• Google نى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش - [Google ئۇيغۇرچە]

    2010-12-17

    Tag:Google-ug UG

    ھازىر گۇگولنىڭ بىز كۆپرەك ئىشلىتىدىغان مۇلازىمەتلىرىدىن توربەت ئىزدەش 70 پېرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرچىلاشتى، ئۈن-سىن ئىزدەش تەخمىنەن 40 پېرسەنتكە يېقىنلاشتى، رەسىم ئىزدەشتە تەرجىمە قىلىنمىغان يەنە 600 ئەتراپىدا سۆز(جۈملە) بار. Gmail نىڭ ئۇيغۇرچىسى 0 پىرسەنت ئەتراپىدا.Google Translator گە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمىدى.لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ئارىمىزدا كۆپ تىللىق كىشىلەر خېلى كۆپ، كۈنىگە بەش مىنۇتتىن ۋاقت چىقىرىپ قويساق ئۇزۇنغا قالماي دېھقانلارمۇ فرانسۇزچە، ياپونچە، ئىسپانچە، ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى 60 خىلدىن ئارتۇق باشقا تىللارغا ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلالايدىغان ماشىنا تەرجىمان سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ بىر ئاز-ئازدىن قىلغان ئەمگىكىمىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگۈسى.
       Gmail ۋە باشقا گۇگول مۇلازىمەتلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېستىن كىرىڭ.
    www.google.com/transconsole
    ئۇيغۇر تىلىنى 60 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلالايدىغان ماشىنا تەرجىمان ياساشقا قاتنىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېستىن كىرىڭ:
    http://translate.google.com/toolkit/list?hl=en#translations/active
    مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا يازمىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېسىتىن كىرىڭ:
    tag/google-ug
    گۇگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە باش بەت ئادرېسى:
    http://www.google.com/ug





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • بۇ يازمىنى بىلىملەر تورىدا ئىلان قىلاي دىگەن قوشۇلارسىزمۇ؟
    تەكلىماكان回复زىرەك ئۇيغۇر说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ
    2011-01-17 21:08:42
  • Digendek bashqa munberlerde ilan qilsaq
  • بۇ ماقالىڭىزنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلساق بۇلغىدەك ، ياخشى ئىش كەن بۇ ،. قايسى كۈنى گوگۇلنىڭ ئۇغۇرچە ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتكەن ئىدىم ، ئىرىشىپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئىرىشتىم