• Coca Cola - كوكا-كولا ھالالمۇ؟

    2010-12-23

    Tag:CocaCola

    يېقىندا Coca Cola نىڭ تەركىبىدە قىزىل خانقىز (Cochineal) دەيدىغان مەينەت قۇرتنىڭ قېنى باركەن دىگەن گەپلەر تارقالدى. ۋە بۇ سەۋەبلىك كوكا-كولا شىركىتى سوتقا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ھەمدە بۇندىن بۇرۇن كوكا-كولا دىگەن سۆز ئەرەبچە مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە مەككە نى ئىنكار قىلغانلىق دىگەن بەزى قاراشلار، كوكا-كولا يەھۇدى دىينى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دىگەن سۆزلەر بىلەن كوكا-كولا سوتقا چىقتى ياكى ئەيپلەندى. تەركىبىدىكى قۇرت يوقتىش دورسىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن دىگەن ئەيپلەش بىلەن ھىندىستاندىن 20 يىل چېكىندى.بۇ شىركەت <كوكا-كولا> دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە ماركا قىلىپ تىزىملىتىپ، نەچچە يىللاردىن بۇيان رايونىمىزدا تىجارەت قىلىۋاتىدۇ..  تۆۋەندە Coca Cola ئۈستىدىكى بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئەيپلەشلەرنىڭ پاكتلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى، كوكا-كولا شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان باياناتلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىمىز.
     1.  Coca Cola دىگەن سۆز ئىسلامغا قارشى چىققان دىگەن قاراش
      بۇ قاراشنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن، لايھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق بىر ئەھۋالنى، ياكى كوكا-كولانىڭ ئۆز دائىرسىدىن ھالقىپ چەتئەللەرگە، ئىسلام ئەللىرىگە تارقىلىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانلىقى ھەققىدە ماقالىلەر كۆپ. بىز بۇلارنىڭ تارىخى ئۈستىدە توختالماي ئۇدۇللا تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايلى:

