۇڭگو ۋە خەلقئارا)
http://www.mozillaonline.com/
Mozilla Firefox ئەڭ يېڭى نۇسخا ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى
https://l10n.mozilla.org/narro/data/import/15/Firefox%203.6-ug.zip
ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى قاچىلاش ئۇسۇلى
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=394
موزىللا شىركىتىنىڭ تېزراق بىۋاستە ئۇيغۇرچە نۇسخىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنىز تەمىنلىشىنى ئۈمد قىلىمىز
موزىللا ئۇيغۇرچە نۇسخىنى ئىشلىگۈچىلەر ئېلان قىلغان يەنە بىر پارچە ماقالە
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=444مېنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان Mozilla Firefox ئىشلىتىشتىكى بىر قانچە سەۋەبىم
1. مىكروسوفت IE غا قارىغاندا سەل تېز.
2. ناھايىتى يەڭگىل، تېز قوزغىلىدۇ، سىغىمى كىچىك.
3. ۋىرۇس ئاسان يۇقمايدۇ.
4. ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى نورمال كۆرسىتەلەيدۇ.
5. ئىشلىتىش قولايلىق. ناھايىتى قولايلىق دىسەكمۇ بولىدۇ.
6. IE دە كۆرگىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن ھالەتتىكى توربەت ئەسلى كود ۋە رەسىملىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق Skydrive قاتارلىق بىر قىسىم رەسىم ئادرېسى بىلەن تەمىنلىمەيدىغان ھەقسىز بوشلۇقلاردىكى رەسىملەرنى بلوگ قاتارلىقلاردا تەمىنلەپ كۆرسىتىشكە بولدى.
7. ھەقسىز
8. ھەممە خەق داڭلايدىكەن بۇنى.
9. بىر نەرسە چۈشۈرۈشمەكچى بولساق تېز چۈشۈرىدۇ.
10. ئەمدى ئۇيغۇرچىسىمۇ چىقىۋېتىپتۇ.历史上的今天:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论