•    بۈگۈن قاراپ باقسام Wordpress شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى رەسمى ئىشقا كىرىشىپتۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى wordpress تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرۇش سۇپىسى ug.wordpress.com بىلەن باش بېكىتى ug.wordpress.org ئېچىلمايتتى. سىز wordpress باش بېكىتىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى wordpress ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرەلەيسىز ۋە بلوگىڭىزنى ئىلغارلاشتۇرالايسىز.
    ئادرېسى: http://ug.wordpress.org

  • موزىللا Firefox ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان توركۆرگۈچ. ئۇنىڭ ئىناۋىتى IE دىن كۆپ يۇقىرى، بۇ يىلقى راي سىناشتا Firefox بىرىنچى، Google Chrome ئىككىنچى، IE ئۈچۈنچى بولغان. ئەلۋەتتە Mozilla Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتكىنى ھازىر يېڭىلىق ئەمەسكەن. بۇ 2008 -يىلىلا پۈتۈپتىكەن. بىر ئاي بۇرۇن يەنە 3.6 نۇسخىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى تەييار بوپتۇ. تېخى موزىللا شىركىتىنىڭ Firefox قا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەھسۇلاتلىرى مەسلەن Seamonkey قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى پۈتمىگەچكە ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى Firefox نى بىۋاستە تىل تاللاپ چۈشۈرۈش ئورنىدىن

  • بۇ لۇغەتنى تۆنۈگۈن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىنى ئېنگلىزچىگە ياكى باشقا تىلغا ئۆرۈيدىغان سۆزلۈك ئامبىرى ئانچە مول ئەمەسكەن. ئەمما خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرى خېلى بولىدىكەن. ئېنگلىزچە - تۈركچە؛ ئېنگلىزچە - ياپونچە؛ ئېنگلىزچە - خەنزۇچە ۋە بۇلارنىڭ ئەكسى ئاساسەن تولۇقكەن

    English-Chinese-Japanese-Turkish-Uyghur Dictionary. Stardict

  • ئەگەر يانفوندا دائىم تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشكە مۇھتاج بولسىڭىز Yol.la تورى تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىكەن. www.yol.la ئادرېسنى يانفون توركۆرگۈچىنىڭ ئادرېس يېزىش ئورنىغا يازىپ كىرسىڭىزلا ئاپتوماتىك ھالدا يانفون ئىزدەش بېتىنى ئاچىدىكەن. ULY دا. ئىزدەش نەتىجىسىنى ھەم ULY دا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بىردىن-بىر يېڭىچە ئۇسۇلدا يانفوندا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشنى ھەل قىلغان توربېكەت.