    يۇقارقى رەسىم تەكلىماكان بلوگ (ئامېروپا) دا بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان ۋە چۈشەنچە بېرىلگەن ئىدى. ئەمما ھازىر تەكلىماكان بلوگ ئامېروپانى ئېچىشقا ئىمكان بولمىغاچقا قايتا يوللىدۇق. ئاۋۇ ماركىنىڭ تەتۈرسىگە ئوخشاپ قالغان ئەرەبچە خەت <لا مۇھەممەد، لا مەككە> دىگەن سۆز بولۇپ، مۇھەممەت ئەلەيسھسالام پەيغەمبەر ئەمەس، مەككىنى ئىنكار قىلىمىز دىگەنلىك بولىدۇ.
       ئەمما بىز بۇ ئەھۋالنى كوكا-كولا شىركىتىنىڭ مونۇپوللىقىغا چىدىمىغان شىركەتلەرنىڭ قەستەن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، مۇسۇلمانلارنى ئارىغا سېلىپ، كوكا-كولانىڭ ئىناۋتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى دەپ قارايمىز.
      Cocacola دىگەن سۆزنى پەقەت لاتىن ھەرىپى بىلەن سولدىن ئوڭغا ئوقۇشقا بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ماركىنىڭ تەتۈر يېزىلىشىنىڭ بىرەر باشقا خەتكە ئوخشاپ قېلىشى ئەينى ۋاقتتا بۇنى لەيھەلىگۈچىلەرنىڭ غەرىزىنى چۈشەندۈرۈشى ناتايىن.
     بۇ سەۋەبلىك كوكا-كولا شىركىتى بايانات ئېلان قىلدى. تۆۋەندە كوكا-كولانىڭ باياناتى:
      بىزنىڭ ماركىمىز 1886 -يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە لايھەلەنگەن. ئۇ چاغدا بۇنى لايھەلىگۈچىلەر ئەرەبچىنى پەقەتلا بىلمەيتتى. كوكا-كولا تۇغى ئەزەلدىن ئىسلام دىينى ياكى ھىچقانداق دىينغا قارشى كۆزقاراشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ماركىنى لايھەلىگەن ئەمەس. ھەم بۇ ماركىدا ئىسلام دىينىغا قارشى كۆز-قاراش ئىپادىلەيدىغان ھىچقانداق مەنا يوق.
       كوكا-كولا شىركىتى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا تىجارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ شېرىكلىرى ۋە پاي قوشقۇچىلىرى ھەرقايسى دىندىكىلەر ۋە دۆلەتتىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان شېرىكلەرمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بىز ئۇلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىۋاتىمىز. ئەزەلدىن ئىسلام دىينى ياكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۆز قارشىمىز يوق. ئاددى بىر مىسال ئالايلۇق: پەلەستىننىڭ رامئاللاھ شەھىرىدە كوكا-كولا ئىچىملىكلىرىگە بوتولكا ياساپ تەمىنلەيدىغان چوڭ شېرىكىمىز بار. ئۇ پەلەستىنلىك مۇسۇلمان. ھەم بۇ شىركەتتە 200 دىن كۆپ مۇسۇلمان ئىشلەيدۇ... بۇ شىركەتتە ياسالغان بوتولكىلارغا ئوتتراشەرق ۋە باشقا رايونلاردىكى كوكا-كولا ئىچىملىكى قاچىلىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى شىركىتىمىزدە 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئىشچى ئىشلەيدۇ.
        كوكا-كوكالانىڭ باياناتى كوكا-كولا باش شىركەت تورىدىكى ئادرېسى؛
    myths_rumors/middle_east_subliminal.html
      كوكا-كولا ماركىسىنىڭ بۇ ۋەقەسى چوڭ غۇلغۇلا قوزغاپ مۇسۇلمانلار ئىچىملىك بازىرىدا ئىككىلىنىش ۋە كوكا-كولاغا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 1990 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان تەشكىللىگەن مەخسۇس كومتىت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان سودا مىنىستىرلىكى كوكا-كولا ماركىسى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە كوكا-كولا ماركىسىدا ھىچقانداق ئىسلام دىينىغا قارشى كۆز قاراش ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ تەتۈر يېزىلىشى مۇنداق مەنە ئىپادىلەيدۇ دىگەن سۆزلەر يالغان دەپ ئېلان قىلدى.
    2000 - يىلى مىسىر ئەزھەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئىمامى شەيخ ناسىر فەرد ۋاسسال ئەپەندى ئۆزى قول سېلىپ، كوكا-كولا ماركىسىنى تەكشۈردى ۋە بۇ ماركىدا ھىچقانداق ئىسلامغا قارشى كۆز-قاراش، سۆز-جۈملە ئىپادىلەنمىگەن. بۇ ھەقتىكى سۆز-چۆچەكلەر ئويدۇرما دەپ ئېلان قىلدى.
       كوكا-كولا شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىن ۋە باشقا ئورۇنلاردىن يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر ھەققىدىكى تەپسىلى ماتېرىياللارنى تاپالايسىز. شۇڭلاشقا كوكا-كولانىڭ ماركىسى ئىسلامغا قارشى دىگەن سۆزلەر يالغان. بۇ پەقەت كوكا-كولا دەك دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ماركىغا ھەسەت قىلىدىغانلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئوتتۇرغا سېلىپ كوكا-كولاغا زەربە بېرىشتىكى ھىيلىسى.
      2. كوكا-كولا يەھۇدىلارنىڭ شىركىتى. ئۇ يەھۇدى دىينى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دىگەن قاراش.
    يۇقاردىكى ماركا ۋەقەسىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، كوكا-كولا يەھۇدى دىينى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، پۇلىنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرىدىغان ئۇرۇشلارغا بېرىدۇ دىگەندەك سۆزلەر تارقالدى.
     بۇ ھەقتە كوكا-كولا شىركىتىنىڭ باياناتى:
    ياق. كوكا-كولا يەھۇدىلارنىڭ شىركىتى ئەمەس. كوكا-كولا جەمەتى يەھۇدى دىينى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ ياكى ھىچقانداق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ ھەم ھىچقانداق بىر دىن ياكى مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. بىز شۇنداقلا ھىچقانداق دىن، ھۆكۈمەت ۋە ھىچقانداق مىللەتكە قارشى تۇرمايمىز. ۋە بىرەر ھۆكۈمەت، دىن ياكى مىللەتنى قوللاپ بىر نەرسە قىلىدىغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايمىز. ھىچقانداق مىللەت ۋە دىن كىشىلىرىنى چەتكە قاقمايمىز. بىزنىڭ شېرىكلىرىمىز، كوكا-كولا شىركىتىنىڭ پايچېكلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئىچىدە ھەرخىل مىللەت، ھەرخىل دىندىكى كىشىلەر بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر مەبلەغ سېلىش ۋە پايدا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەمدە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ كوكا-كولاغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ. كوكا-كولا ھەققىدىكى بۇ ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كوكا-كولاغا ھەسەت قىلىدىغانلارنىڭ ئويۇنى.
      شىركىتىمىزنىڭ ئەلۋەتتە ئىسرائىلىيەدىمۇ تارمىقى بار، ئەمما مەيلى ئىسرائىلىيە بولسۇن، ياكى مۇسۇلمان ئەللىرى بولسۇن، ھەممىسى مالىيە ۋە باشقا ئىشلاردا ئوخشاش پىرىنسىپ بويىچە ئىش بېجىرىدۇ.
