-
Blog*Bus دا ئىككىدىن ئارتۇق گۇگول ئېلانى قويۇشقا بولمايدۇ - [توربېكەت كىرىمى]
2010-12-18
Blogbus نىڭ يازما بېتىنىڭ ئاستىدا بىر ئېلان بار. بۇ ئېلان Blogbus ئۆزى قويىۋالغان ئېلان. بۇ ئېلانغا Blogbus بەزىدە گۇگول ئېلانىنى ئالماشتۇرۇپ قويدىكەن. سىز بىلگەندەك Google بىر بەتكە ئۈچتىن ئارتۇق ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر سىز ئۆز تورتۇرايىڭىزنىڭ مەلۇم بېتىدە ئۈچ دانە گۇگول مەزمۇن ئېلانى تەڭ كۆرىنىدىغان تەڭشەپ قويسىڭىز. Blogbus نىڭ ئېلانىدىمۇ گۇگول ئېلانى كۆرۈنسە.. بۇ ئېلانلارنىڭ نورمال كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، گۇگول سىزنى كىلشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ ھىسابىڭىزنى توختىتىۋېتىشى مۇمكىن. Blogbus ئۆزى قويىۋالغان ئېلانلارنى يوقىتىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇل بار.
بۇ ئېلان جەدۋەل ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ، جەدۋەل ئىچىگە ئاپتوماتىك ئېلان قويۇلىدۇ. بۇنىڭ كودى يوشۇرۇن. بلوگقا بارلىق جەدۋەل ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چەكلەيدىغان كود قىستۇرسا ئېلان يوقايدۇ ئەمما ئۆزىڭىز قايتا ئېلان قويالمايسىز. سىز ماقالە بېتىنىڭ بىر بۇرجىكىگە قىستۇرغان ئېلانلارمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
يەنە بىر خىل ئۇسۇل JS ئاسما كودى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەخسۇس بۇ ئورۇندىكى ئېلاننى چەكلەش. بۇ خىل ئۇسۇلنىمۇ باشقىلار قوللىنىپ بېقىپتۇ. توربەت سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالىدىكەن. شۇڭلاشقا ھىچقايسىنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
بىر بەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا :
ئۈچ دانە مەزمۇن ئېلانى قويۇشقا بولىدۇ. Blogbus دا ئىككىنى قويۇشقا بولىدۇ. چۈنكى بلوگباس ئۆزى قويىۋالغان ئېلانمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزدا كۆرۈنىدىغان بولغاچقا بۇمۇ سىزگە ھىساب. كىلشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىماقچى بولسا سىزنىڭ ھىسابىڭىزنى ئاۋال توختىتىدۇ.
بىر بەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى دانە ئىزدەش ماتورى قويۇشقا بولىدۇ.
ئويۇن ۋە سىن ئېلانلىرىنى مەل ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم. لېكىن ماس كېلىدىغان بەت يوق.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
چېكىلىش نىسبىتى بىر كۈنلۈك ۋە ئوتتۇرچىسى ئايرىم ئايرىم ھىسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ دائىرسى بار