-
Adsense دا بولمىغۇر ئېلانلار چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك
2010-12-15
بۇ ھەقتە ئىلگىرى توردا تالاش-تارتىشلار بولۇپ ئۆتكەن. بەزىلەر Adsense دا بەزى قىلىقسىز ئېلانلارمۇ چىقىدىكەن. ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرگە قويغىلى بولمايدۇ...دىگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمەليەتتە توربېكىتىڭىزگە قانداق ئېلانلارنىڭ قويۇلسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى تولۇق كونترول قىلالايسىز. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
سىز Adsense ھىسابىغا تىزىملاتقان ۋاقتنىڭ ئۆزىدە، تور بېكىتىڭىزدە Adult Contents (پەقەت چوڭلارغىلا ماس كېلىدىغان قىلىقسىز مەزمۇنلار) كۆرۈنسە بولامدۇ ؟ دىگەن بىر تاللاش تۈرى بار. ئەگەر سىز بولىدۇ دىگەننى تاللاپ قويغان بولسىڭىز تور بېكىتىڭىزدە ئېھتىمال شۇنداق ئېلانلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مەيلى مۇشۇ سەۋەبتىن بولمىغۇر ئېلانلار كۆرۈنسۇن. ياكى سىز بۇ ئېلان تور بېكىتىمدە كۆرۈنسە بولمايتتى دەپ ئويلىغان ھەرقانداق ئېلاننى چەكلىيەلەيسىز.
بۇنىڭ ئىككى خىل ئاددى ئۇسۇلى بار. (Adsense يېڭى يۈزىدە)
1. Adsense ھىسابىغا كىرىسىز. سول تەرەپتىن 2-كونۇپكا (ئېلان كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلىش\چەكلەش) دىگەن تۈرنى چېكىپ كىرىسىز. ھەرقانداق ئېلاننىڭ ئاستىدا شۇ ئېلاننى بەرگۈچى ياكى نىشان توربېكەت ئادرېسى بولىدۇ. Adsense نىڭ بۇ يېرىگە كىرگەندە سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن ئېلان بەرگۈچىنىڭ تورئادرېسى دىگەن تۈرنى تاللاپ، شۇ ئېلانلارنىڭ تور ئادرېسىنى قوشۇپ قويسىڭىز، بۇ ئېلانلار بۇندىن كېيىن تور بېكىتىڭىزدە كۆرۈنمەيدۇ. ئورنىغا باشقا ئېلانلار كۆرۈنىدۇ.
2. ئېلان كونترول مەركىزىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش.
يەنە بايىقى .. Adsense قا كىرگەندىن كېيىن، سولدىن ئىككىنچى كونۇپكا ئېلان كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلىش\چەكلەش نى چېكىپ كىرىسىز. كىرگەن ھامان سىز ئېلان كونترول مەركىزىگە كىرمىدىڭىز، بۇ يەردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ دەپ چىقىدۇ. شۇ جايدىن تىزىملىتىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن، مەزمۇنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تور بېكىتىڭىزدە كۆرۈنىدىغان ئېلانلارنى كونترول قىلالايسىز.
ئېلان كونترول مەركىزىنىڭ ئېلان چەكلەشتىن باشقا نىشانلىق ئېلان كۆرسەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بار. مەسلەن توربېتىڭىز يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرۇلغان بەت بولسا، پەقەت يۇمشاق دېتال ئېلانلىرىنىلا، چەتكە چىقىش مۇلازىمەت بېكىتى بولسا، چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغىرسىدىكى ئېلانلارنىلا كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى يۇقىرلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
ئەلۋەتتە Adwords دا ئۇيغۇرچە ئېلان بەرگەنلەر ھازىرچە بايقالمىدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ئېلانلار كۆرۈنمەيدۇ. ئەگەر ھەر قېتىم يېڭى نەرسە يازغاندا ماقالىنىڭ ئاستىغا ئېنگلىز تىلىدا ياكى Adsense قوللاۋاتقان باشقا تىلدا ماقالىنىڭ ھالقىلىق مەزمۇنىنى ئىككى قۇر يېزىپ قويسا توربېكەتتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئېلان مەزمۇنىنى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تور بېتىڭىزگە قىززىققان كىشىلەر ئېلانغىمۇ قىززىقىدۇ.
سىناق: مەن ئۆتكەندە جېك بلوگىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئاستىغا ئىككى ئېنگلىزچە ماقالىگە چۈشەنچە يېزىپ قويغانتىم، ئىككى سائەت ئۆتمەيلا مەزكۇر ماقالە بېتىدە ئوكسفور ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇش ئېلانى كۆرۈندى.
بۇنداق بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ئېلانلارنىڭ چېكىلىش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى. قىسقىسى مەن گۇگولدىن بىر نەرسە ئىزدەپ قالسام، تېپىلماي ياندىكى ئېلاندا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسە بولسا، ئېلانن چېكىپ كىرىمەن.
قەستەن ھالقىلىق سۆز توپلاپ قويۇش Adsense كىلشىمىگە خىلاپ، بايقالسا ھىسابات توختايدۇ.
تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرى ھەرگىز ئېلان چېكىش ئۈچۈن كىرمەيدۇ. ئۆزى ياقتۇرغان مەزمۇننى كۆرۈش ئۈچۈن كىرىدۇ. شۇڭلاشقا قەستەن ھالقىلىق سۆز توپلاش توربەتتىن زىيارەتچىلەرنى ھەيدىگەندەكلا بىر ئىش..