    كوكا-كولانىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئادرېسى:
    /myths_rumors/middle_east_jewish.html
    تەكلىماكان بلوگنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا كۆزقارشى:يەھۇدىلار بىلەن مۇسۇلمانلار (ئاساسلىقى ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلار) ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. نۇرغۇن رىقابەتچىلەر بۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب رايونىدا كېڭىيىۋاتقان رىقابەتچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولىشىدۇ. كوكا-كولا يۇقىرقى باياناتىدا ئېلان قىلغاندەك، ئۇنىڭ دۇكان-سارايلىرى ۋە تارماق شىركەتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. شۇنداقلا رايونىمىزدىمۇ ئۇيغۇرچە ماركا ئاسقان دۇنياۋى كارخانىلارنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كارخانىلار ۋە بايلار پۇل تاپسا، يىتىم-يېسىرلارغا، دوختۇرخانا ۋە دىينى جەمئىيەتلەرگە پۇل ئىئانە قىلىدىغان ئىشلار بار. ئۇيغۇر بايلار مەسچىد مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلغاندەك، كوكا-كولامۇ بۇنداق ياردەملەرنى قىلغان بولۇشى ياكى قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ياردەم ئوبېكتى دىينى جەمئىيەت، نامراتلار بولۇشىمۇ ياكى ئەرەب ياكى يەھۇدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللارغا قاراپ... مەلۇم شىركەتنى مەلۇم دىننى قوللاپ مەلۇم دىننى يوقىتىشقا كۈچ قوشىدىغان شىركەت دەپ ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا بولمايدۇ. كوكا-كولا باشقا نۇرغۇن ئىچىملىك ياساپ ساتىدىغان شىركەتلەرگە ئوخشاشلا ئىچىملىك تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدى دىينىنى يۆلەپ، ئىسلام دىينىغا قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق جىڭغا توختىغىدەك دەلىل يوق. شۇڭا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەيلى !
      3. كوكا-كولانىڭ تەركىبىدە زەھەر بار دىگەن گەپلەر.
    بۇ ئۆسەكلەر كوكا-كولانىڭ رىتسىپىنى مۇتلەق مەخپى تۇتىشى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان رىتسىپنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ 10 غا يەتمەسلىكىدەك مۇتلەق مەخپىيەتلىكىدىن پايدىلىنىپ توقۇلغان. ئوخشىمايدىغان يېرى ئالدىنقى ئۆسەكلەر مۇسۇلمانلارنى ئىچمەسلىككە دەۋەت قىلغان بولسا، بۇ خىل ئۆسەكلەر غەربلىكلەرنى كوكا-كولا ئىچمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇقۇلغان. ئۆسەك سۆزلەرنىڭ مەزمۇنى:
      كوكا-كولادا نۇرغۇن ئەرەبلەر ئىشلەيدۇ، كوكا-كولا ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن تېرورچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىم پىششىقلىشى ئارقىلىق ئاستا خاراكتېرلىك زەھەر ئارلاشتۇرۇلغان. ئىچكەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، كېسەل پەيدا قىلىدۇ ... دىگەندەك.
      غەرب ئەللىرىدە تارقالغان بۇ سۆز-چۆچەكلەرگە قارتا ھەم كوكا-كولا شىركىتى بايانات ئېلان قىلدى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ باياناتى:
    كوكا-كولا شىركىتى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان شىركەت، كوكا-كولا مەھسۇلاتلىرى ھەربىر ھالقىدا قاتتىق سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ. كوكا-كولا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەنگەندىن تارتىپ، سېتىلغىچە بولغان ئارلىقتا قاتتىق بىخەتەرلىك نازارىتى ئاستىدا بازارغا كىرىدۇ. كوكا-كولا تەركىبىدە تېرورچىلار ئارلاشتۇرغان زەھەر بار دىيىش يالغان.
    بۇ باياناتنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرەلەيسىز:
    myths_rumors/middle_east_grocery.html
      بۇنى يېزىپ كېتىۋېتىپ ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 1977 -يىلى كوكا-كولا 120 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەۋاتقاندا ھىندىستاندا كوكا-كولا تەركىبىدىكى قۇرت يوقىتىش دورىسىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن دىگەن ئەرز تۈپەيلىدىن سوتقا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ھىندىستان تەرەپ كوكا-كولانىڭ يا رىتسىپىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش يا ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشنى بۇيرىدى. كوكا-كولا شۇ يىلى ھىندىستاندىن چىقىپ كەتتى.
      16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كوكا-كولا شىركىتى يەنە ھىندى سودا تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ھىندىستانغا قايتا كىردى ۋە ئوخشاش ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. 2006 - يىلى پەپسى كولا شىركىتىمۇ ھىندىستاندا رىتسىپىنى ئاشكارىلاش ياكى ھىندىستاندىن كېتىش بۇيرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
      تەكلىماكان بلوگ... ھىندىستاندىكى بۇ ئەھۋاللارنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىللى كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ چوڭ مونوپوللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شىكايەتلىرىدىن پايدىلىنىپ قوللانغان تەدبىرى دەپ قارايدۇ.
    4. كوكا-كولا مەينەت قىزىل خانقىز قېنىنى رەڭ تەڭشەشكە ئىشلىتىدۇ دىگەن سۆزلەر
      يېقىندا تارقالغان Cochineal ، ئۇيغۇرچە قىزىل خانقىز قېنى ئارقىلىق كوكا-كولانىڭ رەڭگىنى تەڭشەيدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ - سۆزلەر خېلى ئەۋج ئالدى. قىزىل خانقىز جەنۇبى ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۆمۈچۈك تۈرىدىكى ھايۋان بولۇپ، جەنۇبى ئامېرىكىدا ئىنتايىن كۆپ، بەدىنىدە ئۆزىنىڭ قېنىغا ئوخشاش بىر خىل رەڭ كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇشۇ قىزىل خانقىز قېنى ئارقىلىق پاختا قاتارلىق بويۇملارنى بويايدۇ. بۇ سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ئېسىل بوياق ماتېرىيالى. ئەمما مەينەت ۋە زەھەرلىك بولغاچقا يىمەكلىكەرنى بوياشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تۆۋەندە قىزىل خانقىزنىڭ رەسىمى ۋە ئۇ ئىشلەيدىغان كىسلاتانىڭ خىمىيىلىك فورمىلىسى؛


    كوكا-كولا شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى:
    كوكا-كولا تەركىبىدە Cochineal (قىزىل خانقىز) نىڭ تېنىدىن ئېلىنغان نەرسە يوق. بىز كوكا-كولاغا رەڭ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىشلەتمەيمىز.
    باياناتنىڭ ئەسلى كوكا-كولا شىركىتى تورىدىكى ئورنى:
    myths_rumors/packaging_cochineal.html
    5. كوكا-كولا تەركىبىدە ھارام نەرسىلەر بار، مۇسۇلمانلار ئىچىشكە بولمايدۇ دىگەن سۆزلەر
      كوكا-كولا ھازىرغا قەدەر رىتسسىپىنى ئاشكارىلاپ باقمىدى. شۇڭلاشقا ئەلۋەتتە بۇنداق سۆزلەرگە ئۇدۇللا ئۇچرايدۇ.
    كوكا-كولا شىركىتىنىڭ كوكا-كولا تەركىبىدە ھارام نەرسىلەر بار دىگەن سۆزلەرگە قارىتا باياناتى:
      بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى چۈشىنىمىز، كوكا-كولا تەركىبىدە ھايۋانات تېنىدىن ئېلىنغان ياكى مۇسۇلمانلار ئىستىمال قىلسا بولمايدىغان ھىچقانداق تەركىب يوق. مەھسۇلاتلىرىمىز سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ھىندىنوزىيە ، پاكىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىدىن ئۆتكەن. كوكا-كولا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ھىچقانداق ئىچىملىك تەركىبىگە ھارام نەرسىلەنى ئارلاشتۇرمىدۇق.
    باياناتنىڭ ئەسلى ئادرېسى؛
    myths_rumors/middle_east_vegetarians.html
    6. كوكا-كولا ھەققىدىكى باشقا گەپ سۆزلەر.
    ئەنگىليە ۋە ئامېرىكىدا كوكا-كولا شىركىتى يەنە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن سوتقا تارتىلغان، ئەيىپلەنگەن. مەيلى قانداق گەپ سۆزلەر تارقىلىشىدىن قەتئىنەزەر... بۇ ئۆسەك سۆزلەرنىڭ بىۋاستە سەۋەبى كوكا-كولانىڭ رىتسىپنى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇتلەق مەخپى تۇتالىغانلىقىدا.
      خۇلاسە:
    كوكا-كولا شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىچىملىكىلىرى تەركىبىگە ھىچقانداق ھايۋانات تەركىبى قاتمىغانلىقى، مۇسۇلمانلارغا تامامەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما رىتسىپى مۇتلەق مەخپى، تەركىبى ئېنىق بولمىغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن مۇتەخەسسىلەردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. كوكا-كولا گەرچە ئۆزىنى ئەيپلەيدىغان يۇقارقى سۆز-چۆچەكلەرگە قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ رىتسىپى ئېنىق بولمىغاچقا مەن ئارتۇق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.
      دىيارىمىزدىكى كوكا-كولا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانلىرى









    كوكا-كولا رېژىسسورى ئېلان بەرگەندە ئۇيغۇر قىزىنىڭ كىندىكىنى ئاچمىدى. تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورىغا مەنسۇپ.






    ئابدۇللا ئابدۇرېھىم كوكا-كولانىڭ ئېلانىدا




    نۇربەكرى ۋە ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر كوكا-كولا ئىچمەكتە. خوشە!

    يۇقارقى ئۈچ پارچە رەسىمنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنخۇا تورىغا تەۋە.
    ئۇيغۇرچە ماركا چاپلانغان كوكا-كولا ئىچىملىكى


    ئەركىن ئابدۇللا كوكا-كولانىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئېلانلىرىدا
    بۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى ئەركىن ئابدۇللا بلوگىدىن، بىر قىسمى باشقا جايلاردىن تېپىلغان




    مېنىڭ بىلىشىمچە ئۈرۈمچى چوڭ بازاردا يەنە ئەركىن ئابدۇللا ۋە ئۇيغۇرچە ياسانغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ كوكا-كولانىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ چىققان ئۇيغۇرچە ئېلانى بار.
    بۇ تېمىنى  گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلماقچى، ياكى باشقا توربەتلەردە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىڭ.
    بۇ تېمىنى تەكلىماكان بلوگ ئامېروپادا كۆرۈش

    Rumors about Coca Cola and Responses of Coca Cola company to these Rumors. Rumor: Boycotting Coca-Cola makes a statement against America and American (foreign) policies Rumor: The Coca-Cola Company is a Jewish company. (Variations of this rumor suggest that the company is affiliated with the Mormon religion.) Rumor: Warning not to buy Coca-Cola due to possible contamination by terrorists Rumor: Coca-Cola contains material making it unsuitable for vegetarians and Muslims Rumor: Coca-Cola contributes profits to Israel Rumor: Coca-Cola runs advertising that is offensive to Muslims Rumor: Anti-Muslim messages appear in graphics (No Mohammed, No Mecca)

    分享到:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • كوكا-كولا رېژىسسورى ئېلان بەرگەندە ئۇيغۇر قىزىنىڭ كىندىكىنى ئاچمىدى. ياخشى بوپتۇ.
  • كوكا-كولا دىگەن ماركا خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئېنگىلىسچىسى ئوخشاش ئۇسلۇپتۇ يېزىلىپتۇ
  • كولادا كافېيىن بار .
    قىزىل كالدىمۇ بار .
    ئىچسىڭىز خۇمار بولۇپ قالىسىز (خۇددى تاماكىدەكلا)
    كافىيىن سىزنىڭچە ھالالمىدۇ؟
    تەكلىماكان回复Majeed说:
    مېنىڭچە كوكا-كولانىڭ ئىچىشكە بولمايدىغان يېرى، ئۇنىڭدا كافېيىن بولغانلىقىدا ئەمەس، كوكا كولا خۇرۇچلىرىنى ئەزەلدىن ئاشكارىلاپ باقمىدى. شۇڭا ئۇنىڭدا ھەرقانداق نەرسە بار دېيىش يالغان گەپ، ھەم خۇرۇچلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان نەرسە شۈبھىلىك نەرسە قاتارىغا كىرىدۇ. نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ يېيىش ھالالمۇ دەپ ئويلاش كېرەك؟
    2010-12-31 15:34:59
  • تەكلىماكان بىلوگى بۇنى( ئىچىڭ )دەپ ئۇقتۇرۇش قىلماپتۇ،پەقەت بىر قىسىم مەسىللەرگە قارىتا چۈشەنچە بىرىپتۇ، ئىچىش ئىچمەسلىك ھەركىمنىڭ ئىىختىيارىدا.
  • قاراپ باقسام سىزنىڭ بىلىمىڭىز ھەر ترەپلىمە ئىكەن ، بولسا پىپسىي تۇغۇرلۇق بىرەر چۈشەنچە بەرسىڭىز ، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز ئىچىدۇ ئۇنى ، ھەربىر ھەرىپى بىر مەناغا ۋەكىللىك قىلىدىكەنغۇ ؟
  • men yenila Koka Kolani bayqut qilimen. yehudugha ishinishke bolmaydu.
  • مەن ئەزەلدىن ئىچمەيمەن بۇنداق ئىچىملىكلەرنى... ئۆپكەمگە كېتىدۇ. بىلىۋالدىم... رەھمەت
  • چۈشەندىم. رەھمەت
  • "كوكا-كولا رېژىسسورى ئېلان بەرگەندە ئۇيغۇر قىزىنىڭ كىندىكىنى ئاچمىدى" بۇيەر مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى !
  • يېقىندا بىرمۇنچە رەسىملەرنى كۆرۈپ ئىچمەسلا بولغان. توردىنمۇ بۇ توغۇرلۇق ھەققىقى خەۋەرلەر تاپالمىغاچقا ئۇ رەسىملەرگە ئىشىنىپ قاپتىمەن، مېنىڭچە بۇ شىركەتلەر پۇل بىلەن قارشىلاشمايدۇ ئەلۋەتتە !
  • مەن بۇ يەردە بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلماقچى ئەمەسمەن.
    پەقەت ئۇلارنىڭ يېزىقىمىزغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويدۇم.
  • قەتئى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن .
  • مىنىڭچە شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس . پۇل ئۇچۇن ھەر ئىشلارنى قىلىدۇ .ئۇ يەھۇدىيلار
    ئۆزلىرى بايانات ئېلان قىلىپ ھەرنىمە دىگەن بىلەن كىم بىلىدۇ نىمىلەردە ياسايدىغىنىنى .
  • چەتئەللىكنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ماختاپ 20نەچچە كۈن سەرپ قىلغۇچە، ئۇيغۇرشىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىرەر كۇن ۋاقىت چىقىرىپ ئېلان بىرىپ قويسىڭىزچۇ كاشكى .
    تەكلىماكان回复ئەلنىدا说:
    تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. تەكلىماكان بلوگدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ماقالە ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇرچە تور پروگراممىلىرى توغىرسىدا ئىدى. مەن تېخىمۇ دىققەت قىلاي
    2010-12-23 22:36:25
  • blogqa yollap koydum apu qilqsiz
  • way niandk kop gap bu ??????
  • شۇ چاغلاردامەنمۇ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالغانتىم. بۇ ماقالە بەك ياخشى يىزىلىپتۇ...
  • ئىلگىرى بەزى توربەتلەردە كوكا-كولانىڭ ماركىسىنىڭ تەتۇر يىزىلغاندىكى ھالىتىنىڭ ئىسلامغا قارشى مەنە ئىپالدىلەيدىغانلىقى توغۇرسىدىكى ماقالىلەر ئىلان قىلىنغاندا كوپ ئادەملەرنى گۇمانغا سىلىپ قويغانتى.
  • ئويغۇرچە خەتنى نورمال يېزالمىدىغۇ? بلوگنى كۆركەم تەڭشەپسىز ، بۇ كوكا كولانىڭ ھالال ھاراملىقى توغرىسىدىكى تىمىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ ، . ئەسلىدىكى باشلامچىدە سىز ، مىنى بىلوگ ئۇتىغا ئىتتىرگەن
  • ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، كوكا-كولا توغرىسىدىكى يۇقارقى ئەپقاچتى گەپلەر چىققىلى خېلى بولغان ئىدى.
  • ھىم... شۇنداق قىلىپ قانداق قىلىدىغان بوپ كەتتۇق ؟
  • شىنلاڭ بلوگىدىكى رەسىملەرنى قانداق قىستۇردىڭىز... ئەسلى كۆرۈنمەيتىغۇ؟
    تەكلىماكان回复كۆكلەم说:
    يامان مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلدىغان بالكە ماشۇ
    2010-12-23 03:54:27
  • بۇ ماقالە بەك ياخشى، تەپسىلى يېزىلىپتۇ. ساقلىۋالدىم.